ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇلئەزىز مەخسۇم توغرىسىدا
كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغۇچى ئۆتكۈر شىئىر-غەزەللىرى، ئىگىلمەس-سۇنماس پىداكارانە روھى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىنىڭ تىللىردا داستان بولۇپ كىلىۋاتقان ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، 1894.يىلى ئۇيغۇر يىڭىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بايراقدارى ، جامائەت ئەرباپى، يىتىشكەن ئالىم ،شۇنداقلا يىڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلقادىر ئابدۇلۋارىس(تەخەللۇسى: غازى) داموللامنىڭ ئائىلىسىدە ئاتۇشتا دۇنياغا كەلدى. ئۇ ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ئائىلە تەربىيسى بىلەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھرىدە پۈتتۈردى. بۇ جەرياندا داموللام ۋە باشقا بىر قىسىم ئۇستازلاردىن ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۈگەندى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئابدۇلقادىر داموللام ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنى چەتئەلدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيلەش مەخسەتىدە ھىندىستانغا ئەۋەتىدۇ. 20.ئەسىرنىڭ 20.يىللىرىدا ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كۆرەش جەريانىغا توغرا كىلىدۇ. ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھۆرلۈك، ئەركىنلىكنى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي نىشانى قىلغان بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكىتىپ قاتنىشىدۇ. ئىزىلگەن ھىندىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىلىپ بارغان كۆرەش سەپلىرىنىڭ ئادىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ. 1924 يىل 8.ئايدا مۇستەبىت قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ يوشۇرۇن پىلانلىشى، ساتقىن مۇناپىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئابدۇلقادىر داموللام ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھەر كونائوردادىكى كۈتۈپخانىسىدا رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلىنىدۇ. شۇ يىلى كۈز مەزگىلىدە بۇ شۇم خەۋەردىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىشىغا كەلگەن پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇلئەزىز مەخسۇم دادىسىنىڭ قاتىلىنى توغرىسى ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ قاتىلىنى تىپىپ، خەلقتىن ئىبارەت بۇ ئادىل سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشنى مەخسەت قىلىپ ھىندىستاندىن ئانا ۋەتەنىگە قايتىپ كىلىدۇ. ئەپسۇسكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك توسقۇنچىلىقى بىلەن ئۇ ئاچقان داۋا ئەپسۇس، ئۈنۈمسىز ئاخىرلىشىدۇ.
ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ 1920. يىللاردىن باشلاپ شىئىرلەر يىزىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت سەمەرلىرىگە ئىتىقات نوختىدىن قاراشنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق سۆيگۈسنى، ، بارلىقىنى ۋەتەننى، خەلقىنى، ياشلارنى، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، ئار-نۇمۇسىنى، مەدىنى مىراسلىرىنى، ئىتىقادىنى، ئومۇمەن ۋەتەن -مىللەتكە بولغان ئىخلاسنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىغان شائىر، ئانا تۇپراقنى مۇستەملىكچىلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن تارتىپ چىقىرىش ئۇچۇن كۆرەشكە چاقىرىشتىن، جەننەت مىسالى گۈزەل ۋەتىنىنىڭ تەبىئى مەنزىرلەرىنى تەسۋىرلەشتىن، رەقىپلەرىگە نەپرەت ياغدۇرۇشتىن باشقىغا ئىشەنمىدى. شائىرنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، رەقىپلەرىگە بولغان نەپرىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، كۆرەشتىكى سەۋىرچانلىقى، پىداكارلىقى، ئىسيانكارلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. قاراڭغۇ تۈرمە، زەي زىندان ، ئىغىر جىسمانى ئەمگەك بۇ ئىتىقاتلىق ئىنساننىڭ گىگانىت گەۋدىسىنى داۋاسىدىن، ئىتىقاتىدىن ۋاز كىچىشكە كۆندۈرەلمىدى.
مىللەتنى ئويغۇتۇش، يىڭىلىققا ئىنتىلدۈرۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خائىنلەرنى قامچىلاش، زۇلۇمغا قارشى كۆرەشكە چاقىرىش، ئىنسانىيەت كىشىلىك ھوقوقىنى قوغداش شائىرنىڭ، شىئىرلىرىنىڭ مەركىزى تىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇستەبىت قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئانا ۋەتەندىكى ئىستىپداتنى رەھىمسىزلەرچە قامچىلاپ تەنقىدلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن بىز شائىرنىڭ شىئىرلىرىدىن تەكلىماكان ئەھلىنىڭ جىددى تەشۋىشلىرى ۋە ئۈمىت ئىشەنچىلىرىدىن يۇغۇرۇلغان بىر غىرىپ كۈينىڭ يۈرەكنى لەززىگە سالىدىغان ياڭراق مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ياڭ زىڭ شىن دەۋرىدىن باشلاپ (1914-1924) ، جىن شۇرىن (1924-1933)، شىڭ سىسەي (1933-1944)، گومىنداڭ (1944-1949)، سوتسىيالىزىم كومۇنىست دەۋرىدە (1949-----؟) ھەرقايسى ھاكىمىيەت كۈچلەرنىڭ تۈرمىسىدە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى 58يىللىق ھاياتىنىڭ 43 يىلدىن كۆپرەك يىلىنى تۇرمىلاردا ئۆتكۈزگەن .
شائىرنىڭ تازا جاسارەتكە تولغان چاغلىرى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنى چىرىتىپ تۈگەتكەن قاراڭغۇ كامىرلاردە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئۆتتى.
1980.يىلى كۈز ئايلىرىدا خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتى، شائىرنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە كىسەل ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ كومۇنىست ھاكىمىيەت ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنى تۈرمىدىن قويۇپ بەردى.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىغان ئانايۇرت خەلقى، قەيەرگىلا بارسا شائىرنى بىشىدا كۆتۈردى، چەكسىز ئىززەت- ئىكرام، ھۆرمەت-ئىھتىرام بىلەن قارشى ئالدى. قەشقەر، كۇچار،غۇلجا قاتارلىق جايلارنى بىر قاتار زىيارەتتە بولغاندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ يەرلىشىدۇ.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم 1982.يىلى ئاۋغۇست ئايدا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن، خەلق بىلەن كۈيىنى بىللە كۈيلەپ، يىغىسىنى تەڭ يىغلاپ، كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ ئۆتكەن بۇ جاسارەتلىك ئىنسان، قانداقتۇر ھىچ كىشى چۈشۈنەلمەيدىغان،ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، ئاتالمىش « پويىز ۋەقەسى» دە، ئۈرۈمچىدە ئۆزى ئۈچۈن ھاياتىدا كىچىككىنە بىر خۇۋلۇق كۆرسەتمىگەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
ئىنقىلابى شائىر، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بىر دىنى ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن:
«ۋەتەن ۋە مىللەتنى سۆيمەك ئەھلى ئىسلام شانىدۇر،
بۇ ھەقىقەت، بۇ ئادالەت تەڭرىنىڭ پەرمانىدۇر. »
دىگەندەك جاراڭلىق مىسرالارى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ساداسىنى ياڭرىتىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ھەقىقى ئۈلگىسىنى يارىتىدۇ.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆلمىدى، ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كۆرەش يولىدىكى نامايەندىسىگە ئايلاندى. ئۆچۈرۈپ تۈگىتىشكە مۈمكىن بولمايدىغان كۆڭۈلدىن ئىبارەت بۇ دەپتەرگە خاتىرلەنگەن كىيىنچە يازما خاتىرەلەرگە ئىلىنغان ئەسەرلىرىدىن بىز ياشلاغا مىراس قالدۇرغان خىتابى «ياشلارغا دائىر مەدھىيە»:
ياشلارغا دائىر مەدھىيە
ياشلىق ئۆمۈرنىڭ ئەڭ گۈزەل چىغى،
قاينام ھاياتنىڭ بەك كۆركەم بىغى،
ھۆرلۈك بۇ گۈلزار باغنىڭ مىۋىسى،
ۋىژدان تىنىدۇر ھىممەت ياپراغى.
ياشلىق زور نىمەت بۈيۈك غەنىمەت
بۇ غەنىمەتنىڭ قەدرى بەك قىممەت
مىللەت ۋەتەنگە تەقدىم قىلغاندا
ئىرۇر ئەڭ شانۇ-شەرەپلىك ھىممەت
ھەركۈن تارىخدىن ئۇچار بىر ياپراق
ھايات شىخىدىن چۈشەر بىر ياپراق
ياشلىق دەۋرانى شوخلۇق جەريانى
شۇل ھايات ئۈچۈن ئەڭ خۇشبۇي پۇراق
ياشلىق بىر ياقتىن ئۆتكۈر كەسكىنلىك
جۇنۇن ئارىلاش شوخلۇق ئەركىنلىك
سۇندۇرالمايدۇ ياشلىق روھىنى
تۈرلى خام-خىيال قىسمەن قىيىنچىلىق
ئوتتەك يالقۇنلاپ ياشلىق مەزگىلى
ئىچىلىپ تۇرغاي خۇش ھىدىلىك گۈلى
ئەڭ شانۇ- شەرەپ ھەربىر ياش بىلسۇن
ۋەتەن مىللەتنىڭ ئۆتكۈر بۇلبۇلى
ياشلىق ھاياتنىڭ شەرەپ-شانلىرى
ياشلار مىللەتنىڭ ئارسىلانلىرى
ۋىژدانلىق ياشلار ھەققانىيەتلىك
جەڭ مەيدانلىرىنىڭ قەھرىمانلىرى
ياشلارغا باغلىق ئامەت ۋە ئىقبال
بەخىتلىك ھايات پارلاق ئىستىقبال
بولسۇن ياشلارنىڭ مەخسەت نىشانى
ئەركىن ئازاتلىق ھۆرلۈك ئىستىقلال
بۇ مەخسەت نىشان ۋىژدانى تەلەپ
ئەمما يوللىرى غايەت مۇرەككەپ
بۇ يوللار بىلەن ئوبدان تونۇشۇپ
بىسىپ ئۆتۈشكە زىندان زور مەكتەپ
زىندانى ياتاق ئاجايىپ سىناق
تۇرمۇشى ئىغىر تەجرىبە سىناق
زىندان كۆرمىگەن دەردىنى بىلمىگەن
ھايات قەدرىنى چۇشەنمەس بىراق
ھەرقانداق بىر ياش زىندانىنى كۆرەر
ۋەتەن مىللەتنىڭ قەدرىنى بىلەر
ئەركىن ئازاتلىق ھاياتىنى ئويلاپ
ۋىژدانى قايناپ يۈرەكى كۆيەر
ۋىژدان ئەسلىتەر مەخسەت نىشاننى
چىقىرىپ تاشلار قۇرۇق ئارماننى
ئەركىن ئازاتلىق يولىدا ۋىژدان
كۆزلەر ھەققانى كۆرەش مەيدانى
پارتىلايدۇ كۆرەش شۇ چاغ بىر تۇتاش
ئىنسانى ھوقوق ئۈستىدە تالاش
باسقۇنچىلارنىڭ زۇلمىغا قارشى
تۇرغاي قوزغۇلۇپ ھەربىر قىرى-ياش
گۈللىنەر شۇ چاغ ياشلارنىڭ رولى
ئۇتۇق قازىنار ھەققانى يولى
ئوتلۇق يۈرەك يالقۇنلىرىدىن
پىشىپ تاۋلانىر جىسمى پۇت-قولى
ياشلىق جەريانى مەۋسۇم باھارى
كۆڭۈللۈك گۈزەل رەڭگارەڭ گۈلزار
تىخىمۇ ياشناپ تىخىمۇ گۈللەپ
بولۇر بۇ گۈلزار ياشاشقا مادار
ياشلىق ھاياتنىڭ كۆركەم زامانى
شانۇ-شەۋكەتلىك گۈزەل دەۋرانى
يالقۇنلاپ تۇرغاي ئەزىز ياشلارنىڭ
ئوتلۇق يۈرەكى ئۆتكۈر ۋىژدانى
ياشلار ئىلكىگە قەلەم ئالغاندا
تىرەن ئىلھاملار كىلەر يازغاندا
بايراق كۆتۈرۈپ جەڭگە ئاتلانسا
چاقماق چاقتۇرار قىزىل مەيداندا
ياشلار جىسمانى قابىلىيەتلىك
روھى جىسمانى ئۆتكۈر خىسلەتلىك
بولسۇن ياشلاردا مىللى ھىسيات
بولسۇن شۇ چاغ زور پەزىلەتلىك
ياشلىق گۈللىرى نىمىدىن ئىبارەت
يەنى ۋىژدانى ھىممەت جاسارەت
ۋەتەنگە كۆيۈش مىللەتنى سۆيۈش
شۇ خۇشبۇي گۈللەر ئۈچۈن بىشارەت
قىسقىسى ياشلىق بۇيۇك ئىپتىخار
ئەمما گەدەندە ئىككى بۇرچ بار
مىللەتنى ئازات ۋەتەننى ئازات
ئەركىن ياشىتىش ۋىژدانى شۇئار
بولسۇن ھەربىر ياش ئالىي نىيەتلىك
دىن ۋە دىيانەت ھەققانىيەتلىك
مىللىتى ئۈچۈن بولۇر ئىپتىخار
ۋىژدان ئىگىسى ئىنسانىيەتلىك
ياشلىق ھاياتنىڭ زىبۇ-زىننىتى
ئەركىن ھۆر ياشاش مۇھىم خىسلىتى
ئەركىن ئازاتلىق ھەربىر ئىنساننىڭ
ۋىژدانى قەرزى ئەسلى سۈپىتى
ئەزىز ياشلىرىم ياشاڭلار ئازات
شانۇ-شەۋكەتلىك تارىخى ئەۋلات
ئارسىلان يەڭلىغ قەھرىمان ئەجدات
روھىلىرىنى ئىتىڭلار شاد
يۈزۈڭلارنى ياخشى ئاقلاڭلار
تارىخىڭلارنى ئوبدان ساقلاڭلار
ۋەتەن مىللەتنى جان دىلدىن ئاسراپ
ھەققانى يولنى دائىم ياقىلاڭلار
ئەزىز ياشلىرىم بولۇپ مەردانە
ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن كۆيۈپ پەرۋانە
قۇرۇق ئوي بىلەن خام تەمە قىلىپ
بولۇپ قالماڭلار ھەيران ۋەيرانە
ئەزىز ياشلىرىم غەييۇر ئارسىلان
ياۋلارغا قارشى جەسۇر قەھرامان
باسقان ئىزىدىن يانماس ئوت يۈرەك
قىرىنداشلىرى ئۈچۈن دائىم مىھرىبان
ئەزىز ياشلىرىم ئۆتكۈر ۋىژدانلىق
ئىسلام دىنىنى سۆيىدۇ ئىمانلىق
مەھكەم ئىرادە قەيسەر نىشانلىق
مانا شۇ ئۆلگە تولۇق ۋىژدانلىق
ئەزىز ياشلىرىم بولسۇن بەختىيار
دىگەن تىلەكتە غايەت ئۈمۈتۋار
بولغاچ «ئەزىزى» ياشلار شەنىگە
يىزىپ ئەسەر قىلىندى يادىكار
ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ شىئىرلىرى «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ 1987- ۋە 1989 - يىللىق سانلىرىدىن ئىلىندى.
ھايات پائالىيەتلىرى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»3-توم(مىللەتلەر نەشىرياتى2006-يىل 4- ئاي نەشرى) دىن ئېلىندى
چىن مودەن تەستىقلىدى.