diki-dikkang
ھالىتى :
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 945
شۆھرەت: 1054 نۇمۇر
پۇل: 9291 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:332(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17
|
2008 - يىللىق مەشھۇر ئامېرىكىلىق --- ئەركىن سىدىق ئاكا
ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى 文字 ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئۆزىنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسى (مارسنى كۈزىتىش تېلېسكوپى ھەققىدە) ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى باشقا ئالىملارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن ۋە ئۆتكەن ئايدا نەشىر قىلىنغان، خەلقارادىكى ئوپتىكا پەنلىرى ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژورناللارنىڭ بىرى بولغان «قوللىنىشچان ئوپتىكا» (Applied Optics) ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان. ئۇلانمىسى:
http://ao.osa.org/issue.cfm?volume=46&issue=30 http://www.opticsinfobase.org/abstract.cfm?URI=ao-46-30-7485 http://www.opticsinfobase.org/abstract.cfm?URI=josab-12-9-1704 ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم يەنە ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن «2008-يىلللىق ئامېرىكىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» (Who is Who in America 2008) قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. تۆۋەندىكىسى بۇ تاللىنىش نەتىجىسى ھەققىدە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا كەلگەن ئېلخەتنىڭ بىر قىسمى:
Dear Erkin Sidick,
Congratulations on the outstanding achievements that have earned you a position in *Who's Who in America, 2008!* This exciting, new edition – which includes your complete biography – has just been published ...
(تەرجىمىسى)
ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق،
سىزنى «2008-يىللىق ئامېرىكىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» قامۇسىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئالغۇزغان پەۋقۇلئاددە نەتىجىلىرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! سىزنىڭ تولۇق تەرجىمەھالىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان, كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ يېڭى نەشرى تېخى يېقىندىلا نەشرىدىن چىقتى...
(تەرجىمە ئاخىرلاشتى)
يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ۋە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنىستوتىغا قاراشلىق پۈركۈپ ئىتتىرىش تەجىربەخانىسى (NASA JPL) دا «بۇ يىللىق ئەڭ ياخشى خادىم» (Person of the Year) نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بىر قانچە تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر. JPL دا 6,000 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى، خىزمەتچىلەر ئىشلەيدىغان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئالدىنقى بىر قانچىنىڭ ئىچىگە كىرىشمۇ چوڭ نەتىجە ھىساپلىنىدۇ. ئالىمنىڭ بۇ يىل ئىچىدىلا خەلقارا نوپۇزلۇق چوڭ ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ئىلمىي ماقالىلىرى 10 پارچىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ (تەخمىنەن ئېيىغا بىر پارچە)، 10-5 يىلدىمۇ بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلالمايدىغان باشقا تەتقىقاتچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك چوڭ نەتىجىدۇر.
ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمىز.
سادىر پالۋان تەستىقى
|
زورىگۈل قۇتئال
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-19 17:25 |
| |