uq-kun
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 38
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:180(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-10
|
خاسىيەتلىك ئۇچرۇشىش
ئابدۇرىھىم ئوتكۇر
چۇشۇممۇ بۇ ، ئوڭۇممۇ بۇ ، ياكى لىزىز خىيالمۇ بۇ ، ياكى بەخىت _ ئىقبالغا تۇش كەلگەن ئاجايىپ پالمۇ بۇ .
باق ، گۇزەل بىر قەسىر ئىچرە چاقنىغاندا نۇر چىراق ، باشلىۋەتتۇق بەزمىنى بىز ، ناخشىمىز بەك ياڭغىراق .
چىقتى تورنىڭ بىشىغا ئاۋال ئوغۇز ساھىپقىران ، قانچە ئەللەر ، قانچە خەلقلەرگە ئات قويغان بۇ خان .
ئولتۇرار بىر كۇرسىدا ئالىپ ئەر تۇڭا ئاپراسىياپ ، قولىدا ئالتۇن قەدەھ ، قەشقەر شارابى پاقىراپ .
ئەنە بىر كورسى ئوزرە ئولتۇرار باتۇر ماناس ، ئاق كىگىز قالپاق بىشىدا ، ياخدى ئالقىش گۇلدۇراس .
ئالپامىش قىلدى كىرىپ مەردانىلەرچە بىر سالام ، تولدۇرۇپ توققۇز قىتىم تۇتتى قىمىز ساقى تامام .
چاپتۇرۇپ بوز ئارغىماقنى كەلدى جاڭغىرمۇ ،شۇئان ، ھەم گىسىر ۋاڭمۇ كىلىپ سەپكە قوشۇلدى شادىمان .
ئەسسالام ئىيتىپ ئۇلۇغ ھاجىپ يۇسۇپ كىرگەن زامان ، جانلىنىپ كەتتى سورۇن مىڭلاپ چىچەك كۇلگەن سىمان .
چاقنىدى دانىش - ئىلىم . پەزلى ، ھونەر دۇردانىسى ، دىدى ھەممە مىڭ ياشا سەن دەۋرىمىز يىگانىسى .
مانا ماخمۇت قەشقەرى ، ئۇ ئىلىم _ ئىرپان دىڭىزى ، كىردى قامۇش بىرلە ئۇ گويا كۇلۇپ ئاسمان يۇزى .
مانا لوتفى ھەر ناۋايى ، خىرقىتى گۇمنام ، مۇقىم ، مانا فىرقەت ھەم زەلىلى ، ھەم نىزار ئابدۇل رىھىم .
مەرىپەت ئاسمىنىدىن دۇردانىلەر تىرىپ ئاباي ، كىردى چىرتىپ دومدۇرا ، ئىيتىپ ئولەڭلەر بىر تالاي .
<< ئەي تۇغان تىل ، ئەي ماتۇر تىل ، ئەتكەن - ئەنكەمنىڭ تىلى ، دۇنيادا كوپ نەرسە بىلدىم سىن تۇغان تىل ئارقىلى .>> - دەپ كىرىپ كەلدى سورۇنغا جىرلا - جىرلا ياش توقاي ، بۇ شېىر ئاسمانىدا قوغقان كەبى بىر يىڭى ئاي .
ئەۋجىگە چىقتى مۇشائىر ، تەڭكىشى تەمبۇر ، دۇتتار ، داپ بىلەن سۇناي ، قوبۇز ، جىرغا قوشۇلدى چاڭ ، گىتتار .
تولدۇرۇپ مەي جامىغا دوفۇ بىلەن لىبەي شۇ دەم ، << خۇش مۇبارەك >> دەپ قىلىشتى بەزمىگە تەشرىپ قەدەم .
ياڭرىدى ئالقىش ساداسى ، كوكتە كولدى زەر قۇياش ، بەختۇ ئىقبال دائىما بولغاي خەلىققە چىن قاياش .
شۇ قاياشلىق بىرلە كۇلسۇن يەنە سەنئەت گۇللىرى ، سايرىسۇن گۇلشەن ئارا ھەممە خەلق بۇلبۇللىرى .
1983 - يىلى 24 فىبرال ئۇرۇمچى
ئەركزات تەستىقى
[ بۇ يازما uq-kun تەرپىدىن 2007-11-18 03:21 دە قايتا ]
|
بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى |
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 23:06 |
| |