ئاخىرقى كېچە
ئىشەندىم بولغانغا بۈگۈن قىيامەت،
مۇھەببەت كۆكىنى يالماپ شۇم بۇلۇت.
بۇ ئاچچىق زەربىدىن تىترىدى تېنىم،
ھەممىدىن ۋاز كەچمەك بولۇپ شۇ مىنۇت.
كەچمىشلەر ئېسىمگە بەرمىگەچ ئارام،
مۇجۈيدۇ قەلبىمنى ئاچچىق بىر تىترەك.
باقىمەن ،يۇلتۇزسىز كۆككە تەلمۈرۈپ،
تەسەللى بەرمىدى ھەم ئاشۇ پەلەك.
بار پەقەت جىسمىمدا سوغاق شىۋىرغان،
جۇدالىق قىينىغان تەنھا قەلبىم ھەم.
ئاھ مېنى ھەر كويغا سالدى بۇ ھىجران،
راست ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ تامام ئەي ئەركەم!؟
بۇ شېئىرنى مەن ياقتۇرغاچقا يوللاپ قويدۇم، مەنبەسى مەن ئەمەس.
چىن مودەن تەستىقلىدى.