دەۋر ئۆزگەردى، قىزلىق لاتاپات ئۆزگەرمىدى
ئەي قىزىم ! دەۋرىمىزدىكى قىزلار دۇنياسى ئاجايىپ زور ئۆزگىرىش ھالىتىدا تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ روھىيىتى،تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى تۇيۇقسىز ياۋروپالىشىپ، مىللى ئەنئەنە ۋە ئەسلىدىن ياتلىشىش دولقۇنىنى ئەۋجىگە كۆتۈرمەكتە. دەۋىر ئۆزگەردى، زامانىمىز قىزلىرى ئۆزگەردى، ھەر قانداق دەۋىردىكىگە سىلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ئۆسۈپ، ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئەمما دۇنيانىڭ تەرەققىيات قەدىمىدىن خىلىلا يىراقتا تۇرىۋاتىدۇ، گويا ياۋروپالىقلارنىڭ كىيىم-كىچەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇش، يىمەك-ئىچمەكلىرىلا تەسىر قىلىپ باشقا مەدەنىيەت شەكىللىرى تەسىر قىلمىغاندەك، ئۇلارنىڭ بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىنىش ئىرادىسى تۇرغۇزۇلسا شۇنىڭدىن چوقۇم نەتىجە قازانماي قويمايدىغان قىلىقى بۇلارغا قىلچە تەسىر قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. ئىلىم پەننىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن قارىغاندا دۇنيادىن ھەم يىراقتا قالغان ھەم ئۇچۇر، كىيىم-كىچەك، مودا جەھەتتىن ئالغاندا شۇنچە يىقىن تۇرىدىغان رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىيىتى مانا مۇشۇ يىراق بىلەن يىقىنلىقنىڭ چەكسىز ئالمىشىشى داۋامىدا ئۆمىلەپ ئالغا كىتىۋاتماقتا، بولۇپمۇ بىزنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن شۇنداقتۇر، قىزىم.
ئەي ئوماق قىزىم! دەۋىر ئۆزگەردى، ئەمما قىزلىق لاتاپەت قىلچە ئۆزگىرىپ قالمىدى، دەۋر ئۇچۇرلىشىشىنىڭ بارغانچە كىڭىيىۋاتقان بوشلۇقىدا كىشىلەرگە نۇرغۇن قىيىن ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى، مۇساپە ۋە ۋاقىت تۇرمۇشتا قولايلىق نەرسىلەرگە يۈرۈش قىلىش، جۈملىدىن تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە كىيىم-كىچەكتە مۇشۇنداق بولۇش بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى، كىيىم-كىچەكتە يەڭگىل بولۇش، چىدامچان بولۇش ۋە پاختا رەخىتتىن تىكىلگەن بولۇش، ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە كىيىملەرگە يۈرۈش قىلىش دولقۇنى قوزغالدى، بۇنداق كىيىملەرنىڭ كۆپ خىل ئالاھىدىلىكى بۇ كىيىملەرنىڭ دۇنياۋى تۈس ئىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ئەمما قىزلىق لاتاپەت، مىللى ئەنئەنە نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئەنە شۇنداق كىيىملەرنىڭ ئىجادچىسى بولغان ياۋروپالىقلارمۇ بۇنداق كىيىملەرنى ئۇيغۇر قىزلىرىدەك سادىقلىق بىلەن تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ كىيىپ باقمىغاندۇ؟ بۇنداق كىيىملەرنى كىيگەندە ئۆزىنى ئەركىن روھلۇق كۆرسەتكىلى بولىدۇ. لىكىن بۇنداق كىيىملەرنى كىيگەن قىزلارنىڭ نازۇكلۇق يۇمرانلىقتىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس. ئالدى بىلەن قىزلىرىمىزنىڭ كىيىم كىچىكى ئۆزگىرىپ، ئاندىن بارا-بارا روھىىتى ئۆزگىرىپ كەتتى، ئۇيغۇرغا خاس قىزلىق لاتاپەت سۇغا چىلىشىپ كەتتى.
ئەي قىزىم! قىزلىق لاتاپەت بابىدا قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللى كىيىم-كىچەكلىرىنى ساقلاپ قىلىشى شۇ مىللەتنىڭ تۈگىمەس بايلىقى ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلارنىڭ مىللى كىيىم-كىچەكلەرنى ساقلاپ قىلىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.تولىمۇ ئەپسۇسكى، مانا مۇشۇ ساقلاپ قىلىشى كۈچلۈك بولغان قىزلىرىمىزنىڭ ئۇچىسىدىن ئەنئەنىمىزگە خاس بولغان كىيىملەر شەيتان سالدۇرىۋالغاندەكلا يوقاپ كەتتى، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟
ئەي لاتاپەتلىك قىزىم! خەلقىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ياراتقان مول مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە رەڭگارەڭ كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتى ساڭا ئوخشاش قىزلارنىڭ ھەر قانداق شەكىل ۋە پاسوندا كىيىشىگە، دەۋىرگە ماسلىشىشىغا، ھەرقانچە مودا ياسىنىشىغا يىتىپ ئاشىدۇ.قىزلىق لاتاپىتىڭ، ئۇيغۇر قىزىغا خاس قىياپىتىڭ ئاشىدۇ، نازۇكلۇق، يۇمرانلىق، لاتاپەتنى ئۆزىگە يار قىلغان ئاجايىپ بىر خىل جەلىپ قىلىش كۈچى سىنى كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى قىزغا ئايلاندۇرالايدۇ. نىمىشقا مۇشۇنداق چەكسىز سىھرىي كۈچكە تولغان لاتاپەتنى ساقلىساڭ بولمىغۇدەك، باشقىلارغا ئۇيغۇر قىزىنىڭ مۇشۇنداق لاتاپىتى بارلىقىنى كۆز-كۆز قىلالىساڭ نىمىشقا بولمىغۇدەك؟ بولىدۇ، تازا ياخشى بولىدۇ، مانا مۇشۇنداق يۈكسەك دەرىجىدىكى لاتاپەت بابىدا يىتىلىپ چىقالىساڭ، ياۋروپالىشىشىنى كىيىم-كىچەكتە ۋە قىزلىق لاتاپەتنى يەرگە ئۇرىدىغان ئاتالمىش ئەركىنلەشتۈرۈش ئىچىدىكى ھاياسىزلىقتا ئەمەس، ئىلىم –پەننى قورال قىلغان، ئۇيغۇرنىڭ كىيىمىگە پۈركەنگەن، نازۇكلۇق، يۇمرانلىق، گۈزەل ئەخلاقنى قورال قىلغان، مىللى ئەنئەنىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشتەك جاسارەتتە ئىپادىلىيەلىسەڭ، ئۇيغۇرغا خاس ھەقىقى ياۋروپالاشقان ھىساپلىنىسەن.
ئەي قىزىم! سىنىڭ ئەتراپىڭدا ئەنە شۇنداق كىيىم-كىچەكتە ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا ياۋروپالاشقان قىزلار بىلەن ئۇيغۇرغا خاس ئەنئەنىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە ياراتقان نەتىجىلىرى ئارقىلىق بەخت كۈلكىسىگە چۆمگەن قىزلار چۆرگىلەپ يۈرۈشمەكتە، ساڭا قايسى خىلدىكى قىزلار لاتاپەتلىكراق كۆرۈنۈۋاتىدۇ؟ كىيىنكىلىرى دىدىڭمۇ؟
رەڭگىنىڭ تىنىقلىقى، تىرەڭنىڭ سىلىقلىقى، چىچىڭنىڭ قۇندۇزدەك قارىلىقى، ياشلىقىڭ ۋە ساغلاملىقىڭنىڭ نىشانىدۇر. سەزدىڭمىكىن، خۇش پىچىملىق ئۆزۈڭگىلا كىرەك، ھەرگۈلنىڭ ئۆزىگە خاس پۇرىقى بار دىگەندەك، ھەر بىر قىزنىڭ ئۆزىگە يارىشا جەزبىسى بار. ئەي قىزىم! ھازىر سەن دەل ئۆز جەزبەڭنى تىكلەيدىغان ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان ياشتىسەن. بۇ سىنىڭ قەددى-قامىتىڭنى قانداق تۇتۇش، كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش، ھەتتا تائام يىيىشتىمۇ پەقەت ئۆزۈڭگە خاس يارىشىدىغىنىنى تاللاپ ئۆزلەشتۈرىدىغان دەۋرىڭدۇر.
شۇنىمۇ ئىسىڭدىن چىقارمىغىنكى، مەنىۋى گۈزەللىك كىشىگە مەلۇماتتىن، مەنسەپتىن، ھــۆسىن-چىرايدىن، كىيىمدىن ئارتۇق ھۆرمەت، ئىتىبار ئاتا قىلىدۇ. مەنىۋىيىتى گۈزەل قىزنىڭ كىيىنىشى، مۇئامىلىسى، ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىشى ئەتراپلىق بولىدۇ. گەپنى ئويلاپ سۆزلەيدىغان، ئىھتىياتچان، ھايالىق قىزلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىمۇ چىرايلىقتۇر.
قىزلىق لاتاپەت مەڭگۈ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، قىزلىق لاتاپەتنى قىزلار پەقەت ئۆزىنىڭ قىزلارغا خاس جەزبىسى، سالاپىتى، ھەقىقى بىر قىزغا خاس سۈپەت- ساپاسى ئارقىلىق يارىتىدۇ. بىلىمدە كامالەت تاپقان، ئەخلاق– پەزىلەتتە يىتىلگەن، ياخشى خۇلقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ۋە يامان خۇيلاردىن يىراق بولغان، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە كۈچ قۇدرەتتە مەن-مەن دىگەن يىگىتلەرنىمۇ ئارقىغا تاشلاپ قويىدىغان قىزلاردىلا ھەقىقى قىزلىق سۈپەت ۋە ھايا ھازىرلانغان بولىدۇ. قىنى ئىيتقىنچۇ قىزىم، سىنىڭدە مۇشۇ ئۆلچەمگە توشىدىغان سۈپەت ۋە ساپا يىتىلىپتىمۇ؟
ئەي ھۆرمەتلىك قىزىم! مەنىۋى گۈزەللىك ئىنسانلارغا خاس بولغان پەزىلەتلەرنى ئىگىلەشتىن، ئىنساننى، ئاتا- ئانىنى، ئۇستازلارنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىشتىن كىچىكلەرنى ئىززەت قىلىشقا ئادەتلىنىشتىن باشلىنىدۇ. ئىچكى ئالەمنىڭ تاشقى ئالەمنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارمىغايسەن. ئىڭى قالاق، مەدەنىيىتى تۆۋەن، مىجەز خاراكتىرى مەنىۋىيىتى ھەرگىز گۈزەل بولالمايدۇ، مانا بۇلارنى قەلبىڭگە نەقىش قىلىپ ئويۇۋالغايسەن قىزىم !
مەرزىيە تۇرسۇننىڭ «پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
ئاپتۇرى :مەرزىيە تۇرسۇن
مەنبە :پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز
چىن مودەن تەستىقلىدى