alga~nap
ھالىتى :
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 567
شۆھرەت: 568 نۇمۇر
پۇل: 5505 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:118(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-06
|
ئانامغا خىتاب
ئانا ئۇلۇغ ،تىز چوكۈپ قىلغىن تاۋاپ، بۇ جاھاندا كىشىگە بەكمۇ ساۋاپ. ئانىنىڭ قۇچىقى چەكسىز دىڭىز، مىھرىگە شەپقەت بىلەن قايتۇر جاۋاپ. --سەيپىدىن ئەزىزى جىنىم ئانا مەن كەلدىم ...ئاڭلاۋاتامسىز ،ئانامەن يەنە كەلدىم....قاراڭ ئانا،سىز تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان باھار كەلدى.قاراڭ ئانا،سىم-سىم ياققان باھاريامغۇرىدا ئۇيغۇدا ياتقان گۈل -گىياھ،دەل دەرەخلەر كىشىنىڭ كۆزىگە تىخىمۇ ياشناپ ،ياپيىشىل بولۇپ تولىمۇ گۈزەل كۆرۇنمەكتە.بۇ دەل ۋاقتىدا ياققان باھار يامغۇرى يۇرتىمىزنىڭ بىپايان دالىلىرىنى ،ئەتراپتىكى گۈزەل تاغلىرىنى ،تەڭگە تاغ باغرىدىكى ئەنجۇرلۈك باغلىرىنى ،باغلىرىدا ئىچىلىپ كەتكەن مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ گۈل -چىچەكلىرى خۇشپۇراق چىچىپ ،دىماققا ئۇرۇلماقتا. بۇگۈن ئەتىگەنچۇ ئانا يامغۇر ياغىدى ..بەكمۇ قاتتىق ياغىدى.سىز باھار يامغۇرىنى ياخشى كۆرەتتىڭىز ...كىيىن ھاۋا ئىچىلىپ ،ئاسماندا رەڭدار شايىدەك ھەسەن -ھۆسەن كۆرۇندى.ئارقىدىن ئاپتاپ چىقتى.قاراڭ،ئاپتاپ ئالتۇندەك نۇر چىچىپ تۇرۇپتۇ. ئىشىڭىزدىمۇ ،سىز ماڭا«ئالتۇن بىلىق »،«چىن تۆمۇر باتۇر»قاتارلىق ھىكايە ،چۆچەكلەرنى ئىيتىپ بىرەتتىڭىز...ئۇكامنى ئەللەي ئىتەتتىڭىز.مەن سىز ئىتقان ئەللەينىڭ يىقىملىق ئاھاڭىدا مەستخۇش بولۇپ تاتلىق ئۇخلاپ قالاتتىم ....ئاشۇ بۆشۈكتە مەنمۇ ياتقان .ئەللەيلىرىڭىزدىن مەنمۇ بەھىر ئالغانمەن...قانداق قىلاي ئانا ،مەن ئەللەي ناخشىسى ئىيتىشنى بىلمەيمەن. مانا جىنىم ئانا ...............مانا ...ياق ،ئوغلىڭىز يىغلاۋاتقىنى يوق ...سىزنىڭ ئوغلىڭىز ھەرگىز يىغلاڭغۇ بالا ئەمەس.... ئىسىڭىزدىمۇ ئانا،،مەن سىزنى ئۆتكەن يىلى يوقلاپ كەلگەندە سىز چاقچاقلىشىپ «مىنىمۇ كىتاپ قىلىپ يازساڭچۇ ،ئوغلۇم»دىگەنىدىڭىز.مەن ئوينىشىپ «سىزنىڭ نەرىڭىزنى كىتاپ قىلىپ يازىمەن ئانا »دىگەنىدىم .خاپا بولماڭ،ئۇ چاغدا مەن نادان ئىكەنمەن .مانا ئاشۇ كىتاپ ياق،ئۇنى مەن يازغىنىم يوق ،ئۇنى سىز يازىسىز!مەن ئۇنى قەغەزگە چۇشۇرۇپ كىشىلەرگە تارقاتتىم ،خالاس..ئۇنى دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارنىڭ ئوقۇشىنى خالايمەن،،بىلىمەن دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ياخشى ،،لىكىن سىز مەن ئۇچۈن ئەڭ قىممەتلىك ئەڭ مىھرىبان ئانا................
---جىلىل ئابدىراخمان (پارچە)
_________ جۇدا تەستىقلىدى
|
ئەربولساڭ مەرد بولغىن ،ۋەدىدىن يانما، ئازغىنا نەپنى دەپ ۋىجداننى ساتما.
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 01:00 |
| |