ئىنسان ئۇچۇن ئاتا- ئانىدىمۇ قەدىرلىك كىشى بولماس. ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ھەربىر پەرزەنتىنىڭ بۇرچى ، ئەكسىنچە ئاتا-ئانىسىنى ئۇرغانلار ، خۇرلىغانلارغا باشقىلارنىڭ نەپرىتى ياغىدۇ ، لەنەت ئوقويدۇ.
يېقىندا ئونسو ناھىيەسىدىكى سەمەت ئاپىسى بىلەن ئۆگەي دادىسىنى ئۇرۇپ ، ئۆگەي دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.
پۇل ئۈچۈن ئۆگەي دادىسىنى ئۆلتۇرۇش
سەمەت (30ياش) ئونسو ناھىيەسىدىن بولوپ ، ئۇ باشقىلارنى قاقتى - سوقتى قىلىش ، بوزەك قىلىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىپ ، ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوغورلوق قىلغان ۋە شۇ جەريانلاردا زەھەر چېكىشنى ئۇگەنگەن ئىدى ، قىسقىسى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن مېھىر - مۇھاببەت دىگەننىڭ ئىزناسىنى تاپماق مۇشكۈل ئىدى. شۇڭا ھەتتا ئۆزىنى توققوز ئاي توققوز كۈن قورساق كۆتۇرۇپ تۇققان ئاپىسى ئايىمخاننى بوزەك قىلىۋاتقانىغا ئىككى يىلدەك بولغان ئىدى. سەمەتنىڭ ئاپىسى ئايىمخاننىڭ ھىكىم ئاخونغا ئىككىنجى قېتىم ياتلىق بولغىنىغىمۇ 10 يىلدەك بولغان ئىدى ، 10 يىلدىن بېرى ئۇلار ناھايىتى ئېنىق ئۆتۇپ ، بىر بىرىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ ئىككەيلەن ياشىنىپ قالغاچقا ، ئونسو ناھىيە بازىرى ئىچىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتاتتى. ھىكىم ئاخوننىڭ ئۆز باللىرىمۇ دائىم ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى ، ئەمما سەمەتنىڭ ئىچكى ئۆلكىدىن قايتىپ كېلىشى ئۇلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى بۇزىۋەتتى ، پۇل ئۇچۇن ، زەھەر چېكىش ئۇچۇن ھەر قانداق ۋاستە قوللىنىشتىن يانمايدىغان سەمەتتە ئاپىسىغا نىسپەتەن مېھىر مۇھاببەت يوق ئىدى ، ئۇ پۇرسەت بولسىلا ئۇلاردىن پۇل ئۇندۇرىۋىلىشنى ئويلايتتى ، شۇڭا ئۇ ئايىمخاننى پۇل بەر دەپ ئۇرۇپ بىر قانچە قېتىم يۈز - كۆزىنى ئىششىتىۋەتكەنىدى. بۇ ۋاقىتلاردا ھىكىمئاخونمۇ تاياقتىن نېرى قالمايتتى، ھىكىم ئاخوننىڭ خوشنىلىرى ۋە باللىرى سەمەتنىڭ قىلغانلىرىغا چىدىماي ، بۇ ئىشنى ساقچىغا ئېيتىشنى دىگەن بولسىمۇ ئۇلار ئۇنىماي سەمەتكە يول قويوپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە سەمەت يەنە ھاراق ئىچتى ، مەست بولغاندا زەھەر چەككۇسى كەلدى لېكىن يېنىدا پۇل يوق ئىدى ، ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى يەنە ئۆگەي دادىسى ھىكىم ئاخون بىلەن ئاپىسى ئايىمخاندىن پۇل ئېلىشنى پىلانلىدى، ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدى ھەم ئىشىكنى تىپىپ ئاچتى.
بالام نىمە ئىشىك بار -دىدى ئايىمخان سىلىق تەلەپپۇزدا .
-بالام دىگەنلىرىڭنى قوي ، ماڭا پۇل بەر دىدى سەمەت ئاپىسىغا ۋاقىراپ.
-بىزنىڭ يە مۇئاشىمىز بولمىسا ، نەدىكى پۇلنى بېرىمىز ، بالام بىزگە ئىچىڭ ئاغرىسون - دىدى ھىكىم ئاخون ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ.
-سەن قېرى ئىشىمغا ئاز ئارلاش - دىدى سەمەت ھىكىم ئاخونغا قاراپ.
-بىزنىڭ مۇشۇ ئىسسىق جېنىمىزدىن باشقا نەرسىمىز يوق بالام - دىدى ئايىمخان.
-ھەي قېرى ، سېنى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەت دىسەم ئاجراشمايسەن ، پۇل دىسەم بەرمەيسەن ، قارىغاندا تاياق سېغىنىپ قالغان ئوخشىمامسەن ؟- سەمەت شۇنداق دىگىنىچە ئاپىسىنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇردى ، ئاندىن چۆمۇچ ،نوغۇچ دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ دۇمبالىغىلى تۇردى . ھىكىم ئاخون ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەيتتى ، ئۇ ، ئايالىنىڭ يەنە تاياق يىيىشىگە چىداپ تۇرالماي سەمەتنىڭ قولىغا ئېسىلدى:- ئۇنداق قىلما ، ئاپاڭغا قول كۆتۇرۇشتىن نۇمۇس قىل.
- سېنىڭمۇ تاياق يىگىڭ كەپتۇ- دە - سەمەت ئاپىسىنى ئۇرۇشتىن توختاپ ، ھىكىم ئاخوننى ئىتتىرۋەتتى ، ئاندىن قولىغا چىققان نەرسىلەر بىلەن ئۇنى ئۇردى ، تەپتى ، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، سەمەت ھېرىپ قالدىمۇ قانداق ئۇرۇشتىن توختىدى ۋە تويوشتوڭمۇ ، ئاكاڭ قارىغاي بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايدۇ- دەپ ۋاقىراپ قويوپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بايىقى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلىغان خوشنىلار ۋە ھىكىم ئاخوننىڭ باللىرى كىرگەندە ، ھىكىم ئاخون ۋە ئايىمخان يەردە ئىڭراپ ياتاتتى، ئۇلار دەرھال ئۇ ئىككەيلەننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى ، لېكىن ھىكىم ئاخون قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي جان ئۈزدى.....
جىنايەت گۇماندارى سەمەت قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن جىنايىتىگە ئىقرار بولدى ، ۋە 9-ئاينىڭ 11-كۇنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى، ھازىر بۇ دىلو ئەيىپلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
(ماقالىدە كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىپ ئېلىندى)
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2233-سان