بۇ ھىكايىنى يۈرەك كىسىلى بار ھەم يۈرىكى ئاجىز تورداشلار ئوقىماڭلار . كەچ كىرىپ قالدى.....
جۇڭگونىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە تاكسىچىلىق قىلىدىغان بىر ئادەم شۇ كۈنى يەنە بەك كەچ قالغان ئىدى،ئۇ تېزرەك ئۆيىگە قايتىۋىلىشنى ئويلايتتى،ئۇ ئالدىرىغانسىرى ماشىنىسى ئاستا ماڭغاندەك بىلىنەتتى.ئۇنىڭ كاللىسدا بولسا ئالدىنقى كۈنى ئاخشام كۆرگەن قورقونۇچلۇق كىنولارنىڭ كۆرۈنۇشى ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.ئۇنى بىر ئاز قورقونۇچ باستى،خۇددى بىرەرسى ئۇ نىڭ كەينىدىن كېلىپ ئۇنىڭ كېلىپ كانىيىدىن سىقىدىغاندەك ھېس قىلاتتى،ئۇ شۇنداق قورقۇنۇچلۇق ھېسلار بىلەن كېتىپ بارسا،يىراقتىن بىر سىنىڭ قولىنى سوزوپ ماشىنىنى توسۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، شوپۇر ئىچىدە« بۇنچە كەچتە تىشىدا يۈرگەن كىمدۇ»دەپ ئويلىدى،ماشىنا يىقىنلاشقاندىلا ،ماشىنىنى توسقان بىر ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى،ئۇ ئايالنىڭ چاچلىرى چۇۋۇق،چىرايى ئاپئاق،كالپۇكى قىپقىزىل،كۆزلىرى قىزىل قان بىلەن تولغان ئىدى،شوپۇر بۇلارنى بايقاپ بولغىچە،ئۇ ئاللىبۇرۇن ماشىنىسنى توختىتىپ بولغان ئىدى،ئەمدى شوپۇرنى ئەندىشە قاپلىدى، قىز ماشىنىنىڭ ئارقىغا چىقىپ ئولتۇردى ھەم ناھايىتى زەيىپ ئاۋازدا:
- جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا،يولدىشىمنى ئىزدەپ ماڭدىم -دىدى، شوپۇر نىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى،ئۇنىڭ ئۇ يەرگە بارغىسى كەلمىدى،بىراق ئۇ قىز ئاللىبۇرۇن ماشىنىغا چىقىپ بولغان ئىدى،ئەمدى يىنىۋالغىلى بولمايدۇ -دە،شوپۇرنىڭ كاللىسى ھەرخىل خياللار بىلەن تولغان ئىدى« ئەجابا بۇ قىز بىر ئەرۋاھمىدۇ ياكى جىنمىدۇ؟ ئەجەپ بۇ كەچتە جەسەت كۆيدۈرىدىغان مەيدانغا بارىدىكىنا،ئەجابا ئۇ راستىنلا ....... مەن راستىنلا جىنغا ئۇچىرىدىممۇ.....؟» ئۇ ئويلىغانسىرى ئالدىنقى كۈنى كۆرگەن قورقونۇچلۇق كىنودىكى شەيئىلەر كۆزىگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى،ئۇنىڭ كاللىسىدا ھەرخىل خىياللار داۋام ئەتمەكتە ئىدى، ئۇ بىردەم قىز ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويارمىكىن دەپ ئويلىسا،يەنە قىز مىنىڭ قېنىمنى ئىچىپ مىنى قوپقۇرۇق قىلىپ قويارمۇ؟ دەپ خىيال قىلاتتى، ئۇ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن قىزغا قارىدى،قىز بىرلا نۇقتىغا قاراپ مىدىرماي ئولتۇراتتى، شوپۇر قىزغا قارىغانسىرى قىز ئاللىقانداق جىنلارغا ئوخشاپ كېتىپ باراتتى،
شوپۇر ئەمدى چىدىغۇچىلىكى قالمىدى،ئۇ بەكلا تەشۋىشلىنىپ كېتىپ باراتتى،ئۇ كۆڭلىدە«بولدى ،ئۇ يەرگە ئاپارماي يىقىنراق بىرەر يەرگە كەلگەندە،مەن ئۇنى چۈشۈرۈپ قوياي!!!!!!» .ماشىنا مېڭىپ جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا ئازقالغاندا،ئۇ ماشىنىنى جىددى توختاتتى، ھەم كەينىگە ئۆرۈلۈپ:
- قىزچاق،ماشىنا ئەمدى ئالدىغا ماڭسا، ئالدى تەرىپىمىزدە ماشىنىنى ئەگىلدۈردىغان بوشلۇق يوق،ئەمدى ئازراق يولنى پىيادە مېڭىڭ بولامدۇ؟-دىدى،قىز كۆزىنى نۇقتىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ،بىشىنى كۆتۈرمەي ئاستا ئاۋازدا:
-ماقۇل،بەرىبىر ئاز قاپتىمەن ئەمەسمۇ،ئۇستام قانچە پۇل؟ شوپۇر دەرھال قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلىپ:
- بولدى بولدى،قىزچاق،بۇنچە كەچتە سىزدىن پۇل ئالسام سەت بولمامدۇ،ھېچقىسى يوق،پۇل بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،-دىدى
- رەخمەت سىزگەئۇستام-قىز بىشىنى كۆتۈرۈپ شوپۇرغا قارىدى،ئۇنىڭ كۆزلىرى قىپقىزىل ئىدى،شوپۇر قورققىنىدىن دەرھال ئالدىغا قارىۋالدى، ئىشىك«گۈپ .......! » قىلىپ يىپىلدى،شوپۇر كەينىگە قاراپ قىزنىڭ قايسى يۆلىنىشكە ماڭىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ ئۆرۈلۈپلا قېتىپ تۇرۇپلا قالدى،قىز كۆرۈنمەيتتى،
ئۇ گاڭگىراپلا قالدى،«ھەي، تېخى ھازىرلا ئىشك<گۈپ>قىلغاندەك قىلغان،بۇ ئەتراپتا بىر ئىمارەتمۇ يوق،ئۇ قىز ئۇنچىلىك تىز ماڭامدۇ،بۇ يول تۈپتۈز يول تۇرسا!!!!» ئۇ كاللىسىدىن تۇيۇقسىز بىر ئوي كەچتى« ئۇ راستىنلا جىن ،راستىنلا جىن....» ئۇ قىز ئولتۇرغان ئۇرۇنغا قارىدى،ئورۇننىڭ ئۈستىدىكى رەخت ئازراقمۇ پۈرلەشمىگەن ئىدى،
ئەجابا راستىنلا جىنمىدۇ؟
راستىنلا جىن ئىكەن!
ئادەتتىكى ئادەملەر بۇنچىلىك تېز ماڭمايدۇ !!
ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ ،قورقوپ تىتىېرەپ كەتتى،بىراق تېخىمۇ قورقونۇچلىغى ئەمدى يۈزبەردى، ماشىنىغا بىر نەرسە تەگكەندەك قىلدى،شوپۇر ماشىنىدىن ئاستا چۈشۈپ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە قاراپ،قاراپ قىىتىپلا قالدى،ئۇ يۈركى قاتتىق سوقۇپ كەتتى،كۆز قارچۇغى كېيىڭىپ،نەپەس ئېلىشى تىزلەشتى ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېلىقى قىز!!!!!
ھېلىقى قىز ئۈستى بىشى توپا،بۇرنىدىن توختىماي قان ئىقىپ تۇرغان ،كۆزلىرىنى چەكچەيتكەن ھالەتتە شوپۇرغا قاراپ تۇراتتى.
شوپۇر ئەمدى ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەشكەنلىكىنى ھېس قىلدى.ئۇ قاچاي دىدىيۇ،ئورنىدىن مىدىرلىيالمىدى، قىز ئۇنىڭغا يىقىنلاشتى. قىزنىڭ كۆزىدىن غەزەپ ئوتى يىنىپ تۇراتتى.
تېخىمۇ يىقىنلاشتى،شوپۇر قورقوپ كۆزىنى يۇمۇۋالدى.......
قىز ئۇنىڭغا يىقىن كېلىپلا شوپۇرنىڭ كانىيىدىن سىقىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
__ ھەي كالۋا،ماشىنىنى ئۆستەڭنىڭ قىرىغا توختاتقان بارمۇ، ئىشكىنى ئىچىپلا ئۆستەڭنىڭ ئىچىگە دۇمىلاپ چۈشۈپ كەتتىم، قاراپ توختاتساڭ بولمامدۇ، تاس قالدىم سۇدا ئېقىپ كەتكىلى...... ئەمدى جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىدا كىچىلىك سىمىنا ئىشلەۋاتقان ئېرىمىنىڭ يىنىغا قانداق بارىمەن،ئۈستى بىشىم توپا بولۇپ كەتتى،،بۇرنىمىدىن قان توختىمايۋاتىدۇ، ماڭ دوختۇرخانىغا بارىمىز!!!
شوپۇر نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى...
___قۇرۇقمىغانسىلەر - ھە؟! ھى ھى قىزىقارلىق ئىدى يوللاپ قويدۇم ___
(ئەمەلىيەتتە ئۇ قىزنىڭ چىرايى ئۇنداق سەت ئەمەس، شۇ قۇرۇققانغا قوش كۆرىنىدۇ )