ئارمىنىم قالدى چالا
( شېئىر )
جۇت شىۋىرغان ھۇۋلىدى ،
ھىچ ئارام يوقتۇر ماڭا .
مەنزىلىم بەكمۇ يىراق ،
يەتمىكىم مۇشكۇل ئاڭا .
ھىلىگەر كۇلكەڭ بىلەن ،
بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدىڭ .
سۆيۈمەن دەپ باشقىنى ،
سەن ئازاپتا قال دىدىڭ .
كۇلدۇرۇپ دۇشمەننى سەن ،
قىلمىشىڭ بارمۇ ماڭا .
نەسەۋەپتىن ئاتىدىم ،
شۇ ئىزىز جاننى ساڭا .
زارلىرىم يەتتى پەلەككە ،
كۆرمىدىم سەندىن داۋا .
يىغلىسام كۇلدى رەقىپ ،
چالدۇ ئۇ نەغمە-ناۋا .
يار ئوتى يامان ئىكەن ،
يۈرەكتە دەتلەر بەك تولا .
يەتمىدىم يار ۋەسلىگە ،
ئارمىنىم قالدى چالا .
مەنبە: قوليازمام
__ فىرقـەت تەستىقلىدى