-xaparang-
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 53
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
پۇل: 530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:96(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-09
|
بېشى يوق ئادەم
تورداشلار ئەپۇ قىلىڭلار ، كۆچىلىكنى ئالداپ قويدۇم ، لېكىن تۆۋەندىكى مەزمونلارنى چوقۇم ئوقۇڭ .. molla pok-pok ئەپەندىم يوللىغان تېما «ئۇيغۇرىمىز ئۈچۈن بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قويۇڭ » . مەزمونى: --------------------------------- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم شەبنەم ئەھلى.بارلىق دوستلارنى ياردەمگە چاقىرىپ ئۇشبۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. نىڭبو ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان تۆت نەپەر ئۇيغۇر قىزى ئۈچۈن ياردىمىڭىزنى ئايىمايدىغىنىڭىزغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن. نىڭبو ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئىنگىلىز تېلىدىن ئەمەلىي قابىلىيەت،ئۇنۋېرسال ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش مۇسابىقىسىگە شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر قىزى بىر كوللىكتىپ بولۇپ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپتۇ ھەم نۇرغۇنلىغان تاللاش ۋە شاللاشلاردىن ئۆتۈپ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ ھەم ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللەپتۇ.بۇ ھەم ھەممەيلەن پەخىرلەنگۈدەك ئىش. ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللاپ بېكىتىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بولۇپ بۇنىڭدا توردىكى بېلەت سانىنى ئاساس قىلىدىكەن.ھازىر بۇ تۆت قىزىمىز بېلەت سانى جەھەتتىن 7- ئورۇنغا چۈشۈپ قاپتۇ.بىز بىر كومپىيوتېردا كۈنىگە بىر بېلەت تاشلىيالايدىكەنمىز.شەبنەم ئوردىسىدىكى ئەزالارنىڭ 20 دىن بىرى 23- چېسلاغىچە كۈنىگە بىردىن بېلەت تاشلاپ بەرسە ئۇلارنىڭ بېلەت سانى ھازىرقىنى 20 ھەسسە قاتلايدۇ دېگەن گەپ.مۇشۇ ھالەت بويىچە ھەممەيلەن بۇ پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۈچۈن كۈندە بىر مىنۇتتىن ۋاقتىمىزنى چىقارساق ئۇلارنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىزگە شان-شۆھرەت ئېلىپ كېلىشىدە گەپ يوق. قېنى يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟چاپسان ھەركەتكە كېلىڭ.شۇ قىزلىرىمىز ئۈچۈن قىلغان ئەجرىڭىز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ. بېلەت تاشلاش ئادرىسى: http://stu.nbu.edu.cn/2007show/vote/index.html -------------------- ئاساسىي مەقسىدىم بىر كۇندە بىرنى ئەمەس ،خالىساق بىر -ئىككى مىنوتتا بىر بېلەت تاشلىيالايمىز . بۇنىڭ ئامالى: ئۇيىدە نۇمۇر بېسىپ تورغا چىقىدىغان تورداشلار تورنى ئۈزۈپ قايتا ئۇلىسىڭىز ،سىزنىڭ IP نۇمىرىڭىز ئۆزگىرەپ كىتىدۇ ، ئۇلارغا يەنە بېلەت تاشلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ . مەن مۇشۇ ئامالنى قوللىنىپ داۋاملىق بالەت تاشلاۋاتىمەن ، ئۆيىدە تورغا چىقىدىغان تورداشلارنىڭبىر ئاز ۋاختىنى قۇربان قىلىشىنى، ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن ، تورخانىدا تورغا چىقىدىغانلارمۇ سىناپ باقسا بولىدۇ . مەن شۇ ئۇسول بىلەن يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 20 دىن كۆپ بېلەت تاشلاپ بولدۇم . شەبنەمنىڭ 25 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار شۇلارنىڭ ئىچىدە ھىچ بولمىغاندا 500 ئادەم كۈندە 15 مىنوت ۋاختىنى چىقىرىپ 10 بېلەت تاشلىيالىسا بىر كۈندە 5000 بېلەت بولىدۇ . ئۇلار غەلىبە قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . شۇ بالىلار ئۇچۇن ئازراق ياردەم قىلىپ قويساق
سۈمەييە تەستىقلىدى
[ بۇ يازما -xaparang- تەرپىدىن 2007-11-18 12:44 دە ق ]
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 23:11 |
| |