ئورنى: چىلىنىڭ غەربى دېڭىز بويلىرىدىن 4000كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تېنچ ئوكياندىكى كىچىك ئارالدا
ياسالغان ۋاقتى:مىلاى 1000-1500-يىللار
باھا: تاش ھەيكەللەر ۋەكىللىك قىلغان پولىنىزىيە مەدىنيىتى ھازىرغىچە ئېچىلمىغان سىرلارنىڭ بىرى.
پاسخا (تىرىلىش)دۇنيانىڭ ئەڭ چەت رايونىغا جايلاشقان. پۇتكۇل ئارال ئۇچبۇرجەك شەكىلدە بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن تەرىپى 22كىلومېتىر ، كەڭلىكىمۇ ئاران 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان ئەڭ يېقىن ئارالغىمۇ 2250كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ چەت -ياقا جايغا جايلاشقاچقا ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەر ھازىرقى زامان دېڭىز -ئوكيان قاتنىشى باشلىنىشتىن بۇرۇن بايقالمىغان.تىنچ ئوكياندىكى تارقاق ئاراللارنى ئۆزىگە مۇستەملىكە قىلغان پولىنىزىيەلىكلەر مىلادى 450-490-يىللار ئەتراپىدا لاپونوي ئارىلىغا كەلگەن. كەينىدىن بىر تۇركۇم پولىنىزىيەلىكلەر كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە راۋاج تاپقان. بۇ يالغۇز ئارالدا ئۇلار يەككە يىگان مىڭ يىل ياشىغان. گوللاندىيەنىڭ غەربى ھېندىستان شېركىتى ئۇچ كېمىدىن تەركىپ تاپقان ئەترىتى 1722-يىلى بۇ ئارالغا كەلگەن. گېنرال ياكوب. روگۋېئىن يىتەكچىلىكىدىكى باشچىلىقدىكى كېمە ئەترىتى ئوتتۇرا -جەنوبى تىنچ ئوكياندىكى خەرىتىگە چۇشۇرۇلمىگەن ئاراللارغا قىلغان يۇرۇشىدە، تۇيۇقسىز يىراقتىن توققۇز مېتىر ئىگىزلىكتىكى گىگانت ئادەملەرنىڭ قەلئە سېپىلىدا تۇرۇپ ئارالنى قوغداۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ ئۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان. ئۇ ئارلغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئەسلىدە بۇلارنىڭ تاشتىن ئويۇلغان ھەيكەللەر ئىكەنلىكىنى بايقاپ، چوڭقۇر نەپەس ئالغان. ئىككىنچى كۇنى قوشۇن قىرغاققا چىققاندىن كېيىن ئۇلار بايقىغان قورغاننىڭ ئەسلىدە ھەيكەللەرنى قويغان سۇپا ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇ دەل 1722-يىلدىكى ئەيسانىڭ تىرىلىش كۇنى (پاسخا بايرىمى ) بولغاچقا بۇ ئارالنى ياكوب'روگۋېئىن پاسخا ئارىلى دەپ ئاتىغان. پاسخا ئارىلىدىكى يەرلىك خەلق ياۋروپالىقلارنى كۆرۇپ ناھايىتى قىزىققان ھەمدە ئۇلارنى سەمىىمىيەتلىك بىلەن قىزغىن قارشى ئالغان. بىراق گوللاندىيەلىكلەر مەدىنيەتلىك دۇنيانىڭ كۆرۇشۇش سوۋغىسى قىلىپ قولىدا تۆمۇرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان يەرلىك خەلققە قاراپ ئوق چىقارغان. گوللاندىيەلىكلەر بۇنى پەقەت ئارالىدىكىلەرنى قورقۇتۇپ قويۇش ئۇچۇن دەپ قارىغان.1770-يىلى يەنى گوللاندىيەلىكلەر پاسخا ئارىلىنى بايقاپ 48يىلدىن كېيىن جەنوبى ئامىرىكىغا ھۆكۇمرانلىق قىلىۋاتقان ئىسپانىيەلىكلەر فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بۇ ئارالنى ئىگەللىۋېلىشىدىن قورقۇپ ، كاپىتان توم گونسالىسنى ئارالغا ئەۋەتىپ ئارالنىڭ 1-پارچە خەرىتىسىنى سىزدۇرغان. ھەمدە تاغ تۆپىلىكىگە كىرست بەلگىسىنى ئورنۇتۇپ ئۇئارالنىڭ ئىسپانىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرگەن. 1863-يىلى فىرانسىيەلىك ئىككى دىن تارقاتقۇچى ئېرىن ئەيلو بىلەن ئېبولىت لوشىر بۇ ئارالغا كەلگەن . ئۆزىنى خۇدانىڭ ئەلچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان بۇ دىن تارقاتقۇچىلار يەرلىك خەلقنى «تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغان »دەپ ئۇلارنىڭ دىنىنى يوقاتماقچى بولغان . ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاشقان بۇ ئىككەيلەن خەت يېزىلغان «كىخاۋۇ. لانگۇ-لانگۇ» ياغاچ تاختىلارنى كۆيدۇرگەن. بۇ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن زىياننى تەسۋىرلەش قىيىن. ھازىر كىشىلەر كۆرگەن نەچچە پارچە ياغاچ پارچىسى بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغان. چۇنكى ئارلدىكىلەر ئەجداتلىرىدىن قېلىپ قالغان ئوغۇرلۇقچە ھېچكىم ئۇقمايدىغان ئۆڭگۇرگە قويۇپ قويغان. بەزىلەر بۇ ياغاچلاردىن كېمە ياساشقان. كېيىن كىشلەر بۇ كېمىلەرنى پارچىلىغاندا چۇشەنگىلى بولمايدىغان بۇ يېزىقنى بايقىغان. بۇنداق زور قىممىتى بولغان ياغاچ پارچىلىرىدىن ناھايىتى ئاز قېلىپ قالغان. پەقەت 26 پارچىسىلا دۆلەتلىك مۇزىيدا ساقلانغان. بۇ ياغاچلارغا ئويۇلغان تەسۋىرى يېزىق بولۇپ ، ھېچقانداق سىرتقى تەسىرگە ئۇچىرمىغان ئارالدىكىلەر بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل -پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجات قىلىشقان. بۇ پاسخا ئارىلىنىڭ مەخپىيىتىنى ئاچىدىغان بىردىن-بىر ئاچقۇچ . بىراق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۇپەيلىدىن بۇلارنى ئېنىقلاش ناھايىتى تەسكە توختىغان.
پاسخا ئارىلىنىڭ تۇپرىقى ئۇنۇمسىز بولغاچقا، قوي بېقىشتىن سىرت مەلۇم كۆلەمگە ئىگە يېزا ئىگىلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئارالدىكىلەردېڭىزغا تايىنىپ راك-بېلىق تۇتۇپ ، ساياھەتچىلىكنى ئاساسى مەنبە قىلىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش بىلەن ماسلاشقىنى بەلكىم ئارالدىكى ھەممىلا جايدا ئۇچرايدىغان تاش ھەيكەللەر بولسا كېرەك. ھەيكەللەرنىڭ شەكلىنى ئاساسەن پەرق قىلغىلى بولىدۇ. ھەيكەللەرنىڭ باش ۋە ئۇستۇنكى بەدىنى ئويۇپ چىقىلىپ ،ئاستىغا پەقەت بېلىگىچلا ئويغان. باش تەرەپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئويۇلغان بولۇپ، بۇرۇن ، ئېغىز، ئىڭەك، پېشانىلىرى ئالاھىدە گەۋدىلەندۇرۇلگەن. باشنىڭ كەينى تەرىپى تۇز بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى قۇلاق قىسمى ناھايىتى روشەن. مۇرە ۋە قوللىرى بولسىمۇ لېكىن ئاز بىر قسىم ئويۇلغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئىگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئون مېتىرغىچە . ئۆرە ھەيكەللەرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى پاۋلو بولۇپ ، ئەسلى ئارالنىڭ دېڭىز بويىدىكى مۇراسىم سۇپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئېغىرلىقى 82توننا كېلىدۇ. ھەممە ھەيكەللەر ئىچىدە ئەڭ چوڭى تاش ماتىرىيال مەيدانىدا بولۇپ پۇتكۇزۇلگەن بولسا ئىگىزلىكى 20مېتىر، ئېغىرلىقى 270توننا كېلەتتىكەن.
پاسخا ئارىلىدىكى بۇ بىر قانچە يۇز ھەيكەللەر ئاساسلىق رانولالاكو تاش مەيدانىدىن - بىر ئۆچكەن يانار تاغ ئاغزىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، يانار تاغدىن چىققان لاۋا جىنىسلاردىن ئويۇلغان. ئاز بىر قسىمى بازالىت تاش ۋە ۋولقان داشقاللىرىدىن ياسالغان. لېكىن لاۋا جىنىسلار يەنىلا ئەڭ مۇۋاپىق ماتىرىيال بولالىغان. رانولالاكو تاش مەيدانىدا يەنە پۇتكۇزۇپ بولۇنمىغان نۇرغۇن ھەيكەللەر بولۇپ، ئوخشىمىغان باشقۇچلاردا ئويۇلغان 394دانە ھەيكەلدىن ھەيكەللەرنىڭ ياسىلىش باسقۇچلىرىنى بىلىۋالالايمىز. باش ۋە يۇز قسىملىرى تاش مەيدانىدىلا ئويۇلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆز قسىمى ياسالغان.
بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان پاۋلو ناملىق ھەيكەلنى ياساش ئۇچۇن ،10-20ئادەمدىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپا توختىماي ئىشلىسە، 12ئايدىن ئارتۇق ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ھەيكەللەر نىمە مەقسەتتە تۇرغۇزۇلغان؟ بۇ ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىر. بۇلارنى بەلكىم ئەجداتلىرىغا چوقۇنۇش ياكى ئۆلۇپ كەتكەن ئاقساقاللىرىنى ياد ئېتىش ئۇچۇن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەيكەللەرنى ئۆرە تۇرغۇزۇش ئۇچۇن نۇرغۇن ياغاچ ماتىرىيال كەتكەن. بۇنىڭ ئۇچۇن ئورمانلار كەڭ كۆلەمدە كېسىلگەچكە يەرلەر قاغجىراپ ،ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش يۇز بەرگەن. بۇ ئەجداتلارنىڭ ھەيكىلى قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبىكتىغا ئايلانغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئۆرۇلۇپ چۇشۇش سەۋەپلرىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەيكەللەرنىڭ كۆپى كەينىدىن ئىتىرىلىپ ئۆرۇلگەن.بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ كۆزى توسۇلۇپ قالاتتى. كەينىگە ئۆرۇلۇپ چۇشكەنلەرنىڭ بولسا كۆزىنىڭ رەڭگى ئۆچۇرۇۋېتىلگەن.
ھازىر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نەچچىسى قايتىدىن رېمونت قىلىندى ھەمدە قايتىدىن ئەسلىدىكى سۇپىسىغا قايتۇرۇلۇپ ئېلىپ كېلىندى. ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى كىشلەرگە بىر ھەقىقەتنى يەنى ئارالدىكى كىشلەر چەكلىك بولغان ئادەم كۇچى ۋە ئاددى تېخنىكىدىن پايدىنىلىپ مۇشۇنداق ئۇلۇغ نەتىجىنى ياراتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
تەييارلىغۇچى: قوشۇق
«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.
( بۇ تېما شەبنەم تور بېتىگە تەئەللۇق. باشقا مۇنبەرلەگە كۆچۇرۇلسە كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ)