>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> بىر سىتۇدېنت قىزنىڭ يىگىتىگە يازغان خېتى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1317 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : بىر سىتۇدېنت قىزنىڭ يىگىتىگە يازغان خېتى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1020
شۆھرەت: 1100 نۇمۇر
پۇل: 11918 سوم
تۆھپە: 138 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:510(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
بىر سىتۇدېنت قىزنىڭ يىگىتىگە يازغان خېتى

بىر سىتۇدېنت قىزنىڭ يىگىتىگە يازغان خېتى



بۇ خەتتە بىر سىتۇدېنت قىز سىتۇدېنتلارنىڭ ھەممىسى ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆز تەقدىرىنى ئويلايدىغان نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ بۇ خەتنى يازغۇچى بىلەن ھەمنەپەس بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
<<ساۋاقداش ت، خېلى يىللاردىن بېرى ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشۈپ كەلدۇق.مەن سىزنى چۈشىنىمەن ھەمدە قەدىرلەيمەن، سىزمۇ ھەم شۇنداق. بىراق، بىر ھېس - تۇيغۇ مېنى ئۇزۇندىن بېرى يوشۇرۇن ئازاپلاپ كەلدى. ئېيتىڭە، بىز پەقەت تەسەۋۇرىمىزدىكى مۇھەببەت ئۈچۈنلا،تەييارغا ئاشىق بولۇش ئۈچۈن يارالغانمۇ؟ ئىككىمىز باشقا ساۋاقداشلارغا ئوخشاش خۇشال ئۆتتۇق.بۇ خۇشاللىقىمىز ھەمىشە ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقىمىزدىن،ھەركۈنى دېگۈدەك كىنوخانىلاردا،تاڭسىخانىلاردا ،خىلۋەت جايلاردا بىللە بولغانلىقىمىزدىن بولدى.خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسى ئاساسەن شۇلار بولدى.بىز بۇنداق <<ئىشق - پائالىيەت>>لىرىمىزگە نۇرغۇن ۋاقىتلىرىمىزنى سەرپ قىلدۇق.بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى،مەكتەپنى ،ئۆزىمىزنى ئالدىدۇق.بىزگە ھېچكىم دەخلى قىلالمىدى.بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ مەكتەپتە ئاساسلىق ۋەزىپىمىز بىلىم ئىگىلەش ئىدى. ھازىرغىچە ئۆزىمىزنىڭ ۋاقىت ۋە ئەقلىي قۇۋۋىتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى بىلىم ئېلىشقا سەرپ قىلىنمىدى.دەرسخانىدىن خۇددى قەپەزدىن ئايرىلغان قۇشلاردەك ئالدىراپ چىقىمىز - دە، بىر - بىرىمىزنى ئىزدەيمىز. بىرەر قېتىممۇ دەرسلەرنى قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرەلىگىنىمىز ئۈچۈن خۇشال بولۇپ باقمىدۇق. ۋۇجۇدىمىزدا نۇرغۇن يوشۇرۇن كۈچلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. بىراق بۇ يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش ئۈچۈن بىز ھەركەتلىنىپمۇ باقمىدۇق. بۇ توغۇرلۇق ئاندا - مۇندا سۆزلەشكەن ۋاقىتلارمۇ بولمىدى. قىسقىسى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ئويۇن - كۈلكە، بىكارچىلىقتىن كەلدى.شۇڭا بۇ خۇشاللىق ماڭا تولىمۇ بىچارە تۇيۇلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى مۇھەببەت ئۈچۈنلا ئاتىۋەتكەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.سىز بۇلارنى ئويلىدىڭىزمۇ؟
مەن كېلەچىكىمىزدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. ئىمتىھانلاردىمۇ ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتۈپ كەلدۇق. دىپلوم ئېلىپ ، مەكتەپ پۈتتۈرەلەيدىغىنىمىزغا ئىشىنىمەن. بىراق ، ھازىر بىلگەنلىرىمىزگە ۋە دىپلومىمىزغا تايىنىپ داۋاملىق ياشىيالمايدىغاندەك قىلىمىز؛ كۆزۈمگە ھەممىلا جايدا غالىپلارغا مەنسۇپ، كۈچلۈكلەرگە مەنسۇپ دەپ يېزىلغان ۋىۋىسكىلار كۆرۈنىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ. مەندە سىز ياختۇرىدىغان چىراي، ئېسىل كىيىم - كېچەكلەر، سىزگە بولغان ئەقىدە بار. بۇ ئۈچ نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن سىز مېنى ياخشى كۆرۈپ كەلدىڭىز، ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا مېنى قەدىرلىدىڭىز، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويمىدىڭىز. لېكىن بۈگۈن ئويلىسام بىر قىز ئۈچۈن بۇ ئۈچ نەرسە كۇپايە قىلمايدىكەن. بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش جاپاغا چىداپ ئۆگەنسەك، يۈكسەكلىككە ئىنتىلسەك، رىقابەتكە قاتناشساق، ئۆز ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تەسىر كۆرسەتسەك بولىدىكەن. بىزنىڭ پۇت - قولىمىز ساق، ئەقلىمىز ئىمكانىيىتىمىزمۇ بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق باشقا مىللەتلەردىن ھەمىشە كېيىن قالغىنىمىزغا ئۇيالمامدۇق؟ مەن ئىشىنىمەنكى، ئەقىل جەھەتتىكى، پەن - مەدەنىيەت رىقابىتى جەھەتتىكى پەرقنى پەقەت ئۆزىمىزلا ئازايتالايمىز. ئۇنى ھېچكىم چەكلىيەلمەيدۇ.
بىلىمەن، مۇھەببەت گۈزەل، ئۇنىڭسىز ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىراق، مەكتىپىمىزدىكى بەزى ساۋاقداشلار ئۆزلىرىنى شۇنىڭغىلا بېغىشلىغاندەك كۆرىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇ مەسىلىلەرنى ئويلاپ كۆرسىڭىز. سىزنى قەدىرلىگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى قالدۇرماي سۆزلىدىم. ئەگەر مېنى يەنىلا قەدىرلىمەكچى بولسىڭىز، مەكتىپىمىزدىكى مۇھەببەت مەستانىچىلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ قويۇڭ. بۇ ھالەتكە ئېچىنىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، بىرلىكتە كۈچ چىقارساق. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلىرىمىزدا نەتىجە قازىنىشنى، خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن جاپا چېكىشنى ئېسىمىزگە ئالايلى. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز سۇسلىشىپ قالمايدۇ.
سىزگە ئۇتۇق تىلەپ : «A» دىن


< بىچارە كۈلكىلەر > دىن ئېلىندى




[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 14:46 چوققىغا قايتىش
padxa213



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىلىمەن، مۇھەببەت گۈزەل، ئۇنىڭسىز ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىراق، مەكتىپىمىزدىكى بەزى ساۋاقداشلار ئۆزلىرىنى شۇنىڭغىلا بېغىشلىغاندەك كۆرىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇ مەسىلىلەرنى ئويلاپ كۆرسىڭىز. سىزنى قەدىرلىگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى قالدۇرماي سۆزلىدىم. ئەگەر مېنى يەنىلا قەدىرلىمەكچى بولسىڭىز، مەكتىپىمىزدىكى مۇھەببەت مەستانىچىلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ قويۇڭ. بۇ ھالەتكە ئېچىنىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، بىرلىكتە كۈچ چىقارساق. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلىرىمىزدا نەتىجە قازىنىشنى، خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن جاپا چېكىشنى ئېسىمىزگە ئالايلى. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز سۇسلىشىپ قالمايدۇ.

سىزگە رەھمەت ،ئىز


Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 14:59 چوققىغا قايتىش
timtas0996

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 9
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇنى نەدىن تىزىملىتىدىكەن،مەن بۇنى چۇشىنەلمىدىم

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 15:01 چوققىغا قايتىش
E-MAN

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 92
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 920 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:80(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ئېسلكەن`````````````````كىشىنى ئويىغۇتىدىكەن``````````ھەممە ياشلىرىمىز مۇشۇنداق ئويلىسىا ئېدى جەمىيەتتە ئىشسىزلا كوپەيمىگەن بولاتتى`````````

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 15:01 چوققىغا قايتىش
katil731



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


باش سۇرەت يوللاشنى بىلمىدىم،يوللىساملا قانۇنسىز دەيدۇ نىمە گەپ بۇ؟ياردەم قىلىڭلار

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 15:26 چوققىغا قايتىش
kirmolla

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 128
شۆھرەت: 129 نۇمۇر
پۇل: 1280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:58(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن. تىما ئىگسىگە رەخمەت. مۇشۇنداق ئويلايدىغان ئۇيغۇر قىزلرىمىز جىقراق كۆپەيسىكەن.

Nurluk elani

مەن ئادەم
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 15:39 چوققىغا قايتىش
永不忘记

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 664
شۆھرەت: 670 نۇمۇر
پۇل: 6630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:168(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ماگەپ ئا ئوغۇل بالىنىڭ كۆڭلىگە مىنىڭچە ياقماسمىكى ،..........'
چۈنكى بۇنداق گەپنى ئەسلىدە ئوغۇللار باشتا دىيشى كىرەكتى مىنىڭچە بولغاندا ...   مۇشۇنداق ئويلىسا بارىلىق ئوقۇغۇچى باللار بەكلا ياشى بولاتتى ............



ئاھ ئۆزەمنې يولۋاس دەپ يۈرگېنېم نېمە
ساچقانغا تالېنېپ ئۆلگېنېم نېمە
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 16:12 چوققىغا قايتىش
PAYKAR
ئىجاتچان ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1327
شۆھرەت: 1400 نۇمۇر
پۇل: 12604 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:115(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھازىر ئالىي مەكتەپ ئەمەس <ئالو>>مەكتەپ بولۇپ قالدى .
xjئۇنۋېرستىتى ئەمەس،dj、ئۇنۋېرستىتى بولۇپ قالدى،


Nurluk elani

ئاھ ،شەبنەم سېنى سۆيىمەن ساڭا بولغان مۇھەببىتىم جۇڭگولۇقلاردەك كۆپ !
                  شەبنەمگەخاس يۆتكىمەڭ!




                                           






[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 16:21 چوققىغا قايتىش
1994arzigul

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تېمىنى ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز

Nurluk elani



[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 16:25 چوققىغا قايتىش
mavlanzor

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 89
شۆھرەت: 95 نۇمۇر
پۇل: 391 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:20(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن. تىما ئىگسىگە رەخمەت.

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 17:01 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-21 20:58, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije