ililik
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 38
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:33(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-31
|
گۆشسىز تاماقتا نېمە كەم بولىدۇ؟
گۆشسىز يېمەكلىكلەردە ئاقسىل، ۋىتامىنB12، ۋىتامىن C ، تۆمۈر ۋە كالتسىي تولۇق بولمايدۇ. ئاقسىل: دانلىق زىرائەتلەر ئادەم تېنىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىنو كىسلاتاسى، مېتئونىنلارنىڭ يېتەرلىك كېلىش مەنبەسى، بىراق ئۇنىڭدا يەنە مۇھىم بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى يەنى لىزىن كىسلاتاسى كەمچىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا دانلىق زىرائەتلەرنى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش نىسبەتەن مۇۋاپىق، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە مېتئونىن كەمچىل، ئەمما لىزىن كىسلاتاسى مول بولىدۇ. ۋىتامىنB12 : بۇ قىزىل قان شارچىسىنىڭ يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر خىل ۋىتامىن بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي گۆشلۈك يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ. شۇڭا گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار ئۇنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. چۈنكى ۋىتامىنB12 نېرۋا ھۈجەيرىسى ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ناھايىتى مۇھىم. ئۇ كەمچىل بولسا كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېنىك بولغاندا چارچاش ۋە يېنىك دەرىجىدە باش قېيىشنى ئېغىر بولغاندا نېرۋا زەخمىلىنىش، قان ئازلىق ۋە ھاڭۋاقتىلىق (تەبىئىي ۋىتامىنB12 پەقەت ھايۋانات يېمەكلىكلەردە ساقلانغان بولىدۇ. بۇلار كالا، قوي گۆشلىرى ۋە بېلىق، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆمۈر: ئۆسۈملۈكلەردىكى تۆمۈر ماددىسى ئۈنۈملۈك ھالدا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمەيدۇ، شۇڭلاشقا تۆمۈر ماددىسى كەملىك مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. گۆشسىز يېمەكلىك يەيدىغانلار تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىشى، شۇنىڭدەك ۋىتامىن Cنى ئىچىپ بۇ ئارقىلىق تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. كالتسىي: دۇفۇ ۋە قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلاردا كالتسىي مول بولۇپ، بۇنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھازىرقى زامان ئوزۇقشۇناسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى گۆش، كۆكتات ۋە موگۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشتۇر. گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەر گۆشلۈك تاماق يېيىشكە ئادەتلەنمىسە قىزىل دۇفۇ يېسىمۇ بولىدۇ، ئۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ خام ئەشياسى بولغان قۇرۇق دۇفۇ ئەسلىدىنلا ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان پۇرچاقتىن ياسالغان مەھسۇلات بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئاقسىل مىقدارى %15-%20 كە يېتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەركىبىدە كالتسىيمۇ ناھايىتى مول بولىدۇ. گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەر يېمەكلىكتىكى ئاقسىلنىڭ تولۇقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا، مەسىلەن: دانلىق زىرائەتلەرنى كالا سۈتى بىلەن، قوناق پىچىنىسى ياكى پۇرچاقنى پىشلاق بىلەن، بولكىنى خاسىڭ قىيامى بىلەن يېيىشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. كۆڭۈلدىكىدەك بولغان بىر ۋاقلىق ناشتىلىق پىششىق تۇخۇم، ئاپېلسىن شەربىتى، ئارپا نېنى، پىشلاق قوشۇلغان بولكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە:«بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلى 2007-يىل 11-سان تەرجىمان: سەيدۇللا سەمەت سەرقۇت.
سادىر پالۋان تەستىقى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-19 17:39 |
| |