maggv
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-20
|
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى......
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسىنىڭ ھەقسىز كۈتۈپخانا قۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇختۇرۇش.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ،(ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا كىڭەيتىلگەن مەڭگۈتاش كۈتۈپخانىسى قۇرۇش ) پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش.سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىپ ،چەت- نامرات يېزا -قىشلاقلاردىكى دېھقان چارۋۇچىلارنىڭ كىتاپ كۆرۇش،پەن -تېخنىكا بىلىملىرىدىن ۋاختىدا خەۋەرداش بولۇش ،مەدەنىيەت ،تېخنىكا بېلىملىرىنى ئىگىلەپ ،بىلىم ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ئومۇمى يۈزلۈك ھاللىق جەمىئەت قۇرۇش نىشانىغا يىتىشنى مەخسەت قىلغان ( ساخاۋەتلىك ھەقسىز كۆرۈش كۈتۈپخانىسى)نى قۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلدى.كۈتۈپخا قۇرلىشىغا يىتەرلىك كىتاپ -ژورناللارنى مەڭگۈتاش كۈتۈپخانىسى تەمىنلەيدۇ .كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىلار شۇناھىيە-شەھەر ،يېزا-بازاردىكى قابىلىيىتىگە ئىگە ،يېڭىلىق يارتىش روھىغا باي ،ئىلىم -پەننى سۆيىدىغان ،سوتسىيالىستىك قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلدىغان ،تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە 25ياشتىن 40ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىلىدۇ.جىنسىي ئايرىمىسى چەكلەنمەيدۇ. بىرىنجى قەدەمدە مەڭگۈتاش تىكلىندىغان ناھىيە-شەھەرلەر تۆۋەندىكىچە : قۇمۇل شەھىرى ، تۇرپان،كۈنەس ، ئالتاي ، بۆرتالا ، پىچان ، توخسۇن ، بۈگۇر ، ئاقسۇ ، كۇچار ، شايار ، ئۈچتۇرپان ، قەشقەر ، مارالبېشى ، مەكىت ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام،خوتەن ،قاراماي. باشقۇرغۇچىلار شۇ ناھىيىدە نوپوسى بولىشى ،بەلگىلىك ئىقتىسادى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى لازىم. تىزىملىتىش ئورنى :ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى 96-نومۇر .قوشۇمچە 414-نومۇر (مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى ) . ئالاقىلاشقۇچى :ئۆمەرجان داۋۇت ۋەسىل .ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇر:8539115-0991.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى،كۈتۈپخانا كىڭەيتىش قۇرلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى.
پەرۋىن تەستىقى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 14:16 |
| |