ئانا تىلىم
ئەي تىلىم ئۇيغۇر تىلىم ، سەن ئانا تىل ئۇيغۇر تىلى،
سەن بۇيۈك تىل ،سەن بۇيۈك تىل بارچە تىللار سەرخىلى.
سەن گۇزەل تىل،سەن سۇزۇك تىل،سەن ھوزۇرۇم تاتلىق،
سەن ئۆتكۇر تىل،سەن ئاسان تىل،سەندە نۇسرەت شاتلىقىم.
ئەۋۋىلى (ئەڭ)دەپ سىڭدىڭ جانغا،دىلنى لال قىلىپ،
كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋانىمنى بال قىلىپ .
سەندە چىقتى ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى زۇۋانى ئۇيغۇر چىلاپ،
سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇرلارنىڭ لەۋزىدىن خۇشپۇراق.
سةندة ھازىرلاندى(مىللەت) شەرتى نىڭ نىر مەنىسى،
سةن بىلەن بىخ سۇردى (مىللەت) شاخلىنىڭ بەرگىسى.
مىللىيەت مەۋجۇت(يارەن)مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
نەدە ئۇ مىللى شەرەپ ،ئىززەت تىلىڭ(توق)بولمىسا،
تىلدىگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلاتنى باغلار رىشە بىل،
رىشتە چىڭلىقتا ئۇغۇلغاي نە ئىسىل ئۇز كەشتە بىل.
ئانا تىل مىللى تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سىنىڭ،
ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچىدە يۇزۇڭ نۇرلۇق سىنىڭ.
ئانا تىل غەزىنىسىدە قىپتۇ باي بىلسەم مىنى ،
ئەرەبى،پارىسى،ھەم ئۈگەندىم ئوردوچە ،خەنزۇچىنى.
ئەي يارەن مەن (ئۇيغۇر)لۇقتا قايسى يۇتنى كەزمىدىم،
ئاناتىل ئۇيغۇر تىلىدەك تەمىدە بالنى سەزمىدىم.
جان ياشاردى ئۆز زۇۋانىم بىرلە بىر سۆز ئاڭلىسام،
قالدى ھەيرانە_ھەق شۇ تىلدا ئۆز ئىلىمنى داڭلىسام.
چۇنكى بۇ تىل قانغا سىڭگەن ئەتىۋا تىل يۇرت تىلى،
ئۇشبۇ تىلدا پۇتتى داستان شائىېرىم يۇرت_بولبۇلى.
ئۇشبۇ تىلدا ئەللىمە ئەدىبلەر كۆپ زامان،
ئۇشبۇ تىلدا قالدى شۇ يۈسۇپ،مەھمۇت ھامان.
ئۇشبۇ تىلنى سەپكە تىزساق نەچچە پەرەڭلەر قاتار،
بىرسى --بىرسى ئۆزبىك ھەم قازاق قىرغىز تاتار.
تىلغا ئەل ئىلغىدا ،ئۇنىڭ ۋايى،قەلەمكەش تىلچىدىن،
ئۆچمىسۇن بۇتىل ئىلى ،تۇرپانۇ قەشقەر ئاقسۇلار ئىچىدىن.
دەۋرىمىز بەردى ھوقۇقنى ،بەردى تىل ساقلىقنى ساقلا دەپ،
تىل يىزىق ئەركى سىنىڭ ئىلكىڭدە بۇرچىنى ئاقلا دەپ.
ئەي زامانىم ياشلىرى! ئەجرىڭدە پەرۋىش تاپسا تىل،
شىېر ناۋائىېيدەك چۇشۇپ بەيگىگە يەڭسە، چاپسا تىل.
كىم خۇشال بولمايدۇ روھلار شاد،بۇگۇن ھەم مەڭگۇ شاد،
ئانا تىل بايلىقى! ئۇنى قوغدا بۇ يولدا توھپە قات.
بۇ شىېئر مەرھۇم (خوتەنلىك) ئابدۇ ھىېمىد يۇسۇپ ھاجىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بىغىشلىغان شىېئرى بولۇپ، يىڭى قاشتىشى ژۇرنىلىنىڭ 1994_يىلى 2_سانىغا بىسىلغان .
ئانا تىلىمىز نى قوغداش ھەممە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەزىپىسى ، ياشىسۇن ئانا تىلىمىز!!!
چىن مودەن تەستىقلىدى