>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى -> غەنىزات ئۇيغۇر :ماددا مۇكەممەللىكى ۋە تۇيغۇلار قاتلىمى ھەققىدە

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 130 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : غەنىزات ئۇيغۇر :ماددا مۇكەممەللىكى ۋە تۇيغۇلار قاتلىمى ھەققىدە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ulugbag



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 38
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
غەنىزات ئۇيغۇر :ماددا مۇكەممەللىكى ۋە تۇيغۇلار قاتلىمى ھەققىدە

غەنىزات ئۇيغۇر


ماددا مۇكەممەللىكى ۋە تۇيغۇلار قاتلىمى ھەققىدە


(پەلسەپىۋىي ماقالە )

دۇنيا ماددىي ۋە روھى مەۋجۇدىيەت بەرقىدە قارار تاپقان بولۇپ ، ئەسلىيەت ۋە زۆرۈرىيەت ماددىغا بېقىنغۇچى سەۋەبلەر جۇملىسى ئىمكانىيىتىدە ، تۇيغۇلار قاتلىمىدا ئىنساننىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك زەنجىرلىرىدە تىنىمسىز ھەرىكەتكە نەزەربەند قىلىنغان . نىھايەتكى ، ئالدىنقى دۇنيانىڭ زاھىرلىقى كىيىنكى دۇنيانىڭ زۆرۈرلۈكىنى شەرت قىلغان ھالدا ئۆز مەۋجۇدىيتىنى ساقلاشقا مەجبۇردۇر . موشۇ مەنىدىن ئالغاندا بىلىش چەكسىز مۈمكىنلىككە ئىگە . بىلىشنىڭ چەكلىك مەۋھۇمىيەت قاتلىمىدىن چەكسىز مەۋجۇدىيەت ئالىمىگە قىلغان ئىدىراك سەپىرى ئىنساننىڭ مەنىۋىيەت تاكاممۇللىقىنى ئىزدەش ھالقىسىدا مەڭگۈ چاقناپ ، ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەبەدىيلىك ئالىمىگە باشلايدۇ .
ماددا ئىنسان مەۋجۇدىيىتىنىڭ زۆرۈرىيىتى تەرىپىدىن ئېنىقلانغان تەبىئىي ئەسلىيەت سۈپىتىدە ، مەنتىقىي تەپەككۈر گۈلشىنىدە ئۆز جامالىنى ئاشكارىلايدۇ . ئىنسان سەزگۈسىنى تىنىمسىز غىدىقلاۋاتقان ئۆلۈم ۋە تەرەققىيات چەمبىرىكى يەنىلا يوقلۇق ئەبەدىيىتىنىڭ مەھكۇملۇق ئابىدىسىگە ئويۇلغان بىر جۈملە خەت بولسىمۇ ، ئەمما روھى ۋە جىسمانىي رىقابەت ۋە خىرىس ئالدىدا بىز يەنىلا ئىچكى تۈزۈلۈش مۇكەممەللىكى قايناملىرىدىن ماددا زۆرۈرىيىتىنى ئىزدەشكە مەجبۇرمىز .
كەلگىنىنىڭ زۆرۈرىيىتى ، كەتكىنىنىڭ قىممىتى بولماسلىق ئىنسان پۇشتىنى چۇڭقۇرلۇقتا چېكى يوق ئازاب ئوكيانىغا ئىتتىرىدۇ .ھالبۇكى لەۋھىلمەھپۇزدا تەقدىر - قىسمەت ئارغامچىسى ئېشىلگەندە ، تالاي روھ بۇ ئازابلىق كېلەچەكنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇ بولغانلىقى ھېچكىمگە سىر بولمىسا كېرەك . ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسان پۇشتىنىڭ يۈزدە توقسەن توققۇز پىرسەنتى بۇ ئالدامچى ئازاب رىئاللىقىنى ئۆز - ئۆزىنى تونۇماسلىق تۇمانلىرىدا ئىختىيارسىز قۇبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى نەتىجىدە تەڭرىنىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈشكە كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەيلا قېلىشتى .مەۋجۇدلۇق ئىسيانىنىڭ ماددىي يالدامىسى سۈپىتىدە ھېلىھەم تاغ چوققىسىدا تۇرىۋاتقان سىرلىق نوھ كېمىسى ، كۇپۇرلۇق ئوكيانىدا ئەبەدىيلىك ھاياتقا كۆز ئاچقان ئەلئىھرام ، ھون سەلتەنىتىنىڭ خارابىسىگە گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئونمىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى ، ئېلاھلار ئالىمىنىڭ سەيلىگاھىدا روشەن چاقناپ ، ئېدراك ئېمپىراتۇرىنى ئەسلەتكۈچى مەرمەرتاش ئابىدىلىرى ، ھەقىقەت ئىشىكىنىڭ ئالتۇن ھالقىسىغا سوقراتنىڭ قەلبىىدىن تامغان زاھىدلىق ياشلىرى بىلەن ئەپلاتۇننىڭ روھىيەت بۇلاقلىرىمىزدا بۇلدۇقلاۋاتقان ئادىمىيلىك ھەققىدىكى ئەقلىيەت ئۈگۈتلىرىنى تەشكىل قىلغان پەلسەپىۋىي كەۋسەرلىرى ئىنسان مەنىۋىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈككە سىغدىلىۋاتقان چىرايلىق كۆرۈنۈشلىرىنى ئېسىمىزگە كەشتىلەيدۇ ....
(داۋامى بار )


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 00:32 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-19 05:23, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije