ئەركزات خەۋىرى:
شەبنەم چايخانىسىدا2007-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى (جۈمە) كەچ سائەت 7:30 دا ، بىر قېتىملىق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئەسلەش،ئۇنىڭ تەۋەللۇت بولغانلىقىنىڭ 85 يىل بولغانلىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدى.بۇ پائالىيەتكە چايخانا مەسئۇلى «قارا ھىجران»رىياسەتچىلىك قىلدى.قاتناشقان ئادەم سانى شۇ چاغدا 300 ئەتىراپىدا بولۇپ، چايخاندىكى ۋە مۇنبەردىكى جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار بۇ پائالىيەتنى قىزغىن قوللىدى ھەم مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى ،مەرھۇم كۈيلەنگەن ناخشىلارنى ھوزۇرىمىزغا سۇندى.دۆلەت ئىچى سىرتىدىن،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىن سۆھبەتخانىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلار بۇ پائالىيەتتىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى،بۇندىن كىيىنمۇ داڭلىق يازغۇچى،شائىرلىرىمىزنى،ئالىملىرىمىزنىڭ خاتىرە كۈنلىرىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ تۇرشىمىزنى تەلەپ قىلدى.كەيپىيات ئىنتايىن يۇقىرى بولدى.ئاۋاز قاتناشتۇردىغانلارمۇ بەس-بەستە سۆزلىگۈچ(مىكرافۇن) سوراپ بۇ پائالىيەتنى يېقىندىن قوللىدى.مەنمۇ تۆۋەندىكى شېئىرىمنى ئوقۇپ بەردىم:
قان-ياشلىق ماتەم تۇتۇلدى بۈگۈن
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
(شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 85 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)
ئوتلۇق كۆزىدىن چاچرىتىپ دەھشەت،
دۇنياغا كەلگەن ئىدى بىر ئەركەك.
زالىملارنى ئۇ تىتىرىتىپ غال-غال،
نامايىش قىلغان ئۇرغۇتۇپ يۈرەك.
ھەقنى سۆزلىگەن يۈرىكى لاۋا،
دۈشمەنلەر بۆھتان چاپلىغاندىمۇ.
نىيتىدىن يانماي جانىنى تىككەن،
غالىپ ئىدى ئۇ جان ئۈزەردىمۇ،
بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندىمۇ،
توۋلىيالىدى «لازىمى ئەرك!!!»
مەڭدەپ قېلىشتى ۋەھشى دۈشمەنلەر
خۇددى دۇنيانى ئەتكەندەك تەرك.
ئەنە شۇ ئوغلان تۇغۇلدى بۈگۈن،
دىللاردىن داستان پۈتۈلدى بۈگۈن،
روھلىرى سىڭگەچ ئۇيغۇر روھىغا،
قان-ياشلىق ماتەم تۇتۇلدى بۈگۈن.
2007-11-16