ئەگەر بىر ئەخمىقانە ئامال كارغا ياراپ قالسا ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئەخمىقانە ئامال ئەمەس. ئەگەر سەن قىلغان ھۇجۇم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولسا سەن چوقۇم تۇزاققا چۈشتۈڭ دىگەن گەپ. ھەرقانداق بىر پىلان دۈشمەنگە يولۇققاندىن كېيىن داۋاملىق ئىجرا قىلىنغان ئەمەس. مۇھىم ئىش ھەمىشە ناھايىتى ئاددى بولىدۇ ، ئاددى ئىش قىلىش ھەمىشە ناھايىتى تەس بولىدۇ . تۈز يولغا ھەمىشە مىنا كۆمۈلگەن بولىدۇ . ئەگەر دۈشمەندىن باشقا ھېچنىمە يوق دەپ قارىساڭ . ئۇنداقتا سەن چوقۇم دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان بولىسەن. ئۇچۇپ كەلگەن ئوقنىڭ ئاۋال ئۇتۇش ھوقوقى بولىدۇ ، ئۇنى توسساڭ سىنى نەس باسقىنى شۇ . ئەگەر دۈشمەن سېنىڭ نىشانغا ئېلىش دايىرەڭدە بولسا ، ئۆزۈڭنىڭمۇ دۈشمەننىڭ نىشانغا ئېلىش دايىرىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىڭنى ئۇنۇتما . بىرلىكتە ئىشلەتسە ئۈنۈمى كۆرىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ھەمىشە بىرلىكتە يۆتكەپ كەلگىلى بولمايدۇ .
چۈشەنچە : تەرمىلەر ئەمىلىيەتتە يۈز بېرىغان ئىشلارنى بىزگە ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرەلمىسىمۇ ، سوبىكتىپ روھى دۇنيارىمىزنى بېيىتىدۇ . بىز ئۇنىڭغا بەزىدە ئىشەنمەسلىكىمىز بەزىدە ئىشىنىشىمىز زۆرۈر .
__تەرمىلەر ژورنىلىدىن ئېلىندى___