>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> خانىم - قىزلار سەمىگە -> ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 720 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
manggutax
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 466
شۆھرەت: 491 نۇمۇر
پۇل: 4347 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:48(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ


ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ، ﻳﯜﺭﯛﺵ - ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯔ :
1- ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﻳﻪﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ - ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﻪ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺩﯛﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﻝ ﺳﻮﻏﺎﻗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﺠﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﻐﯘ ﯞﻩ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯜﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
2- ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
3- ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﭘﺘﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ، ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﺘﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻼ ﺭﺍﻳﯩﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺯ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﯩﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
4- ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
5- ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
6- ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ .

ئاپتورى: ئايشەم ئەخمەت


Nurluk elani

تىرىشقان تاپار، تىرىشمىغان قالار!

[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 18:16 چوققىغا قايتىش
mehrigiya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 725
شۆھرەت: 843 نۇمۇر
پۇل: 7300 سوم
تۆھپە: 77 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:430(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەممىسى دانا پىكىرلەركەن . ياخشى تېما يوللاپسىز مەڭگۈتاش .قىزلار ئۆز قەدىر - قىممىتىنى ئۆزى ئاشۇرىشى ھەم ساقلىشى كېرەك ھەم كىچىگىدىن ياخشى تەربىيىلىنىشى كېرەك . بۇ ناھايىتى مۇھىم .

Nurluk elani

بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 18:24 چوققىغا قايتىش
kaxkariya

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 111
شۆھرەت: 122 نۇمۇر
پۇل: 1110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قىزلار يەنە ئىسلام ئىتقادىدا چىڭ تۇرۇش كىرەك،قۇرئان ۋە ھەدىس كىتاپلرىنى ئۇقۇپ ئىسلام دىننى چۈشنىشى ،ئالدىراپ ئوغۇللارغا چىرايلىق ۋەدىلەرنى بەرمەسلىكى ،ۋەدە بەرگەندىن كىيىن يېنىۋالماسلىقى كىرەك...............تىما ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتىڭلار قىزلار......


اللە نىڭ دىنىدا ئاداققىچە چىڭ تۇرۇش
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 18:58 چوققىغا قايتىش
DON

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


راس...بۇھەقىقەتەنمۇ بىر ياخشى تېما بوپتۇ......تېما ئىگىسىگە رەھمەت....دىمىسىمۇ   بۇگۇنكى زاماندىكى قىزلار نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ._ھە.........مەن دائىملا قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ .ئورنى ئالمىشىپ قېلىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن .......................قىزلار ئۇزۇڭلارنى چىڭ تۇتۇڭلار ...ئوغۇللارغا ھەرگىز ئالدانماڭلار......سىلەرنى ھەقىقى ياخشى كورگەن ئوغۇل بالا سىلەرگە ھەرگىزمۇ ....بولمىغۇر تەلەپلەرنى قويمايدۇ.........................

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 19:12 چوققىغا قايتىش
adila01

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 67
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
پۇل: 670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاجايىپ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە گەپلەر ئىكەن . قۇبۇل قىلىمىز . رەھمەت

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 19:13 چوققىغا قايتىش
adila01

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 67
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
پۇل: 670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


لىكىن دون ئەپەندىنىڭ ھازىرقى قىزلارغا نىمە بولۇپ كەتتى دىگەن گىپىنى ياقتۇرمايمەن . بولغۇلۇق قىز - ئوغۇل ھەممىمىزگە بولىۋاتىدۇ .

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 19:15 چوققىغا قايتىش
molla pok-pok
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 662
شۆھرەت: 688 نۇمۇر
پۇل: 6320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:408(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى تېما يوللاپسىز ، مەڭگۇ تاش ئەپەندىمنىڭ تېمىلىرىنى ياختۇرۇپ كۈرىمەن .

Nurluk elani

./search.php?authorid-15405.html
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 19:16 چوققىغا قايتىش
Sim~Sim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 132
شۆھرەت: 133 نۇمۇر
پۇل: 1320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تېما ئىگىسىگە رەھمەت ... پەقەت قىزلارلا ئەمەس ھەممە ئادەم ئۆز قەدىر قىممىتىنى ئۆزى يارتىشى كىرەك ..... كىيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ... ئەقىللىق زىرەك بولىشى كىرەك ...

Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 19:39 چوققىغا قايتىش
saadat
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1406
شۆھرەت: 1487 نۇمۇر
پۇل: 14060 سوم
تۆھپە: 55 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:590(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھېچكىم باشقىلارنى ئۆزىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرمەيدۇ...مىنىڭ قىزلىرىمىزغا ئەسكەرتىدىغىنىم:(سىز ئۇچۇن جېنىمنىمۇ ئايىمايمەن)(بارلىقىم سىزگە مەنسۇپ)(ئەڭ ئەشەددىسى:(مەن سىزنىڭ ھەر-قانداق گەپلىرىڭىزگە شەرتسىز قۇشۇلىمەن،سىزمۇ شۇنداق قىلالامسىز؟)دىگەن گەپلەرگە ھەرگىزمۇ ھۇشيارلىقىڭىزنى تىگىشىپ ،سەزگۇلىرىڭىزنى يوقىتىپ،ئاتالمىش تېخى رەسمىيلەشمىگەن (جۇپ)تىڭىزگە بارلىقىڭىزنى،قىزلىق ئىپپەت-نۇمۇس،ھايا-ئىمانىڭىز،قىممەتلىك ياشلىقىڭىزنى بېغىشلاپ،ھەدىيە قىلىۋەتمەڭ!!!
ئۆزىڭىز سەل قارىغان،قەدىرلىمىگەن،....نەرسىنى باشقىلارنىڭ قانچىلىك قەدىرلەپ،جاۋاپ قايتۇرۇشىنى ئۇمىد قىلىسىز؟
ۋاقتى كەلگەندە ھەممە بەخىتسىزلىكىڭىزنى ئاشۇ(ۋاپاسىز)يىگىتكە ئارتىپلا ،تاللىغان زاۋاللىق،پەسكەش يوللىرىڭىزغا ئۇنى سەۋەپچى دەپ،ئۆزىڭىزنى ئاقلىماقچى بۇلىسىز؟ئەمەلىيەتتە ھەممە سەۋەپ،سەۋەنلىك...پەقەت ئاشۇ ئىككى ئېغىز شىرىن گەپ،يالغان ۋەدە،ساختا مۇھەببەتكە ئالدىنىپ كەتكەن ئۆزىڭىزدە!!!!تېخى ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالماي ئۆتكۇزگەن خاتالىقىڭىزغا سىزگە ئامانەت بېرىلگەن جىسمىڭىزنى دەسمىي قىلىپ ئۆچ ئالماقچى،تۇرمۇش يۇلىڭىزنى تاللىماقچى بۇلىسىز.؟
ئويلاپ بېقىڭ:قارشى تەرەپ(يىگىتلەر)سىزنى ھەرخىل ۋاستىلار بىلەن ئالدىدىمۇ دەيلى:سىزگە باشقىلارنىڭ جىنايىتى ئۇچۇن ئۆزىڭىزنى جازالاشتىن،باشقىلار سەسكىنگۇدەك ھەتتا ئۆزىڭىزمۇ سەسكىنىپ ۋاز كەچكەن جىسمىڭىزنى جازالاشتىن باشقا يول يوقمۇ؟نىمىشقا باشقىلارنىڭ جىنايىتى ئۇچۇن ئۆزىڭىزنى جازالايسىز؟
جىق سۆزلەپ كەتكەندەك تۇرىمەن كەچۇرۇڭلار مۇشۇ خانىم-قىزلار توغرىلىق گەپ چىقسىلا ئۆزۇمنى بېسىۋالالمايدىكەنمەن.
قىسقىسى مەسئۇلىيەتنى قىز ياكى ئوغۇلغا ئىتتەرمەي.ھەممەيلەن ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى!بارا-بارا ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتقان ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك،مەلۇم مەقسەتكە يىتىش ئۇچۇنلا (مۇھەببەت دەستىكى)گە تايىنىشقا خاتىمە بېرەيلى!
قىزلار؛مۇھەببەتنىڭ ئۆلچىمى ھەرگىزمۇ ماددى بايلىق ئەمەس!يوقاتقانلىرىڭلارنى مۇلۇك بىلەن ئەسلىگە كەلتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس!

يىگىتلەر:قىزلارنى بەخىتسىزلەرگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇپلا:ھازىرقى قىزلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ،دەپ كۆزۇڭلارنى قىيامەتنىڭ مۇشۇكىدەك يۇمۇۋېلىپ،مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ(ئەجەپ ئاسان قۇتۇلدۇم)دىگەن پەخىرلىك سۆزۇڭلار بىلەن ئوزۇڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارنى يات مىللەتلەرنىڭ قوينىغا ئىتتەرمەڭلار!ئاخىرىدا ئىچى ئاچچىق بۇلۇپ قالىدىغانلار يەنىلا سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرى!چۇنكى غورۇرۇڭلار كۆزۇڭلارنى يۇمۇۋېلىپ كۆرمەسكە سېلىپلا ئۇتۇپ كىتىشكە يول قويمايدۇ!!!

دىمەك (چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ)ھەممەيلەن ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولايلى!قارشى تەرەپتىن ئاغرىنمايلى!


Nurluk elani

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 19:45 چوققىغا قايتىش
majnuntal666

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 369
شۆھرەت: 380 نۇمۇر
پۇل: 3690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:108(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تىمىڭىز بەك ياخشى تىما ئىكەن يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت ،ھەرقانداق بىر ئىسان قەدىر -قىممىتىنى يوقاتسا ئۇ زاۋاللىققا يۇز تۇتقان بولۇدۇ .شۇڭا مەيلى كىم بولمايلى قىممىتىمىزنى يوقاتمايلى !

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 19:50 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-19 05:21, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije