كۆڭۈل ئىزھارى
بۇ شىئېرنى مۇنبەردىكى گۇللەرنىڭ گۇلى ، ئەخلاقنىڭ گۇل تاجى ، ئەدىبىيات ھەۋەسكارى، يېقىن توردىشىم ،خىسلەت خانىمغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن .ئىلمىي يۇسۇندا ئىنكاس قايتۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن …
مەن كۆڭلۇمنى قۇيۇۋەتسەم مەيلىگە ،
بارماقچىكەن سىنىڭ بىلەن سەيلىگە .
مەپتۇن بۇلۇپ چىرايلارغا نازلارغا ،
مەن كىرمەسمەن ئەمدى كۇڭۇل كەينىگە
يۇشۇرساممۇ بىلىۋالدىڭ سىرىمنى ،
كوپتىن بىرى كوڭلۇم سىنى تارتىدۇ .
ھەر قارىسام سىنىڭ ئايدەك يۇزۇڭگە ،
سۆيگۇ ئىشقى ،لىرىكىلار ئارتىدۇ .
بىلىپ شۇنى سوراپ قالدىڭ مىنىڭدىن ،
چىرايلىققا ئاشىق بۇلۇش گۇناھمۇ ؟
مەن سورايمەن دوستۇم سەندىن ئېيتقىنا ؟
مۇھەببەتكە زادى چىراي گۇۋاھمۇ ؟
ئاي جامالى ئوخشىمىسا دىلىغا ،
چىراي دىگەن كۆز گە كىرگەن تۇتۇنكەن .
چىرايلىقتىن ئەپ قاچىمەن ئۇزۇمنى ،
چۇنكى كۆڭلۇم پەقەت سەنلا ئۈچۈنكەن.
چۇشەنگەنسەن مىنىڭ سۆيگۇ سىرىمنى ،
ئاي يۇزۇڭگە دىيەلمىدىم تەپ تارتىپ .
دىل قەلبىڭنىڭ پاكلىغىغا چىن پۇتۇپ ،
چىدالمايمەن ئۆمۇر بۇيى دەرت تارتىپ .
مەكتۇب كەتتى باغ ئىچىدىن گۈل بىلەن ،
سۇندۇم ساڭا تۇنجى ئىشىق سىرىمنى ،
ئىشەنمىسەڭ يۇرۇگۇمنى يېرىپ باق ،
سەن چىقمىساڭ يۆتكىۋىتەي ئېتىمنى .........
تورداشلار دوستلار ،قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ ، شىئېرى ئىنكاس يازسىڭىزلا بۇلۇدۇ ....مۇنبەرنى بىر جانلاندۇرايلى ....
تەھرىرلەندى-پەرۋىن