ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى
(ئەڭ ئاخىرقى شىئرىم)
شۇنچە ئىسىل ياراشقان، قۇيۇق بۇرۇت ساقىلىم،
ھۆركىرىسەم ئاۋازىم كىتەر ئۈچ -تۆت چاقىرىم،
يۇغان بوي بەست بەدەننى ماڭا بەرگەن تەڭرىم،
جىسمانىي شەرت تەق تۇرۇپ، ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى.
بىلىكىمدە ئەخلەتتەك، دۆۋىلەنگەن كۈچۈم بار ،
كەڭ يەلكەمگە يارىشا ،مەيدەمدە قارا تۈكۈم بار،
جان ساقلاشتىن ئىبارەت،زىممەمدە چوڭ يۈكۈم بار،
بەش ئەزايىم ساق لېكىن ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى.
كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماقنى ،يەپ تۇرىمەن جايىدا،
پالاقلاپلا يۈرىمەن ،پۇچەك ئىشقا خالىدا،
بىلمىگەنلەر ھۆرمەتلەر،تېخى مىنى گاھىدا،
تەقى تۇرقۇم راست ئەردەك،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى.
مۈدۈرۈپلا يۈرىمەن،شەخسى مەنپەئەت يولىدا،
پۈتكۈل ئەس ھوش خىيالىم،ئالدىن بېيىش كويىدا،
مەۋجۇت ئەمەس كوللىكتىپ، كەمىنىڭ ئويىدا،
مەنپەئەت دىسە جان تەسلىم ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
مىنىڭ ماڭغان يۇلۇمغا باشقا كىشى ماڭمايدۇ،
ئېرىقىمدا ھەتتاكى لالما ئىتمۇ ياتمايدۇ،
ئېشىكىمنى ھېچكىشى ھارۋىسىغا قاتمايدۇ،
تىرىكدۇر مەن رۇلۇم يوق ،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
يەپ باقمىدىم ئەزەلدىن ،مىللىتىمنىڭ غېمىنى،
ھارام دىمەي يەۋالدىم ،بىراۋلارنىڭ نېنىنى ،
ھۈنەر بىلەن شورىدىم ،مىللىيلىكنىڭ قېنىنى،
مىللەت دىسە ۋىجدانىم ،ئەر دىمەيدۇ ئۈزۈمنى.
كۈندە ئۆرە يۈرسەممۇ، ھېچ بەرمىدىم ئەلگە نەپ،
توغرا نىشان ئۈزۈمگە،بىرەلمىدىم بەلگىلەپ،
مەندەك لاتا بەللەردىن ،يىتىشتۈردۇم ھەسسىلەپ،
ئەجداد ،تارىخ ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى ،ئەكىس ئەتمەس مىڭەمدە،
ئۈزەمنىلا ئويلايمەن،ھەر ماڭدامدا قەدەمدە،
يوقتەك ۋەتەن سۆيگۈسى ،ھىس قىلىمەن زىممەمدە،
يۇرتۇم دىسە باشقىلار ،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى،
سورۇنلاردا ياندۇرماي ،كۈتۈرىمەن رومكىنى،
پۇل خەجلەشتە ،ھەپتىدە بىكارلايمەن سومكىنى،
ئورغىقىم يوق ئورىمەن ،لاپ سېلىشتا ئورمىنى،
كۈنۈم ئۈستەل ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
سىڭلىم ماڭدى دىباغا ،<<ھاي توختاپتۇر >>دىمىدىم،
ئاچام ئۈيگە كەچ قالدى ،سەۋەپ سوراپ يۈرمىدىم،
مەسئۇل بۇلۇش تۇغقانغا دىگەن نىمە بىلمىدىم.
شەجەرەمنىڭ ئالدىدا ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
ئاكام چىكىپ يۈرىدۇ،نەشە بىلەن تاماكا ،
دوستۇم ساتار زەھەرنى ،شۇ قاراڭغۇ بازاردا،
زۇرۇر ئىدى نەسىھەت ، قىلمىدىم مەن گاھىدا،
جەمىئىتىم ئالدىدا،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
تۆت بەش لۈكچەك بىر قىزنى ،بوزەك ئىتەر قامچىلاپ،
ئاڭلىساممۇ نالىسىنى،ئۈتۈپ كەتتىم يانچىلاپ،
ئېقىپ چۈشەر جىسمىمدىن،بىپەرۋالىق تامچىلاپ ،
ئادىمىيلىك ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
دوستۇم مەندىن سورايدۇ، قىز ئالداشتا مەسلەھەت،
يول كۆرسەتتىم ئۇنىڭغا ، غەلىبە قىلدى نەچچە رەت ،
بىرەلمىدىم تەربىيە ، ياكى ئازپاز نەسىھەت،
مەن مۇشۇنداق بەندىمەن ، ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
سۈيەلمەيمەن يۈرەكتىنن ، بىر مۇسۇلمان قىزىنى ،
بويلىمايمەن يا بۇۋام ،ياكى دادام ئىزىنى،
بىرى ياپسا تېزىنى ، مەن ئاچىمەن مېزىنى،
ئەتمىشلىرىم گۇۋاھكى ،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
ئاتا-ئانام ياشانغاچ ،تارتتى قېرىلىق دەردىنى،
خەقلەر ماڭا يەتكۈزدى ،ئاتا ئانام ئەرزىنى،
مىنى باقتى مەن پاخال ،قىلدىم ئۇلار ئەجرىنى،
ۋاپادارلىق بابىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
خۇتۇن بالام نەلەردە، مەن بۇنىڭدىن بىخەۋەر ،
شۇكۇر دەيمەن بىر ئۆزەم بولسام ساپساق بىخەتەر،
ئۆي سۆيگەنىلىك مىنىڭچە ساراڭ بىلەن باراۋەر ،
مەن ئومۇمى نۇقتىدىن ،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
سېتىپ كەلدىم سورۇندا ،ئەر توغرۇلۇق سەپسەتە،
ھېچ ئىزنا يوق ئېڭىمدا ،مىنىڭ ئەرلىك ھەققىدە،
خام خىيال ۋە پۇچەك ئىش ،يۈرىكىمدە لىققىدە،
ھەم سۇبىكتىپ نۇقتىدىن ،ئەر دىمەيمەن ئۈزۈمنى.
ئاچتىم بۇگۈن دوستلىرىم ،ئەرلىك دىگەن كۈزۈمنى،
ئېيتىۋالدىم سىلەرگە،يۈرەكتىكى سۈزۈمنى ،
ئۆسمۈر تۇرۇپ بىر نۆۋەت ، قېلىنشىتتىم يۈزۈمنى،
گەر ئۆزگەر سەڭ ھەقىقىي ،ئەر دىگەيمەن ئۈزۈڭنى
.
چىن مودەن تەستىقلىدى