alga~nap 
     
  
   
ھالىتى :
  
   
  
   
  دەرىجە: تىرىشچان ئەزا 
  نادىر تېما: 
  
  0
  
   
  يازما سانى: 597 
  شۆھرەت: 598 نۇمۇر 
  پۇل: 5705 سوم 
  
  تۆھپە: 0 نۇمۇر 
  
  توردىكى ۋاقتى:121(سائەت) 
  
  
  ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-06 
  | 
 
 
 
 
 
 
 يەيدۇ نامەرد بۇلۇڭدا بەتتىنى ، مەردبىرىدۇ تاپسا بىر نان تېڭىنى. قاچسا نامەرد بىمار -مىيىپنى ، مەردئايىماس كىرەك بولسا جىنىنى .
  قىز ئۈچۈ ن دۇنيادا نىمە قىممەتلىك ، چىرايمۇ ۋەياكى ئالتۇن بىلەيزۇك . ياق دوستۇم ھەممىدن بىلىم ئەلادۇر، ئۇنىڭسىز قىز ئەسلا بولالماس تۈزۈك.
  بەك قىزىق بولىدۇ دۇنيانىڭ ئىشى ، يولۇقار دەشنەمگە ساپ ۋىجدان كىشى . ھەقىقەت مىزانىنى تۇتقانلار ئۈچۈن ، بىلەكلىك ھەسەتخۇر ،ئىبلىسنىڭ چىشى.
  دۇشمەننىڭ قەستىدىن ئوچۇ ق نىشانى ، چوڭدۇر بى ۋاپادوستنىڭ زىيانى . ئاۋۇ باھانە تىپىپ چىقىلار ، ماۋۇ ئالدىڭدا ئويناپ سامانى.
  بارمىدۇ دۇنيادا ئۆچمەيدىغان ئوت، باردىسە،قەلبىڭدە يىنىشىنى كۈت. يانمىسا ئەل ئۈچۈن سۆيگۈ گۈلخانىڭ ، ئادەمدىن تۆرەلگەن ھايۋان بولۇ پ ئۆت.
  ئەمەس ھىچ كىشىگە بۇ دۇنيا باقى ، قەلبىمدە ئەل-ۋەتەن دىيار پىراقى. مۇستەسنا خىيالىم مونكىر -نىكىردىن ، ئىڭىمدا ھەر قاچان ئەۋلاد سوراقى.
  بەزىلەر چىقىدۇ ئىغىزدا ئايغا، قارىساڭ پىتىقلىق تىزغىچە لايغا . پو ئىتىپ ئاتالغان بولسىمۇ پالۋان، ھاياتى ئوخشايدۇ بەئەينى سايغا.
  قولۇمدا قەلىمىم،ھەمراھىم خىيال ، تۇيغۇمدا چىقىلار جاۋاپسىز سۇئال. ئۆمرۇمدە نىشانە قالدۇردۇم نىمە ، ئويلىسام ئۆزەمچە بولىمەن ئوسال.
  ئوتتۇزغا تاقىدى يىشىم ،ئاھ تىلەك ، بىر ئىغىر كىسەلدىن قۇتۇلماي پەقەت. روھىمنى زەئىپلىك باسقاندا بىلدىم . ۋاي ئىسىت ،دورىسى ئىكەن مۇھەببەت.
  بىر يالغان ئورنىدىن تۇرغىنىدا دەس، كۈرمىڭ ھەقىقەتكە قىلماق بولۇر قەس. مەگەركى ھەق ئۈچۈن تاپمىساڭ ئۆلچەم . ئىنساننى بىتەھلىق باسار ئىكەن تەس.
  ئون سەككىز يىشىمدا كەلدىڭ يىنىمغا، مۇھەببەت سەۋداسى چۈشتى بىشىمغا. ئاھىمدىن يىرىلار تاشمۇ ،سەن ئۈچۈن . چۆمۇلۈپ ئوينايسەن تۆككەن يىشىمغا.
  دۇينادا سەن ئۈچۈن ئاۋارىدۇر مەن ، مىلى كۆپ ،بەختى يوق دىۋانىدۇر مەن . ئەرزائىل -جىنغىمۇ باقالايمەن تىك، بىر سىنىڭ ئالدىڭدا بىچارىدۇر مەن . (كۆرگەن -ئاڭلىغانلىرىم )دىن پارچىلار 
 |  
 
 
 ئەربولساڭ مەرد بولغىن ،ۋەدىدىن يانما، ئازغىنا نەپنى دەپ ۋىجداننى ساتما.
    
 | 
 
| 
[1 - قەۋەت]
 | 
يوللانغان ۋاقىت :  2007-11-20 20:54  | 
 
 |    |