>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> بەس-بەس مۇنازىرە -> ئۇيغۇرۇم ئويغان

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 970 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۇيغۇرۇم ئويغان IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
pezilat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 19
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 183 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۇيغۇرۇم ئويغان

ئۇيغۇرۇم ئويغان


ئاچىل ئاچىل گۈل ئاچىل
بېشىغا قالپاق كەيگەن ،يۇمىلاق يۈز،بىر جۈپ قوي كۆزىدىن مەرىپەت نۇرى بىلەن غەزەپنىڭ نۇرلىرى ئارىلىشىپ چاقناپ تۇرغان ، يېشى 30 دىن ھالقىغان بىر قەيسەر ئەر مەيدىسىنى كەرگىنىچە تۇرپان خەلقىگە تونۇش بولغان << ئاچىل >> ناخشىسىنى توۋلىغىنىچە جازا مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.كۆزلىرىدىن ياۋۇزلۇقى بىلىنىپ تۇرغان بىر قوماندان ئۇنى كۈزىتىپ تۇراتتى.
            ئاچىل،ئاچىل گۈل ئاچىل
يىگىت ناخشىسىنى توختاتماستىن جازا مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ توختىدى . ئەتراپتىكى ئامما يىگىتتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغاندەك ئېچىنىش ئىچىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.يىگىت ناخشىسىنى توختاتمىدى.قوماندان ئۇنىڭدىن سورىدى:- قانداي گۈل ئاچىل؟
    _ قىزىل گۈل ئاچىل!!
  _     نىمە؟!
_     قىزىل گۈل ئاچىل!!!_ قەيسەرلىك بىلەن تەكرارلىدى يىگىت.قومانداننىڭ كۆزلىرى قانغا تولدى،_چاپ! _دىدى ئۇ جاللاتغا.جاللات يىگىتنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇردى،يىگىت ناخشىسىنى توختاتمىدى.جاللات 3 قېتىم قىلىچ ئۇرۇپ ئاران يىگىتنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلدى.يەرگە دومىلاپ چۈشكەن باش،كۆزدە قېتىپ قالغان نۇر،سادا:ئۇيغۇرۇم ئويغان!!!
      ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،سىز چوقۇم بۇ يىگىتنىڭ كىملىگىنى بىلدىڭىز،بۇ يىگىت بىزنىڭ ئوت يۈرەك شائىرىمىز،مەرىپەتپەرۋەر بوۋىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى.
  جاللات شېڭ سىسەينىڭ ئاق قالدۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىلىۋاتقان ،ئەتراپنى نادانلىق قاپلىغان ئاشۇ دەۋرلەردە ئابدۇخالىق بوۋىمىزدەك ئەجداتلىرىمىز بىزنى ئويغىنىشقا،ئىلىم -پەن ئىگەللەشكە ئۈندىگەن ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەقەت ئىلىم-مەرىپەت،ئەقىل پاراسەتنىڭلا بىزنى،مىللەتنى قۇتقۇزالايدىغىنىنى بىلگەن ئىدى.تولىمۇ ئەپسۇس،خۇراپاتلىق ئەۋج ئالغان، بىلىم چەتكە قېقىلىدىغان مۇدھىش دەۋردە ئۇ زامانداشلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمىدى.ئۇ كەتتى،بىزگە مائارىپنى قويۇپ كەتتى.ئۇ كەتتى،بىزگەئۈمىدىنى تاشلاپ كەتتى!!!
      بىراق،... ھەي،ئويلىسام قايناپ قالىمەن.بىز ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى قانچىلىك ئاقلاۋاتيىمىز؟ ئېسىمنى بىلسەم مەندىن چوڭلار مەھمۇد قەشقەرى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق   بىر قاتار   ئەجداتلىرىمىزدىن   پەخىرلىنىپ   يۈرىدىكەن، ھازىرغىچە پەخىرلىنىپ يۈرىۋاتىمىز.   «بىز ئەقىللىق مىللەت ئىدۇق، باشقىلار بىزنى   باش كۆتۈرگىلى قويمايۋاتىدۇ » دەپ ھە دىسە خەقتىن ئاغرىنىۋاتىمىز.راستلا باشقىلار بىزنى باش كۆتۈرگىلى قويمايۋاتامدۇ؟!
      ئويلىنىپ باقايلى،ئەختەم ئۆمەردەك ئىسىل يازغۇچىمىز بىزنى غەرپنىڭ «ياخشى ئادەتلىرىنى ئۈگىنەيلى» دەپ ئىللەتلىرىمىزنى ئېچىپ،ئاچچىق دورا بېرىۋىدى،«مىللتنى سۆكتى»دەپ چەتكە قاقتۇق.ھەتتا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ژورنال چىقمىغىلى تاس قالدى.( مەن «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام»نى دىمەكچى)غەرپنىڭ «رېستۇران »
مەدىنىيىتى كىرىۋىدى ،كىمنىڭ باشلاپ كىرگىنىنى سوراپمۇ قويماي بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتۇق.
ھازىر پۇلىمىزنى رېستۇراندا سورۇپ،ۋاقتىمىزنى گىرىمخانىلاردا ئىسراپ قىلىپ يۈرىۋاتىمىز.
كىتاپخانىلىرىمىز غېرىپسىنىپ قېلىۋاتىدۇ،پەرزەنتىمىزگە 10 يۈەنگە كىتاپ ئېلىپ بېرەلمەيمىز-يۇ،خەقتىن نەچچە ئون يۈئەنلەپ قەرز ئېلىپ رېستۇراندىن قالمايمىز.ئەجىبا«ئىشەك ئىشەكتىن قالسا »راستلا قۇلاقنى كېسىش كېرەكمۇ؟!ئىلىم -پەن ئۈگىنىشتە قۇلاقنى كەسسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتىغۇ؟! تېخى بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى،ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن بالىلىرىمىزنى ،ھەتتا يېشىغا توشمىغان بالىلىرىمىزنى ئىس تۈتەك قاپلىغان مەستلەر لەيلىگەن سورۇنغا ،رېستۇرانغا ئېلىپ بېرىشلىرىمىزچۇ؟!!!
    مۇنۇ گەپنى ئاڭلاڭ:   «ئانا،ئانا، خەتنە تويۇمنى # # رېستۇرانادا قىلايلىچۇ؟» «نىمىشقا ئوغلۇم؟»   «ئۇ يەرنى بەك داڭلىق دەيدۇ.»   «ئوغلۇم،سەن بەك ئەقىللىق ،داڭلىق   رېستۇراننى بىلىۋاپسەن .مەن قوشۇلدۇم.» قاراڭلار،داڭلىق رېستۇراننى بىلگىنى ئۈچۈن ئۇ ئەقىللىق.بىز تېخى شالىمىزنى چاچرىتىپ ماختايمىز.ئۇ داڭلىق كىتاپتىن بىرنىڭ نامىنى، ئەجداتلىرىمىزنى يادلاپ بېرەلىگەن بولسا تېخىمۇ ئەقىللىق بولاتتى،كىچىكككىنە بالىغا رېستۇران ئىدىيىسى نەدىن سىڭگەندۇ؟سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ،نەدىن سىڭگەندۇ؟!!!
  ئېزىز ئۇيغۇرلۇرۇم،بىزدە ئىللەت كۆپ،كۆرسىتىپ بەرگەنلەرنى تىللايمىز.ئىلىم مەرىپەتنىڭ،ئەقىل-پاراسەتنىڭ مىللىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغىنىنى بىلىپ تۇرىمىزيۇ . . . ھـــــــــە ي. . .
تېخى ئۆزىمىزدىكى كەم نەرسىنى تولۇقلىيالماي تۇرۇپ «شىنجاڭنى ئايرىم دۆلەت» قىلماقچى بولىمىز. پارتىيىنىڭ شۇنچە كەڭرى سىياسىتى ئاستىدا تاپقان نېنىمىزنىڭ يېرىمىنى «داپ» قىلىپ،يېرىمىنى «كاپ» قىلىپ يۈرىۋاتساق قانداق قۇرىمىز ئۇ دۆلەتنى؟         ھەتتا «ئۇيغۇر »دىگەن نامنىڭ «ئۇيۇشقاق» دىگەن مەنىسىگە داغ سېلىپ،شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرىنىمۇ تىنچ قويمايۋاتساق.
  ئېزىز قېرىنداشلىرىم،سۆزلىگەنچە ئاچچىغىم كېلىپ سۆزلەۋېرىدىكەنمەن،بولدى قىلاي،بۇرۇنمۇ بۇنداق سۆزلىگەنلەر كۆپ ئىدىغۇ؟ مەيلى مەن قانچىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەي ئاخىرقى سۆزلىرىمنى دېۋالاي:
مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جەمىيەتكە شۇنداق نىدا قىلىمەن:« مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچى -ئىلىم مەرىپەت ئىگەللەش»
مەن بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق دەيمەنكى:«پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەيلى،چۈنكى ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.»
مەن ئابدۇخالىق ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق ئېيتىمەنكى:ئۇيغۇرۇم،كۆزۈڭنى ئېچىپ ئەتراپىڭغا قاراپ باق،ئابدۇخالىق بوۋىمىز بىزگە قاراپ تۇرماقتا،ئۇنىڭ مەرىپەت، ئېچىنىش نۇرلىرى ئارىلاش چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدە بىر سادا :«ئۇيغۇرۇم،پۇرسەتنى چىڭ تۇت،ئىلىم مەرىپەت ئۈچۈن تېز ئويغان!!! »

فىرقەت تەستىقلىدى


[ بۇ يازما pezilat تەرپىدىن 2007-11-17 19:42 دە قايت ]

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
تۆھپە:10(firkat)

Nurluk elani

.........................
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 14:21 چوققىغا قايتىش
HALKQIL
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 543
شۆھرەت: 614 نۇمۇر
پۇل: 5363 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:370(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىسىل يازمىڭىزغا كۆپ رەخمەت ، « قورال تۇتقاننىمۇ - قەلەم تۇتقان باشقۇرىدۇ » توغرا دەيسىز بىلىم ئىگەللەيلى !!! مەنا بۇ بىزنىڭ بىردىن - بىر چىقىش يولىمىز .

كىتاپ ئوقۇيلى !!!



كىيىنكى يازمىلىرىڭىزدا ئىملاغا دىققەت قىلىڭ !!!



ئابدۇخالىق كامىل بەگ - مەرھەمەت

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 14:56 چوققىغا قايتىش
جاللات خېنىم

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 169
شۆھرەت: 1074 نۇمۇر
پۇل: 2240 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:44(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


راس دەيسىز ..... دىگەنلىرڭىز بەرھەق ..........................مانا بۇ ھەقىقى گەپ بوپتۇ .


ئېھ ئاللاھ!
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 14:59 چوققىغا قايتىش
aristotil

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 147
شۆھرەت: 166 نۇمۇر
پۇل: 746 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:27(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تۇغرا ئېيتىسىز ؟ ئەگەر بارلىق ئۇيغۇر كىشلىرىنىڭ سەۋىيسى بىراقلا ئۆسسە ،ئىقتىسادىي سەۋىيسىمۇ بىراقلا يۇقرى چىقسا   ئۇيغۇر نىمە قىلمەن دىسە شۇنىڭغا ماقۇل دەيدۇ .ھىچكىم تۇسمايدۇ.خەلقىڭىز شۇنداق سەۋىيسىز ،شۇنچە قالاق،نامرات تۇرسا سىزنىڭ سۆزڭىز ھىچ نىمگە ھىساپ ئەمەس.ھۈكۈمەت ھىچقاچان بىزنى ئىلىم-پەن ئۈگەنمەڭ دىگەن ئەمەس.دۇسلار ئۈگنەيلى.

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 15:00 چوققىغا قايتىش
qinggizhan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 390
شۆھرەت: 428 نۇمۇر
پۇل: 2873 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:329(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تېخى ئۆزىمىزدىكى كەم نەرسىنى تولۇقلىيالماي تۇرۇپ «شىنجاڭنى ئايرىم دۆلەت» قىلماقچى بولىمىز. پارتىيىنىڭ شۇنچە كەڭرى سىياسىتى ئاستىدا تاپقان نېنىمىزنىڭ يېرىمىنى «داپ» قىلىپ،يېرىمىنى «كاپ» قىلىپ يۈرىۋاتساق قانداق قۇرىمىز ئۇ دۆلەتنى؟ ھەتتا «ئۇيغۇر »دىگەن نامنىڭ «ئۇيۇشقاق» دىگەن مەنىسىگە داغ سېلىپ،شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرىنىمۇ تىنچ قويمايۋاتساق
          BBS.xabnam.com din kochuruldi كەسپدىشىم pezilat << يۇقۇرقى بىر ئابزاس سۆزنى ناھايىتى ياخشى قىللىپسىز ، رەخمەت سىزگە>> ھەقىقەتەن توغرا پىكىر قىلىپسىز...........


Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 15:06 چوققىغا قايتىش
pezilat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 19
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 183 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت   قېرىنداشلىرىم، بۇ يازمىنى يوللىيالماي بەك تەستە يوللىدىم،يۈتتۈرۈپ قويۇپ بەك جىددىلەشتىم،شۇڭا ئىملاغا دىققەت قىلماپتىمەن.بۇندىن كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن.


.........................
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 15:37 چوققىغا قايتىش
kusan0110



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھورۇنلۇق،نادانلىق ،ئىتىپاقسىزلىق بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا ئېغىر توسالغۇ بولىۋاتىدۇ .يۇقىردا ئېيتىلغاندەك ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ ئۇگۇنۇشكە ، ئىلىم- پەنگە ئىنتىلسەكلا ئۇمۇت بار

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 15:38 چوققىغا قايتىش
...Beautiful

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 84
شۆھرەت: 85 نۇمۇر
پۇل: 845 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:84(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن ئويلىغان ھەم مەن دىمەكچى بولغان گەپنىڭ نەق ئۆزىنى دەپسىز، سىزدەك ئىلغار پىكىرلىك كىشىللىرىمىز نى مەن پۇتۇن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن......سىزگەكۆپ رەخمەت......خالىسىڭىز ئۆزئارا پىكىرئالاشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆگىنەيلى. 308661395چ چ

Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 15:45 چوققىغا قايتىش
bares

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 98
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 980 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىدىن باشقا يازغۇچىلار غا قايىل ئەمەسمەن ..گەرچە مەن تالانت ئىگىسى بولمىساممۇ .......مە ن ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلايلى دىگەن ئەسىرنى ئوقىغان چېغمدائۆزەمنى باشقىچە ئادەم بۇلۇپ قالغان دەك ھېس قىلغان ئىدىم .......ھەيرانمەن بۇ تىمىنىڭ تەستىقلانغىنىغا ........چۈنكى شەبنەمدە بۇندا تىمىنىڭ تەستىقلانغىنىنى بىرىنجى قېتىم كۈرشۇم .

Nurluk elani

ياشاش ،ياشناش ئۈچۈن!
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 17:14 چوققىغا قايتىش
bares

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 98
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 980 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىدىن باشقا يازغۇچىلار غا قايىل ئەمەسمەن ..گەرچە مەن تالانت ئىگىسى بولمىساممۇ .......مە ن ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلايلى دىگەن ئەسىرنى ئوقىغان چېغمدائۆزەمنى باشقىچە ئادەم بۇلۇپ قالغان دەك ھېس قىلغان ئىدىم .......ھەيرانمەن بۇ تىمىنىڭ تەستىقلانغىنىغا ........چۈنكى شەبنەمدە بۇندا تىمىنىڭ تەستىقلانغىنىنى بىرىنجى قېتىم كۈرشۇم .


ياشاش ،ياشناش ئۈچۈن!
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 17:14 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-19 01:21, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije