| ||||||
koxuk | دۇنيادىكى داڭلىق كۆۋرۇكلەردۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز كۆۋرۇك _ مىلاۋ كۆۋرۇكى.( Millau Viaduct)
فىرانسىيەنىڭ جەنوبىدىكى تارن دەرياسى جىلغىسىغا جايلاشقان. ئىگىزلىكى343مېتىر.ئۇ نيۇيوركتىكى ئىمپىرىيەمۇنارىدىن 38مېتىرلا پاكاراراق.بۇ كۆۋرۇكچىلىك ساھەسىدىكى بىرىنچى ئىگىزلىك . فىرانسىيەلىك كۆۋرۇك ئىنژىنىرى Michel VirlogeuxبىلەنNorman Fosterھەمكارلىشىپ ياسىغان. ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ھالقىيدىغان كۆۋرۇك _ خاڭجۇ قولتۇقى كۆۋرۇكى ئۇزۇنلىقى 36كىلومېتىر. كەتكەن ئومۇمىي مەبلەغ 11.4مىليارد يۇەن. بۇ 2007-يىلى 6-ئايدا قاتناش باشلىدى. ئەڭ ئۇزۇن ئاسما كۆۋرۇك_ ياپونىيەدىكى مىڭشى دېڭىز بوغۇزى كۆۋرۇكى تەۋرەنمىگەندىكى ئۇزۇنلىقى 1990مېتىر، تەۋرەنگەندىكى ئۇزۇنلىقى 1991 مېتىر. نەنجىڭ -چاڭجىياڭ ئىككىنچى كۆۋرۇكى دۆلىتىمىزنىڭ 9-بەش يىللىق پىلاندىكى مۇھىم قۇرۇلۇش تۇرى. ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 21.197كىلومېتىر. جەمئىي جەنوبى ۋە شىمالى تارماق دەريا كۆۋرۇكلىرى، جەنوبى قېرغاق كۆۋرۇكى، باگۇاجوۋ ۋە شىمالى قىرغاق تارماقلىرىدىن ئىبارەت بەش قسىمدىن تۇزۇلگەن.بۇنىڭ ئىچىدە جەنوبى تارماق دەريا كۆۋرۇكى يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۇك بولۇپ ، كۆۋرۇك ئۇزۇلىقى 2938مېتىر، ئاساسى ھالقىش ئارىلىقى 628مېتىر بولۇپ جۇڭگودا بىرىنچى، دۇنيادا ئۇچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.كۆۋرۇك كەڭلىكى 32مېتىر. شاڭخەي نەنپۇ چوڭ كۆۋرۇكى شاڭخەينىڭ ئايلانما يولىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ. ئومومىي ئۇزۇنلىقى 8346مېتىر. يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۇك. ئاساسىي ھالقىش ئۇزۇنلىقى 426مېتىر. كۆۋرۇك مۇنارى 150مېتىر ئىگىزلىكتە. ئەنگىلىيەدىكى لوندۇن مۇنارى كۆۋرۇكى ئەنگىلىيەنىڭ سىمۋولى بولغان قۇرۇلۇش بولۇپ، دۇنيادىكى قىممەتلىك كۆۋرۇك مىراسلىرىنىڭ بىرى. 1894-يىلى پۇتكەن.لوندۇننىڭ شىمال ۋەجەنوبىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. كوۋرۇك ئىچىدە مۇزىي، كۆرگەزمىخانا، دۇكان، مەيخانا قاتارلىقلار بار. فىرانسىيە نورمانىدىيەدىكى يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۇك. ۋۇشەن-چاڭجىياڭ كۆۋرۇكى بۇ كۆۋرۇك پولات قۇرۇلمىلىق ئەگمە كۆۋرۇك بولۇپ، بەش تۇردە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. سان _ فىرانسىسكودىكى ئالتۇن قوۋۇق كۆۋرۇكى سان فىرانسكودىكى ئالتۇن قوۋۇق قولتۇقىغا جايلاشقان ئاسما كۆۋرۇك بولۇپ ،ھالقىش ئارىلىقى 1280 مېتىر. 1937-يىلى ياسالغان. بۇ كۆۋرۇك شۇ چاغدىكى قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 20-ئەسىردىكى كۆۋرۇك قۇرۇلشىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى. http://www.tc666888.com/download/kejian/0610/beimei/金门大桥.jpg توپلىغۇچى : قوشۇق (شەبنەم مۇنبىرىگە تەئەللۇق. باشقا تور بىكەتلىرىگە كۆچۇرسىڭىز كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ) [ يوللىغانkoxukتەرىپىدىن2008-07-08 18:54قايتا تەھرىر ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
matimatika | ئەسسالام ئەلەيكۇم !
كۆرۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن ، ئۆزىنى كۆرۇشكە پۇرسەت يوقتە...... بۇ كۆۋرۇكلەرمۇ نۇرغۇن تىخنىكىلىق ئىختىرالاردىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن ھەيۋەت قۇرۇلۇشلار . ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
janu123 | ۋاھ نېمىدېگەن چىرايلىق كۆۋرۈكلەر بۇ، مەن داۋاملىق بەك ئازابلانغان ۋە خۇشال بولغان ۋاقىتلىرىمدا كۆۋرۈك ئۈستىدە ئۆزۈم يالغۇز سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرۈمەن. ئۈرۈمچىنىڭ كۆۋرۈكلىرىنى ئايلىنىۋەرمەي ئاشۇ كۆۋرۈكلەردىمۇ سەيلە قىلىش نىسىپ بولۇپ قالار ھە بىر كۈنلەردە. رەھمەت سىزگە بەك ھۇزۇرلاندىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turmux12 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۆزىڭىز بۇ كەسىپنى قىلىسىز شۇنداقمۇ؟ئوبدان ئەسىرلەرنى يوللاپسىز.تېخىمۇ تىرىشىڭ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turmux12 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئوبدان ئەسەر دىمەكچى ئىدىم.خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن.بۇ رەسىملەر ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
koxuk | Quote:ئۆزىڭىز بۇ كەسىپنى قىلىسىز شۇنداقمۇ؟ئوبدان ئەسىرلەرنى يوللاپسىز.تېخىمۇ تىرىشىڭ سىزغۇ كەسپىڭىزنى تاشلىۋەتتىڭىز. ئاۋۇ كۆۋرۇكلەرنىڭ تۇرلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن ھە! [ يوللىغانkoxukتەرىپىدىن2008-10-20 22:09قايتا تەھرىر ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
خوپ بولدى دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ۋاي خۇدا يې دوسلا نىمانداق ئۇزۇن كۆۋرۇكلە دۇ بۇ ئاشۇ كۆۋرۇكلەرنى ياسىغىلى قانچىلىك پۇل كەتكەندۇ خە؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
oyster | بەك ھەيۋەت كۆۋرۈكلەر ئىكەن . رەھمەت يوللىغىنىڭىزغا . تارتىلغان رەسىمى بۇنچە ھەيۋەت تۇرىدۇ . ئەگەر بۇ كۆۋرۈكلەر ئۈستىدە ماڭسا قانداق ھەيۋەت بولاركىن . بولۇپمۇ ئاۋۇ ئەڭ ئىگىز كۆۋرۈك بەكلا ھەيۋەتكەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
E-MAN دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇنداق قۇرلۇشلارغا كەتكەن پۇلدىن شۇقۇرلۇشقا ئىشلەتكەنكاللا كۇپتۇر````````
بۇكەسىپتە ئوقوپ ئوقۇش پۇتتۇرمەك غىزەپ تەستە`````` ھەي````````` ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىگەنلەر ئوقۇيدۇ بۇكەسىپنى ````````` يوللىغۇچىغا رەھمەت`````` | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arzu415 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بولسا شۇ كۆۋرۈكلەرنىڭ ياسىلىش تارىخى قاتارلىق بىلىملەر قۇشۇلۇپ يوللانسا تېخىمۇ ياخشى بۇلار ئىكەندۇق..
رەھمەت سىزگە! | ||||
---|---|---|---|---|---|
musfira دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | نىمانداق ھەيۋەتلىك كۆۋرۈكلەر،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئاجايىپ ئۇستىنىڭ قولىدا لاھىلەنگەنكەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dil-rus | ئاپىرىن ! ئاپىرىن ! قۇشۇق ئەپەندىنىڭ ئىزلىنىشىدىن كىشى تولىمۇ ھۇزۇر ئالىدۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
$BARNA$ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇكورۈك لەرھقېقەن جېراېلق كەن ھوزۇرللانديم رەخمەت
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tanha~suygu1 | ۋاھ نېمىدېگەن چىرايلىق كۆۋرۈكلەر بۇ، پۇرسەت بولسا كۆرۇپ كەلگۇم كىلۋاتدۇ،،،،،،،،،،،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bahitsiz520 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نىمانچە ھەيۋەت لىك كەرۇك لەبۇ .......................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|