>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> تېنى ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغان 10خىل ئادەم

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 416 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : تېنى ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغان 10خىل ئادەم IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
DILRUS

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
تېنى ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغان 10خىل ئادەم

ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10خىل ئادەمنىڭ تېنى ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
1. بويى پاكارلار : ئامېرىكا ئالىملىرى، ئىنسانلار مۇۋاپىق ئىگىزلىكتە ياشىغاندا، بەدەننىڭ يوشۇرۇن ئىقدىدارى ئەڭ چوڭ چەكتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، دەپ قارىدى. بۇ ئىگىزلىك: ئەرلەر ئۈچۈن 1.65-1.68 مېتىر، ئاياللار ئۈچۈن 1.59-1.62مېتىر.
سەل سېمىزلەر(ئېغىرلار): ئامېرىكىلىق ئالىملار 6مىلىيون ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش ئارقىلىق سەل سېمىز كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يېشىنىڭ 80ياشتىن يۇقۇرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
3. پاينەكۋاش ئەرلەر: پاينەكۋاشلىق كۆپ ھاللاردا ئەرلىك گورمونى ئاجىرتىپ چىقىرىشنىڭ كۆپلىكىدىن كۋلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەرلىك گومونى ئەرلەرنىڭ تىلتۇمارى، شۇڭلاشقا پاينەكۋاش ئەرلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ.
4. قۇلىقى ئۇزۇنلار: قۇلىقى ئۇزۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
5. بېلى ئىنچىكىلەر: مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «كەمىرى قانچە ئۇزۇنلارنىڭ ئۆمرى شۇنچە قىسقا بولىدۇ»غانلىقىنى بايقىدى. بېلى ئىنچىكىلەر ئىچىدە 70ياشتىن يۇقۇرى ئۆمۈر كۆرگەنلەر 90پرسەنتنى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپدار بولىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا.
6. تۇنجى پەرزەنىتلەر: تەكشۈرۈش ماتىرياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى،ئىككىنچى پەرزەنىتنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدىكەن، 90ياشتىن ئاشقانلار ئىچىدە بىرىنچى، .ىككىنچى پەرزەنىتلەر 60.6پىرسەنتنى، 100ياشتىن ئاشقانلار 77.3پىرسەنتنى ئىگەللەيدىكەن.
7. يېشىللىقتا ئولتۇراقلاشقانلار: تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ماددى تۇرمۇش شارائىتى ئوخشاش بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇزۇن يىل گۈللۈك، دەل-دەرەخلەر ئارىسىدا ئىشلەيدىغان باغۋەنلەر دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار ئاز، ھاۋاسى بۇلغانغان چۇقان-سۈرەنلىك شەھەردە ئولتۇردىغانلارغا قارىغاندا يەتتە يىل ئۇزاق ياشايدىكەن.
8. كۆپ چۈش كۆرىدىغانلار: ياپونىيىلىك تەتقىقاتچىلار، ئادەم مېڭىسىدە ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل ماددىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. بەزىلەردە بۇ خىل ماددا بولىدۇ، بەزىلەردە بۇ خىل ماددا بولمايدۇ. بۇ خىل ماددا بارلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ.
9. قان بېسىمى سەل يۇقىرىلار: فىنلاندىيىلىك بىر دوختۇر يېشى 80دىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ قان بېسىمى 160\90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ئەتىراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئادەتتە قان بېسىمى 120\70مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى بولغانلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى.
10.« ب» قان تىپىدىكىلەر: «ب»قان تىپىدىكىلەرنىڭ مىجەزى مۇلايىم، سىلىق-سىپايە، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ئادەتتە ئارتۇقچە ئۈستۈنلىك تالاشمايدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر ئىچىدە «ب» قان تىپلىقلارنىڭ 83پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

مەنبە:«تەرمىلەر» ژورنىلى.
تەستىقلىغۇچى:سائادەت


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 16:44 چوققىغا قايتىش
tograk28
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 189
شۆھرەت: 193 نۇمۇر
پۇل: 1890 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:317(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ ئادەتتە تىبابەتكە ئايىت كىتاپلارنى كۆپ كۆرۈمەن . شۇنداخلا سىز داۋاتقان مۇشۇ مەزمۇندىكى مۇشۇ خارەكتىردىكى تىمىلارنى قىزىقىپ ئوقۇيمەن . مەن كۆرگەن كىتاپلاردىمۇ مۇشۇ نوختۇلار دىيىلگەن ھەممىسىنىڭ ئىلمى ئاساسى بار . ئەڭ ئاددىسى قارا تىل بىلەن دىسەك يۈرەك بەدەندىكى قاننى شوراپ تومۇرلارغا ئۇرۇپ بېرىدىغان ناسوس . پاكار ئادەمگە قارىغاندا ئىگىز ئادەمنىڭ تومۇرۇىغا قان ئۇرۇش ئۈچۈن ناسوس ككپ كۈچايدۇ سەۋەپ ئىگىزلىك پەرقى مەۋجۇت . شۇڭا پاكار ئادەمنىڭ يۇرۇكىنىڭ ئۆمرى ئىگىز ئادەمنىڭ يۈرۈكىنىڭ ئومرىدىن ئۇزۇن بولۇدۇ دىيىلگەن

Nurluk elani

ئانا دەريا - <دىنار>
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 17:50 چوققىغا قايتىش
helara



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 36
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 360 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:5(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن 2-،6-،8-گە چۇشىدىكەنمەن،

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 20:48 چوققىغا قايتىش
alga~nap
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 597
شۆھرەت: 598 نۇمۇر
پۇل: 5705 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:121(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن چۈشنى بەك كۆپ كۆرىمەن . مەن بۇنى بىر خىل كىسەلمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.ياكى بەك چارچاپ كەتكەننىڭ ئىشىمىكىن .ئىشقىلىپ بىلمىدىم ......

Nurluk elani

ئەربولساڭ مەرد بولغىن ،ۋەدىدىن يانما،
ئازغىنا نەپنى دەپ ۋىجداننى ساتما.


[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 21:31 چوققىغا قايتىش
xirinqux1220

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 308
شۆھرەت: 309 نۇمۇر
پۇل: 3080 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:395(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بىرەرسىگىمۇ چۇشمەيدىكەنمەن   قارغاندا   ..................

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 12:40 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-21 20:59, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije