QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى Youth نىڭ 2007-11-16 23:43 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز كېرەككى ئاتتىلا بىزنىڭ بوۋىمىز ئەمەس!!! ئۇ كېلىپ چىقىشىدىن ھون ، ئۇ ئۇيغۇر ئەمەس،ئۇيغۇر ھونمۇ ئەمەس. ناۋادا ئۇيغۇر ھون دېيىلسە تارىخي خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ!!!
قايسى بىر كىتاپتا مەن مۇنداق يەكۈننى كۆرگەن باشقىلارمۇ بەلكىم كۆرگەن بولىشى مۇمكىن:
كۈن=ھۇن=تۈرك=ئۇيغۇر
QUOTE:
بۇ مەزمون 4 جى قەۋەتتىكى Youth نىڭ 2007-11-17 00:12 دە يوللىغان يازمىسى“”:
...ھونلار موڭغۇللاردىن كېلىپ چىققان كېيىن تارىختىن يوقىدى. ..يەنە كېلىپ سىز ئۆزىڭىزنى ھوننىڭ ئەۋلادى دېسىڭىز (ھونلار تارىختا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنى بويسۇندۇرغان)، ئۇ چاغدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار نەدىن كېلىدۇ؟؟؟ سىزنىڭچە چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىدىن شەھەر مەدەنىيىتىگە كىرىش شۇنچىلىك ئاسانما؟
بۇ توغرىلىق سۆزلىسەك يەنە شۇ ، چۈنكى بېسىلىۋاتقان تارىخ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىدە 840-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسي قىسمى كۆچۈپ كەلگەن ، ئازقىسمى يەرلىك دەيدۇ. ئەمما مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى يەرلىك مەدەنىيەت...
1-مەن ئاستىغا سىزىپ قويدۇم،ھۇنلار مۇڭغۇللاردىن كىلىپ چىققان دىگەن سۆزىڭىز ئۈچۈن ئېنىق دەلىل كۆرسىتىڭ،بىز ئاندىن قايىل بولىمىز.دەلىلىڭىز بولمىسا تومتاق گەپ قىلماڭ.
2-ئۇيغۇرلار ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دىسەك تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ھىچيەردىن كىلىپ قالمايدۇ،ئەزەلدىن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا ياشاپ كەلگەن.ھۇنلار بۇ يەرلەرنىمۇ ئىدارە قىلغان ئەينى ۋاقىتتا.
3-قايسى كىتاپتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى قىسمى كۆچۈپ كەلگەن دەيدىكەن؟ئاساسى قىسمى دىگەن گەپنى نەدىن تېپىپ قوشۇپ قويدىڭىز.بىر قىسمى كۆچۈپ كىلىپ ئەزەلدىن ھازىرقى شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇلۇپ قۇدىرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان.
تارىخنى بۇرمىلىمايلى،ھېلىھەممۇ بۇرمىلىنىپ خېلى يەرگە باردى.