DILRUS
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06
|
ئاچچقسۇنىڭ ئستىمال قىممىتى ۋە دورىلىق قىممىتى
ئىستىمال قىممىتى ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئاتسېلات، سۈت كىسلاتاسى، لېمۇن كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بىرىش رولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باكتېرىيە يوقتىش، كونترول قىلىش رولىغىمۇ ئىگە. ئاچچىقسۇ تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، بەزىلەر ئۇنى ئۇزۇقلۇقلارنى كۈچەيتكۈچى دەپ ئاتىشىدۇ، بۇ ھەرگىز مۇبالىغە ئەمەس. ئەگەر تاماق ئەتكەندە ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۋەتسە، سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن ب ۋە ۋىتامىن س نىڭ خىمىيىلىك قۇرۇلمىسى مۇقىملىشىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ساقلىنىپ قالىدۇ. ئاچچىقسۇ تائاملارنى مەزىلىك ، چۈرۈك قىلىپلا قالماستىن، يەنە يېمەكلىكلەر تەركىبدىكى مىس، سىنىڭ، خروملارنىڭ ئېرىشى ۋە ئورگانىزىمغا قۇبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەردىكى سېللوزا ۋە سۆڭەكلەرنى ئېرىتىدۇ.
دورىلىق قىممىتى
ئاچچىقسۇ ئادەتتە زەنجىرسىمان شارچە باكتىرىيە، ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە باكتېرىيىسى، ئاق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە تارقىلىشچان زوكام ۋىروسى قاتارلىقلارنى يوقىتىش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭىدىن باشقا تۈرلۈك تىرە كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ. ئۈچەيدىكى قۇرۇتلارنى يوقتىدۇ. قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرى داۋاملىق ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىپ تۇرسا، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ژورنىلى تەستىقلىغۇچى:سائادەت
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 12:28 |
| |