>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلەر

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 515 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلەر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 978
شۆھرەت: 1058 نۇمۇر
پۇل: 11498 سوم
تۆھپە: 138 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:489(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلەر

ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلەر



30غا ئۇلاشقان يىشىم بىلەن يۈرىكىمگە بىر ئوت تۇتاشتى. ئۇ ئوت مىنى كىچە- كۈندۈز تىرىشىشقا، ھاياتقا تىخىمۇ كۆپ مەنا قوشۇشقا ئۈندەيتتى.ئاشۇ ئوت تۇتاشقاندىن بىرى، مەن ئۆزەمنى گويا مەڭگۈ ئالغا ئىنتىلمسىەم بولمايدىغاندەك ھىسىياتلار ئىلكىدە سىزىدىغان بولدۇم. ئۇ ئوت_ ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىش ئوتى ئىدى. بۇ ئوت ماڭا 2002- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى ئاچقان جۇڭگۇ ھازىرقى بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتى يۆلىنىشى بويىچە ئاسپىرانتلىق كۇرسىدا ئوقۇش جەريانىدا تۇتاشقان بولۇپ، ئىنگىلىزتىلىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەنلىكىم مىنى ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئوتىدا قىينىدى. ئۇ ئوت_ ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىش، بىلىم ئىلىش ئوتى مىنى مەن ئىلگىرى باغرىدا 5 يىل بىلىم ئالغان ئۈرۈمچىگە يەنە قايتا بىرىشقا نىسىپ قىلدى. مەن 2003- يىلى 9- ئايدا مەكتەپ تەشكىلىمىزنىڭ قوشىلىشى ۋە مەدەت بىرىشى بىلەن يولدىشىم ۋە خىزمەتدىشىم مەمتىمىن، 6 ياشلىق ئوغلۇم مەۋلانجان ئۈچىمىز بىللىلا ئۈرۈمچىگە بىلىم ئىگىلەشكە كەلدۇق. بىز جەنۇبى شىنجاڭلىقلار ئۈرۈمچىنى تولىمۇ چوڭ بىلىپ ئۈرۈمچىگە بىرىشقا تەلپۈنىدىغانلىقىمىز، يولدىشىم ھەم مىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمىز بولغاچقىمۇ ئۈرۈمچىگە بارغىنىمدىن تولىمۇ ھاياجانغا چۈمدۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۈرۈمچىگە دەل يۈرىكىمدىكى ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە كەلگەچكە بىر يىل قانغىچە ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋىلىش مېنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ۋە خۇشاللىقىم ئىدى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دەل 10 يىل بولغاندىلا ئۈرۈمچىگە قايتا قەدەم بىسىش مېنى بىر تەرەپتىن شاتلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەندىشىگە سالدى. نىمىشقا ئەندىشە قىلىسىز دەمسىز؟ ئۈرۈمچىنى قايتا كۆرگەندە ئۈرۈمچىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشتىن ئۈرۈمچىنىڭ كونا يوللارنى تاپالماسلىقىمدىن، تۇيۇقسىز بىرەر يەردە ئىزىقىپ قئلىشىمدىن قورقتۇم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ مىنى تونۇيالماسلىقىدىنمۇ ئەندىشە قىلدىم تېخى، چۈنكى مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن 10 يىلدىن بىرى ئۈرۈمچىگە بىرەر قىتىممۇ كىلىپ باقمىدىم ئەمەسمۇ؟
ئۈرۈمچى ئۆزگىرىپتۇ، 10 يىل ئاۋالقى ئۈرۈمچىنىڭ ئورنىغا تەرەققى قىلغان، گۈزەللەشكەن، تۇرمۇش رىتىمى تىخىمۇ تىزلەشكەن يىپ- يىڭى ئۈرۈمچى دەسسەپتۇ. ئادەملەر، ماشىنىلار، يوللار، باغچىلاركۆپىيىپتۇ. ھەر خىل ئۆتۈشمە يوللار قاتناشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپتۇ. بىر- بىرىدىن ئىسىل سودا سارايلىرى، بىر- بىرىدىن ھەيۋەتلىك مىھمان كۈتۈشلەر، تىز تاماقخانىلار ئۈرۈمچىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپتۇ......... 10 يىل ئىچىدىكى ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتى مىنى ناھايتى ھەيران قالدۇردى. لىكىن، پەقەت بىرلا نەرسە_ ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ قايناق، ئالدىراش تۇرمۇشى، بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشچانلىقى ئۆزگەرمەپتۇ.
شۇنداق، ئۈرۈمچى ئادەملىرىنىڭ قىزغىن، ئالدىراش تۇرمۇشى، بىلىمخۇمارلىقى، كەسىپچانلىقى ئۆزگەرمەپتۇ. ئۈرۈمچىدە بىر يىل جەريانىد مەن تونۇشقان، ئۇچراشقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بايقىدىمكى،_ ئۈرۈمچى ئادەملىرئ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۈرۈمچىنى قايتىدىن يارىتىپتۇ.
شۇڭا مەن 2003- يىلى 9- ئايدىن 2004- يىلى 7- ئايغىچە ئۈرۈمچىدە ماڭا تەسىر قىلغان ئىش ۋە ئادەملەر ھەققىدە ئۆز تەسىراتىمنى تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزمۇنغا يىغىنچاقلىدىم.
ئۈرۈمچىگە كۆنمىگەن بالا
ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش، ئوغلۇمنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن دادىسى ئىككىمىز ئىككىنجى بالام مەۋلانجاننى ئۈرۈمچىگە بىللە ئىلىپ بىرىپ، بىر يىل يىنىمىزدا تۇرغۇزۇش قارارىغا كەلدۇق. مەن كۆڭلۈمدە «كىچىك بالا دىگەن رايىش كىلىدۇ، ھەر قانداق جايغا كۆنىپ كىتىدۇ» دەپ ئويلاپتىكەنمەن. شۇڭا ئۈرۈمچىگە بىرىپ ئۆيگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن مەۋلانجاننى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى يىنىدىكى «شەرق ئوغلانى» بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ بەردۇق. ئەسلىدىنلا ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە پۇشايمان قىلىپ، كۈندە كەچتە جۇدۇنلۇق قىلىپ تۇرىۋاتقان ئوغلۇم يەسلىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تىخىمۇ مەيۈسلىنىپ كەتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە تولىمۇ خاپىلىق مەيۈس ھالدا يەسلىگە ماڭغان ئوغلۇمنى كەچتە يەنە خاپا چىراي ھالەتتە قايتۇرۇپ چىقىدىغان بولدۇق.
«قانداقراق تۇرغاندۇ» دەپ ئوغۇرلۇقچە قاراپ باقسام بىر نەچچە قىتىم ئۇنىڭ ناھايتى غىرىبانە ھالەتتە يالغۇز تۇرغانلىقىنى كۆردۆم. گەرچە يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ناھايتى قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ ئۇنى كۆندۈرۋىلىشقا ئۇرۇنغان بولىسمۇ ئۇ بىر ئايغىچە يەنىلا غەمكىن ھالەتتە يۈردى. شۇ چاغلاردا يۇرتتن ئايرىلىش ئازابىدىن كۆرە بالىنىڭ مەيۈس ھالىتى ئەر- ئايال ئىككىمىزنى تولىمۇ ئازاپلىدى. ئۇنىڭ كەچتە بىزنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىمىزگە ھەرگىزمۇ بارغىسى كەلمەيتتى. چۈنكى ئۇ يەردە يا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوينىغىلئ بالا يوق، ھەم دادىسى ئىككىمىز كۈندە كەچتە دەرس ئۆگىنىمىز دەپ ئۇنىڭغا ھەمرا بولالمايتتۇق. شۇ جەريانىدا ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئىلىپ بەردۇق. لىكىن ئۇمۇ ۋاقىتلىق رول ئوينىدى. ناھايتى تەستە ئۆكتەبىر بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىۋىدۇق، بىر قار ياققان بانا بىلەن ئوغلىمىز قاتتىق قىزىپ قالدى. دورا ئىچكۈزدۇق، ھىچ كار قىلار ئەمەس. ئۇ ھەر كۈنى قىزىپ تۇرغاندا «ئاچا، چوڭ ئانا» دەپلا جۆيلىيدۇ. (ئۇنىڭ ئۆزىدىن 4 ياش چوڭ ئاچىسى ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتتا قالغان) ئىككى كۈن قىزىغان ئوغلىمىز ئاخىرى بىر كۈنى «ئاپا، مەن يەكەنگە كىتەي» دىگەن گەپنى قىلدى. بالىنىڭ سۆزى بىزنى ناھايتى قاتتىق تەڭلىككە سالدى. ئاخىرى بىز چوڭلار بىلەن تىلىفۇندا مەسلىھەتىلىشپ ئۇنى يەكەنگە يولغا سالىدىغان بولدۇق. قىززىق ئىش، شۇنداق ئىغىر قىزىپ ياتقان بالا يەكەنگە ئىلىپ كىتىشنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ قالدى. ئىككى كۈندىن كىين چوڭ ئاپىسى كىلىپ كىتىدىغان چاغدىمۇ بىز قايتا- قايتا «بالام، كىيىن پۇشايمان قىلىسىز، كەتمەڭ» دەپ شۈنچە زورلساقمۇ ئۇ يەنىلا كىتىش نىيىتىدىن يانمىدى. ھەتتا، بىزدىن ئايرىلغاندىمۇ شۇنچىلىك خۇشال ھالەتتە قايتىپ كەتتى.
ئاشۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتىكى ئوغلۇمنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ، مەن چوڭلارغا قارىغاندا كىچىكلەرنىڭ يەكلەش ھىسىياتىنىڭ ناھايتى كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز قىرىنداشلىرىغا مھىرى مۇھەببىتىنىڭ تولىمۇ چۇڭقۇر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. چۈنكى، ئۇ ھەر كۈنى ئاچىسى ياكى چوڭ ئانا، چوڭ دادىلىرى بىلەن تىلفۇندا كۆرۈشسىلا يىغلايتتى ئەمەسمۇ؟
مەن بۇنىڭدىن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلدىمكى، بىز بالىلارنى دائىم خاتا چۈشىنىدىكەنمىز. ئۇلارنى كىچىك بولغاندىكىن ھەر قانداق جايغا كۆنۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلايدىكەنمىز. ئەمىلىيەتتە، دەل ئەكسىچە. ئۇلار ئۆزى كىچىك بولسىمۇ، قەلبى ئاللىقاچان يىتىلىپ بولىدىكەن!



ئاددى ساددا ئايال
«ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى» دىسىلا ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا ئىسىل كىيىنگەن، پۈتۈن تۇرقىدىن، ۋۇجۇدىدىن سالاپەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كىشىلەر كىلىدۇ. بولۇپمۇ بىز ئاياللار ئالىي مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرى بەك ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ، ھەر كۈنى ھەر ياڭزا ياسىنىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز. بىراق دەل ئەكسىچە، مەن پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ چەتئەل تىلى فاكۇلتىتىدا ناھايتى ئاددى- ساددا، مۇلايىم، ئوچۇق كۆڭۈل، بىلىملىك بىر ئايالنى ئۇچراتتىم. ئۇ 1987- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ چەتئەل تىلى فاكۇلىتىتى ئىنگىلىزتىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى ئىنگىلىزتىلى كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئامىنە ئابلىز ئىدى. ئامنە كىچىكىدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغاچقىمۇ ئۇيغۇرچىنى تازا راۋان سۆزلىيەلمەيتتى. لىكىن ئۇنىڭ دەرس ئۆتۈش ماھارىتى ناھايتى ياخشى بولغاچقا، مەن دەرس ئاڭلايدىغان 2001- يىللىق 3- سىنىپتىكى بالىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار باشقا دەرسلەرگە قاتناشمىسىمۇ، ئامىنەنىڭ دەرسى بولسىلا تولۇق قاتنىشاتتى. گەرچە ئامىنە مۇئەللىم دەرستە بىرەر ئىغىز ئۇيغۇرچە سۆزلىمىسىمۇ، خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە سۆزلىرىمۇ ناھايتى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، كىشىنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. بولۇپمۇ ئۇ تىكىست ئۆتكەندە نوقۇل ھالدا تىكىستكىلا ئىسىلىۋالماي، ئاشۇ تىكىسكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەشىق، كۆنۈكمىلەرنى ئىشلىتىپ مىڭىپ، دەرسنىڭ زىرىكىشلىك بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. مەن ھەر سائەتتە ئامىنەنىڭ دەرس ئۆتىشىگە قاراپ ئۇنىڭ دەرسكە تولىمۇ پۇختا تەييارلىق قىلىپ كىرىدىغانلىقىنى ھىس قىلاتتىم. ئۇ دەرس مەزمۇنىنى ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇپ قويماي بىر سائەت ئىچىدە دەل تۈگىتەتتى. ھەر سائەتتە پىلانلىغان دەرسى دەل تۈگەپ ماڭاتتى. بولۇپمۇ ئۇ بالىلارغا تاپشۇرۇق بەرگەندە ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئىجراسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماي، تولۇق سوراپ ماڭاتتى. ھەر بىر دەرس تۈگىگەندە بىر قتىم دەرسكە مۇناسىۋەتلىك كىچىك سىناق ئىلىپ، ئاشۇ سىناقنىمۇ ناھايتى ئەستايىدىل تەكشۈرەتتى.
مەن ئەينى چاغدا ئامىنەنىڭ دەرسى ئاز بولغاچقا مۇشۇنداق ئەستايدىل قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتىم. كىيىن باشقىلاردىن ۋە ئۆزىدىن ئۇقۇشۇمچە ئۇنىڭ ھەپتىسىگە 16 سائەت ئىنگىلىزتىلى دەرسى بار ئىكەن. شۇنداقلا ئۇ ئىنگىلىزتىلى كافىدىراسىنىڭ مەسئۇلى ئىكەن.
مەن ئامىنەنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا خاس سالاپەت تولغان بىلىم قابىلىيەتنىلا ئەمەس، بەلكى ئاياللارغا خاس كۆيۆمچانلىقنىمۇ ھىس قىلدىم. ئۇ ئۆزى سىنىپ مۇدىرى بولغان سىنىپتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۆيۈنۈپلا قالماي بەلكى دەرس بەرگەن سىنپقىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇ ھەر سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بىرىشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايتتى. ھەتتا ئۇ بىر قىتىم ئاغرىپ قىلىپ دەرسكە كىلەلمىدى. شۇ چاغدا ئۇ ئورنىغا دەرسكە كىرگەن ئوقۇتقۇچىغا ئالدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى قايتا تاپىلاپ، دەرسنى ياخشى ئۆتۆشنى تەۋسىيە قىلغان ئىكەن. ھىلىقى خەنزۇ ئوقۇتقۇچى مۇشۇ ئىشنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ، «ئامىنە ھەقىقەتەن ياخشى ئوقۇتقۇچى ئەگەر مەن دەرسنى ياخشى ئۆتمىسەم ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيمەن» دەپ ئاشۇ ئوقۇتقۇچىمۇ دەرسنى ناھايتى كۆيۈنۈپ ئۆتتى. مەن شۇ كۈنى «ئەگەر ئامىنەم تاپىلىمىغان بولسا، مۇشۇ ئوقۇتقۇچىمۇ قولىنىڭ ئۇچىدا ئۆتۈپ قوياتتى بەلىكم» دەپ ئويلاپ قالدىم. ئاشۇ كۈنلەردە ئۆزۈمنىڭ بىر قانچە قتىم باشقىلارنىڭ ئورنىغا دەرسكە كىرىپ قويغاندا ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت كىتاپ ئوقۇتۇش بىلەنلا بولدى قىلغانلقىمنى، ھەتتا بەزىدە باشقا دەرس ئۈگىنىڭلار» دەپ قويۇپ ئۆزۈمنىڭ قارانچۇقنىڭ رولىنى ئويناپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ بەكمۇ خىجىلچىلىق ھىس قىلدىم. ھەتتا ئۆزۈمنى « سەن تىخى ھەقىقى ئوقۇتقۇچى بولالماپسەن» دەپ ئەيىپلىگىم كەلدى.
مەن ھەر قىتىم ئامىنەنىڭ دەرس مۇنبىرىدىكى جانلىق، تىتىك، ئەستايدىل تۇرقىنى كۆرگىنىمدە قايتىدىن جانلىنىپ، كىيىنكى ھاياتىمغا بىر نىشان تىكلىگەندەك ھىسسياتتا دەرس ئاڭلايتتىم. ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا سىلىشتۇرغۇم كىلەتتى.
چۈنكى، ئۇ ئاشۇ ئاغرىپ قالغاندىن باشقا چاغدا بىر كۈنمۇ دەرس قالدۇرمىدى. بىر قىتىممۇ دەرس ئالماشتۇرمىدى. ئۇ مەندىن ئىككى ياش چوڭ بولسىمۇ، لىكىن مەن دەرس ئاڭلاپ بولالماي ھىرىپ تۇرغان چاغلىرىمدا ئۇ ناھايتى روھلۇق، قىزغىن ھالدا دەرس ئۆتتى. مەن ئۇنىڭ بىرەر قىتىممۇ دەرسكە تەييارلىقسىز كىرگىنىنى ھىس قىلمىدىم.
ئويلىسام ئامىنەنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئالاھىدە تەسىرى ئۇنىڭ كىيىنىش جەھەتتىكى ئاددى- ساددىلىقى ئىكەن. مەن دەسلەپتە ئۇنىڭ ئاددى ساددا كىيىنىشگە قاراپ، بەلىكىم ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بولسا كىرەك، ياكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بولسا كىرەك دەپمۇ ئويلىدىم. كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپ بىرىشىدىن بىلدىمكى، ئامىنەنىڭ دادىسى ئەسلى سىياسى فاكۇلتىتنىڭ مۇدىرى بولغان كىشى ئىكەن. ئامىنەنىڭ يولىدىشمۇ شىنجاڭ بويىچە ناھايتى داڭلىق ئادۇۋكات بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىدە ئىقتىسادى جەھەتتىن ھىچقانداق قىيىنچىلىقى يوق ئىكەن. ئامىنەنى كىچىكىدىن تونۇيدىغان بىرسى ماڭا: «ئامىنە كىچىكىدىن مۇشۇ مەكتەپتە (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى)دا چوڭ بولغان، ئۇ كىچىكىدىنلا مۇشۇنداق ئاددى- ساددا ئىدى. توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ ئاشۇ ساددىلىقىنى تاشلىمىدى، ئۇ تۇرمۇشتا ئاددى- ساددا بولۇپلا قالماي بەلكى ناھايتى كىچىك پىئىل، ھالى يوق، ھەممە كىشىگە ئۇرۇق- تۇققىنىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزىمۇ بەك تىرىشچان» دەپ تونۇشتۇردى. كىيىن مەن ئامىنە بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ھىلىقى تونۇشىمىز دەپ بەرگەندەك ناھايتى كىچىك پىئىل، ئاق كۆڭۈل، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خالايدىغان خاراكىتىرىنى بايقدىم. ئۇ خاراكتىر جەھەتتە ياخشى بولۇپلا قالماي بەلكى كەسىپتىمۇ ناھايتى تىرىشچان بولغاچقا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ روس تىلى ئۆگىنىپتۇ. ھەر يىلى ئىنگىلىزتىلى جەمئىيتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپتىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تەجىربە ئالماشتۇرۇشقا بارىدىكەن. ھەتتا 2001- يىلى ئىسرائىلىيە، پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە شۇ جەمئىيەتتىكىلەر بىلەن بىللە زىيارەتكە بىرىش پۇرسىتىگىمۇ ئىرىشىپتۇ.
مەن ئۇنىڭ كىىيىنىش جەھەتتىكى ئاددى- ساددىلىقىغا قاراپ، ئۇنى باشقا جەھەتتىمۇ ئاددى- ساددىمىكىن دىسەم ئۇ كەسپتە، خىزمەتتە ۋە ئائىلىدە تولىمۇ قالتىس، تىرىشچان ئايال ئىكەن. مەن ئامىنەنىڭ گىرىمسىز چىرايىدىن، مودىدىن قالغان بولسىمۇ لىكىن، پاكىزە يارىشىملىق كىيىملىرىدىن شۇنداق بىر ئۇلۇغلۇقنى بايقىدىمكى، ئاياللار مودا كىيىم كەيمىسىمۇ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولالايدىكەن، مودا كىيىم كەيمىسىمۇ كەسىپتە ياخشى نەتىجە قازىنالايدىكەن. مودا كىيىم كەيمىسىمۇ ياخشى ئايال، ياخشى ئانا بولالايدىكەن. دىمەك، ئاياللارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ قانداق كىيىم كىيىشىدە ئەمەس، بەلكى، قانداق ياشىشىدا، ئۆزىنىڭ ئانىلىق، ئاياللىق بۇرچىنى قانداق ئادا قىلىشى، جەمئىيەتكە قانداق تۆھپە قوشۇشىدا ئىكەن.




ماڭا دەرس ئۆتكەن ئۈچ ئوقۇغۇچى
«ئەگەر سىزن ئەڭ ياخشى كۇرسنى تاللايمەن دىسىڭىز، مۆمىنجاننىڭ ياكى ئەلىنىڭ كۇرسىغا قاتنىشىڭ» دىدىيەكەندىن بارغان بىر ئوقۇغۇچى كۇرس ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە. بۇ دەل ئۆتكەن يىلى 9- ئاي چاغلار بولۇپ، پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىدا كۇرس ئىلانلىرى يامراپ كەتكەن، بىراق، قايسىسىنى تاللاشنى بىلگىلى بولمايدىغان ۋاقىتلار بولاتتىكەن. مەن ئاشۇ كۈنلەردە ساۋاقداشلارنىڭ ئاغزىدىن «مۆمىنجان يىڭى ئوقۇم ئىنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆتىدۇ» ئەلى بولسا ئاجايىپ سىرلىق ھەم كۈلكىلىك، ئۇنىڭ كۇرسىدا ئادەم بەك كۆپ، ئۇ «ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆتىدۇ» دىگەندەك تەرپلەشنى ئاڭلىدىم. مەن ئۈرۈمچىدىكى شەنبە، يەكشەنبىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش، بولۇپمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىنگىلىزتىلىنى بەكراق ئۆگىنىۋىلىش مەقسىدىدە ئاخىرى ماڭا ماس كىلىدىغان كۇرس «يىڭى ئوقۇم ئىنگىلىزتىلى 2- قىسىم» غا قاتناشتىم. بۇ كۇرسقا دەرس ئۆتىدىغىنى شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ ئەنگىلىيەگە ئوقۇشقا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى مۆمىنجان ئىكەن.
مۆمىنجان تۇرپان توقسۇنلۇق دىھقاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ ئىنگىلىزتىلىنى ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىين ئۆگىنىپتۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە 2 يىل قالغاندىن باشلاپ كۇرس ئىچىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇشلىرىدىن، سالماق قىياپتىدىن ئوقۇتقۇچىلىققا خىلى پىشىپ قالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. مۆمىنجاننىڭ «يىڭى ئوقۇم ئىنگىلىزتىلى» ئۆتۈشتە ئۆزگىچە تەجىربىسى بولغاچقا، كۇرستا ئادەم بەكمۇ جىق ئىدى. 100دىن ئارتۇق ئادەم پاتىدىغان سىنىپقا ئەگەر بالدۇرراق چىقمىسام ئورۇنمۇ قالمايتتى. مۆمىنجاننىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان تەرىپى ئۇنىڭ ئىنگىلىزتىلىغا بولغان قىزغىنلىقى ۋە دەرس ئۆتۈشتىكى جۇشقۇنلىقى ئىدى.
مانا مۇشۇ خىل قىزغىنلىق ۋە جۇشقۇنلۇق ئۇنى ياشلىق دەۋرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىشكە دەۋەت قىلسا كىرەك. ئۇ ئاشۇ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەنگىلىيەدىكى بىر تىببى ئۇنۋىرسىتتقا ئىمتىھان بىرىپ ئۆتۈپ بۇ يىل 5- ئايدا ئەنگىلىيەگە ئوقۇشقا كەتتى.
قىشلىق تەتىلدىن يانغاندىن كىين مۆمىنجان ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن كۇرسنى ئاچمىغاندىن كىيىن مەن «ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىزتىلى» ئۆگىنىش نىيىتىدە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «ئەلى كۇلپ» دەپ نام ئالغان، 9 ئاي ئۆگىنپ چەتئەلگە چىقىش ئىمتىھانىدىن 627 نۇمۇر ئالغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى چوقۇنغۇچىسى ئاتۇشلۇق ئوقۇغۇچى ئەلىنىڭ كۇرسىغا قاتناشتىم.
ئەلىنىڭ دەرس ئۆتۈش ماھارىتىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ مۆمىنجانغا قارىغاندا تىخىمۇ جۇشقۇن، بولۇپمۇ خام سۆزلەرنى ئۆتۈشتە شۇ سائەتتىلا ئەستە قالدۇرۋىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا، ئەلىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ناھايتى كۆپ ئىكەن. گەرچە مەن ئەلىنىڭ كۇرسىغا قاتنىشىش جەريانىدا بىرەر قىتىممۇ ئۆرە تۇرۇپ قالمىغان بولساممۇ، لىكىن 180 كىشىلىك شۇنچە چوڭ سىنىپتا يەنىلا ئۆرە تۇرۇپ دەرس ئاڭلايدىغانلارنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ، مەن ئەلىنىڭ دەرس ئۆتۈش، بولۇپمۇ ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشش جەريانىدا بىلدىمكى، ئەلى ھەر شەنبە يەكشەنبىدە 11 سائەتلەپ دەرس ئۆتىدىكەن. لىكىن قىلچە چارچىمايدىكەن. ئۇ تىخى ئىنگىلىزتىلىنىڭ سىرتىدا يەنە پىسخولوگىيە ۋە فىرانسۇزتىلى دەرسىمۇ ئۆتەتتى. مەن ئۇنىڭدىن «سىز ئۆزىڭىزنىڭ دەرسلىرىڭىزنى ۋە چەتئەلگە چىقىدىغان ئىنگىلىزتىلىنى قاچان، قايسى چاغلاردا ئۆگىنىسىز؟ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ «كىچىسى ئۆگىنىمەن، كۈندۈزى قىلىدىغان ئىشلىرىم جىق» دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭ قاچانلا قارىسا قىزىرىپلا تۇرىدىغان كۆز جىيەكلىرى، جاپاكەش ئادەملەردە كۆرىلىدىغان ئورۇق، ۋىجىك گەۋدىسى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئەلىنى «كۆڭۈلدىكى سۆز» دە تونۇشتۇرغاندا ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 40 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدىم.
ئۇ گەرچە تىببى ئۇنۋىرسىتىت 2001- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولسىمۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ تەڭتۈشلىرى ۋە چوڭلارمۇ تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن. ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا چوقۇنىدىكەن. چۈنكى، ئەلىنىڭ قىلىۋاتقىنى ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ياكى يالغۇز پۇل تىپىش ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟!
بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە بارغاندىن كىيىن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئىنگىلىزتىلى كۇرسىنىڭ ئىلانىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. (بۇنداق ئىلانلار ئۈرۈمچىدە قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ) كۇرۇستا ئەتىگەنلىك ئىغىزتىلى دەرسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەتىگىنى سائەت 6دە كۇرۇسقا چىقتىم.
كۇرسقا چىقىپ بىلدىمكى كۇرس ئاچقىنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى ئەدبىيات كەسپىنى 2003- يىلى پۈتتۈرگەن خوتەنلىك ئوقۇغۇچى ئابدىمىجىت ئىكەن. ئابدىمىجىت ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە قارار كۇرس ئاچقان بولۇپ، 2003- يىلى 9- ئايدا بىيجىڭ «يىڭى شەرق ئىنگىلىزتىلى» مەكتىۋىگە بىرىپ يىرىم يىل ئۆگىنىپ كەپتۇ. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەن بولسىمۇ لىكىن ئائىلىسىگە ئىغىر قىيىنچىلىق سالماسلىق ھەم كەلگۈسىدە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش نىيىتىدە خوتەنگە قايتماي، ئۆزى يالغۇز «يىلتىز ئوقۇغۇچىلار تىل تەربىيلەش مەكىتىۋى» ئىچىپ ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىپتۇ.
ئابدىمىجىتمۇ دەرسنى ناھايتى ئەستايدىل ياخشى ئۆتىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىمۇ ناھايتى كۆپ ئىكەن. بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك كۇرسقا قاتنىشىدىغانلار بەك كۆپ ئىدى. مەن ئابدىمىجىتتىن «سىز ئىنگىلىزتىلىنى ئالىي مەكتەپتىمۇ ئۆگەنگەنمۇ؟» دىسەم ئۇ «شۇنداق، مەن خوتەندىكى چاغدا خەنزۇتىلىدىمۇ ئاجىز ئىدىم. بەش يىل تىرىشىپ ھازىر خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇم، ئەمدىكى ئارزۇيۇم شىركەت ئىچىپ پۇل تىپىپ، چەتئەلدە ئوقۇش، مەن ھۆكۈمەتكىلا تايىنىۋىلىش ياخشى ئىش دەپ قارىمايمەن» دىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ، بىر تەرەپتىن «ئاسان ئىنگىلىزتىلى» ناملىق كىتاپنى تىزىۋىتىپتۇ.
مەن ئۆزۈم دەرسىنى ئاڭلىغان ئۈچ ياشنىڭ ۋۇجۇدىدىن شۇنداق بىر ئورتاقلىقنى بايقىدىمكى، ئۇلار ھاياتىدا نىمە قىلىش، قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى بىلىپتۇ. ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يىتىپتۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە كەسىپكە، ئىلىم- پەنگە بولغان قىزغىنلىق ناھايتى يۇقىرى ئىكەن......
ئاخىردا ئۇلارغا شۇنداق دىگىم كەلدى: سىلەرنى تۇققان ئاناڭلارغا رەھمەت. ئۇلار ھەقىقى ئۇلۇغ ئانىلار ئىكەن.





چەتئەللىكلەر بىلەن ئۇچرىشىش

«تىل ئۆگەنگەن كىشى ئۈگەنگەن تىلنى چوقۇم شۇ تىلنىڭ زىمىنىدا ئۆگىنىشى كىرەك» دىيىشىدۇ نۇرغۇن كىشىلەر، بىراق، ماڭا ئوخشاش جەنۇبى شىنجاڭنىڭ نامرات ناھىيلىرىنىڭ بىرىدە ياشاۋاتقان ئاددى بىر ئوقۇتقۇچىغا چەتئەلگە چىقىش پۇرسىتى نەدە تۇرۇپتۇ دەيسىز؟! لىكىن، شۇنداقتىمۇ تىل ئۆگەنگەن بولغاندىكىن بىرەر چەتئەللىك بىلەن سۆزلىشىپ بىقىش ئىستىكى مىنى دائىم قىزىقتۇراتتى. مەن بۇ ئارزۇيۇمغا ئاخىرى 2003- يىلى 10- ئايدا يەتتىم. پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىغا كىرىپ چەتئەل تىلىدا دەرس ئاڭلاۋاتقان كۈنلىرىمدە بىر جۈمە كۈنى ئەتىگەندە مەن دەرس ئاڭلايدىغان سىنىپقا 4 چەتئەللىك ۋە بىر خەنزۇ كىرىپ كەلدى.
يۈرەكلىرىم ھاياجاندا دا دۆپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. بىراق، مەن يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەسلىكىمدىن ئەندىشە قىلاتتىم. كىيىن ئىش مىنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ ياخشى بولدى. مەن گەرچە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق چۈشەنمىگەن بولساممۇ، لىكىن، ئۇلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمدىن يەنىلا خۇشال ئىدىم. ئۇلار ئامىرىكىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدىن تەشكىللىنپ ، جۇڭگۇ مائارىپىغا ياردەمگە كەلگەن ئامرىكا ESEC تەشكىلاتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار بەش كىشى پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىگە دەرس ئۆتۈشكە كەلگەن ئىكەن.
بۇ بەش ئوقۇتقۇچى بىر سىنىپتىكى 30 ئوقۇغۇچىنى ئىككى سىنىپقا بۆلۈپ، ھەپتىدە ئىككى سائەتتىن دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ دەرس ئۆتۈشتىكى ئۇسۇلى ئانچە ئۆزگىچە بولمىسىمۇ، لىكىن كىشىگە قىلغان مۇئامىلىسى ناھايتى قىزغىن بولۇپ، ئۆگەتكەن ھەر بىر بىلىمگە ناھايتى ئەستايدىل مۇئامىلە قىلاتتى. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئوقۇغۇچىلارغا ھىسىيات جەھەتتە يىقىنلىششقا تىرىشاتتى.
ئۇلار ھەر دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن كىين ئىشخانىسىدا نۆۋەتلىشىپ دىجۇرنلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىختىيارى پاراڭلشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بىرەتتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ قايسسى بولمىسىۇن ئشخانىسىغا كىرىپلا قالساق، قولىدىكى ھەر قانداق ئىشنى قويۇپ، ئالاھىدە ئالدىمىزغا كىلىپ «ياخشىمۇسىز؟ سىزگە ياردىمىم كىرەكمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر بىز كىتاپ ياكى ژورنال كۆرمەكچى بولساق (ئۇلارنىڭ ئامرىكىدىن ئىلىپ كەلگەن كىتاپلىرى 500 پارچىدىن ئاشاتتى) يەنە بىز بىلەن بىللە كىلىپ، كىتاپ ياكى ژورناللارنىڭ مەزمۇنىنى ئالاھىدە بىزگە تونۇشتۇراتتى. كىتاپ ھەققىدە بىز بىلەن پاراڭلىشاتتى. ئۇلارنىڭ گەرچە بىزگە بىلىم ئۆگىتىش ۋەزىپىسى بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇلار يەنە باشقىلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشنىمۇ ئۆگەتتىمىكى دەيمەن. مەن بىر يىل دەرس ئاڭلاش جەريانىد ئۇلارنىڭ بىرەر قىتىممۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئاچچىقلانغنىنى، ئۇلار بىلمەي ياكى چۈشەنمەي قالسا ئۇلارنى كەمسىتكىنىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئۇلار گويا سەۋىرچانلىقنىمۇ ئۆگەتكىلى كەلگەندەكلا.
ئامرىكىلىق ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق دوسكىنى ئۆزى ئۆچۈرۈپ خەت يازاتتى. ھەتتا دەرستىن چۈشكەندىن كىيىنمۇ يازغان خەتلىرىنى ئۆزى ئۆچىرىۋىتىپ چىقىپ كىتەتتى. مەن بۇنىڭدىن بىر ئاز ھەيران قالدىم. چۈنكى بىز داۋاملىق دوسكىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆچۈرگۈزەتتۇق ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ ئىشنى ئالاھىدە ئۇلاردىن سورىدىم. ئامرىكىدا دوسكىنى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئۆچۈرۈپ خەت يازىدۇ، ئەگەر تاسادىپى بىرەر دىجۇرنى ئوقۇغۇچى ئۆچۈرۈپ قويمىسا كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىمىز ئۆچىرىمىز، شۇڭا يازغان خىتىمىزنىمۇ ئۆچىرىۋىتىپ چىقىپ كىتىمىز، ئەلۋەتتە، ئوقۇتقۇچى خەتنى ئۆزى يازغان ئىكەن ئۆزى ئۆچىرىشى كىرەكتە؟‍⦣8364;?..... دىدى بىزگە دەرس بىرىۋاتقان مىكەنزى خانى. مىكەنزى خانىم ئاشۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا مەن ئىختىيارسىز قىزىرىپ كەتتىم. چۈنكى، مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا بىر قانچە قىتىم ئوقۇغۇچىلارنى «داسكىنى ئۆچۈرمەپسىلەر؟» دەپ ئەيىپلىگەن ھەتتا بىر قىتىم دوسكىدىكى خەتنىڭ ئۈستىگىلا خەت يىزىپ، ئۇلارنى ئەيىپلىگەن ئىدىم. ئەمدى قانداق قىلسام بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغاندەك بولدۇم.
بىزگە دەرس بەرگەن مىكەنزى خانىم شىنجاڭغا كەلگەن ESEC تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مىكەنزى ئەپەندىنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇلار 3 بالىسىنى بىللە ئىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلار ئۆزى ھەم بالىلىرى يا خەنزۇچىنى، يا ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدىغان بولغاچقا بالىلىرىنى مەكتەپتە بىرىشكە قىينىلىپ ئۇلارنى ئائىلىسدە ئۆزى تەربىيلىدى. ئۇلارنىڭ بىر- بىرىدىن بىر ياشتىنلا پەرقلىنىدىغان 12،13،14 ياشلىق 2 ئوغۇل، بىر قىزى بار بولۇپ، ئەر- ئايال نۆۋەتلىشىپ بالىلىرىغا ئۆزلىرى ئۆيدە دەرس ئۆتۈپتۇ. مەن مىكەنزى خانىمدىن؛ سىلەر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىرىنىمۇ ئۆزۈڭلار ئۆتەمسىلەر؟ دەپ سورىسام ئۇ: «ھەئە، ئەر ئايال ئىككىمىز ئۆزىمىز ئۆتەلەيدىغان پەنلەرنى ئۆز ئارا تەقسىملىۋالدۇق، ئۆزىمىزگە تەقسىملەنگەن پەننى چوقۇم بىر تەرەپىتن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆتىمىز. ھازىر توردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگىلى بولغاچقا بىلىم جەھەتتە ئانچە قىينالمىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرى ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنى ياخشى تەربىيلىمىسەك كەلگۈسىدە ئۇلارغا يۈز كىلەلمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ جۇڭگۇغا كەلگىنىمۇ بىر بىلىم. ئۇلار بۇ يەردە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋالسا كىيىنكى ياشاش يولى ئۈچۈن ئىككى چوڭ يول ئىچىلىدۇ» دىدى.
مەن ئۇنىڭ دىگەن گەپلىرى ئۈستىدە قايتا- قايتا ئويلاندىم. ئۆزۈمنى ئۇلارغا سىلىشتۇرۇپ ئۆز بالىلىرىمنى تەربىيلەشتە تىخى يىتەرلىك كۈچ چىقىرالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلاندىم.
بىر كۈنى ئۇلار ئوتتۇرانجى بالىسى ئانجىلانى (11 ياشلىق قىز) مەكتەپكە ئىلىپ چىقىپتۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋىتىپ ئۇنىڭدىن «ئۆيدە ئاتا- ئانىڭىز دەرس ئۆتسە ياخشىمىكەن، ياكى مەكتەپتە دەرس ئوقۇسىڭىز ياخشىمىكەن؟» دەپ سورىۋىدىم ئۇ مەندىن قايتۇرۇپلا: «سىزنىڭچە بىر ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنى يالغۇز تەربىيلىسە ياخشى بولامدۇ؟ ياكى بىر ئوقۇتقۇچى 30- 40 ئوقۇغۇچىنى تەربىيلىسە ياخشىمۇ؟» دەپ سورىدى. 11ياشلىق قىزنىڭ تىز ئىنكاسى مىنى قاتتىق ئويلاندۇردى.
ئۆزۈمنىڭ ئەتراپىمدىكى مەن ئۇچراتقان 11 ياشلىق بالىلارنى ئەسلەپ ئۆتتۈم. ئەگەر ئۇلاردىن ئاشۇنداق سۇئالنى سورىسام ئۇلار قىلچە ئويلانماسىتىن «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاپ بىرىشى چوقۇم. مەن شۇ چاغدا بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ناھايتى چوڭ كاۋاكلار بارلىقىنى يەنە بىر قتىم ھىس قىلدىم. ئانجىلا يەنە ماڭا «شىنجاڭنىڭ بالىلىرى بەك تارتىنجاقكەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرى، مەن ئۇلار بىلەن دوست بولاي دەپ شۇنچە قىزغىن ئۇلارغا يىقىنلاشقان بولساممۇ ئۇلار ئىنتايىن قورۇنۇپ، پەقەت گەپ قىلىشنى خالىمىدى، شۇڭا مەن ھازىرغا قەدەر بىرەر تەڭتۈش دوست تاپالمىدىم» دىدى ئاغرىنغاندەك قىلىپ.
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۈرۈمچىدىكىلا ئەمەس، بەلكى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ شەھەر بازارلىرىدىكى «ئۇنى تۇتما، بۇنى ئالما، يات ئادەملەرگە يىقىنلاشما» دەپ تەربىيلىنىۋاتقان بالىلىرىمىزنى يادىمغا كەلتۈردۈم. ئۇلارنى ئەخلاقى جەھەتتىن چەكلەپ تۇرغىنىمىزغۇ ياخشى، بىراق، ئۇلار ئەقەللى باشقىلارغا يىقىنلىشىش ۋە دوست بولۇپ تۇرۇپ ئۇلاردىن ئىجابىي پايدىلىنىشنىمۇ بىلمىسە ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولار؟ ئۇلار قاچانغىچە بىكىنمە تۇرمۇش، سىرلىقلىق ئىچىدە بۇرۇقتۇم بولۇپ ياشار، ياۋايىلىقلار ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە نىمىلەرنى ئىلىپ كىلەر؟ بۇ چەتئەللىك كىچىك سىرىق چاچنىڭ سۆزلىرى ماڭا بالىلارغا نىمىلەرنى ئۆگىتىش، قانداق ئۆگىتىش ھەققىدە ساۋاق بەرگەندەك بولدى. مەن ئاشۇ ئويغىنىش ئىچىدە يەنە بىر نەرسىنىمۇ سەزدىم، ئۇ بولسىمۇ چەتئەللىكلەرنىڭ «بالاڭ ئۇيغۇر مەكتەپتىمۇ خەنزۇ مەكتەپتىمۇ؟» «بالاڭ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇسا ئۆز ئانا تىلىنى بىلەمدۇ؟» دەپ سورىغان سۇئاللىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ناھايتى ئىغىر سۈكۈت. چۈنكى ئۇلار بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئۆز ئانا تىل يىزىقىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلگەنلەر ئەمەسمۇ؟
ئاخىرقى سۆز
بىلىم ئىزدەپ 30 يىشىمدا
ياشاپ باققىم كەلدى باغرىڭدا
شۇنداق 30 ياشقا كىرىپ قالغىنىمغا قارىماي ئۈرۈمچىدىن 1500 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى خىيالى جەننىتىم» ئىككىنجى يۇرتۇم ئۈرۈمچى بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى. نۇرغۇن ئادەملەرنى تونۇتتى. مەن بۇ يەردە ھاياتنى قانداق قەدىرلەشنى، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، دەرسنى قانداق ئۆتۈشنى، بالىلارنى قانداق تەربىيلەشنى ئۆگەندىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈمگە ئىچىنىشتىن كۆرە، كىيىنكى ھاياتىمنى قانداق قەدىرلەشنى بىلىۋالدىم.......
ئەتە يەنىلا پارلاق ئىكەن.

ئاپتۇرى: ئايسىمە ئىدىرىس
يەكەن پېداگوگىكا مەكتەپ مۇئەللىمەسى

شەبنەمگە خاس تېما ، قالايمىقان كۆچۈرۈلمىسۇن !


______جۇدا تەستىقلىدى


Nurluk elani


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 23:47 چوققىغا قايتىش
nurlfn
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 181
شۆھرەت: 237 نۇمۇر
پۇل: 1830 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:52(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالدى بىلەن بۇ يوللانمىنى يوللىغان «ئىز» غا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئەسەردە بىلىم، تىرىشچانلىق، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت، يۇرتقا، ئانا تىل .....غا بولغان مۇھاببەت سەمىمىي تىللار، رېئال ۋەقەلەر ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. شەبنەمنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئەسەركەن.


كەمىنە بىر مائارىپچى.
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 11:23 چوققىغا قايتىش
diqqet

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 158
شۆھرەت: 159 نۇمۇر
پۇل: 1596 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:149(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەر ھالدا ئىشقىلىپ شۇ بىر يىلىمۇ مەنىلىك ئۆتۈپتۇ . قارغاندا بۇ مۇئەللىم مۇخبىرلىققىمۇ قىزقامدۇ نىمە ؟ شۇ بىر يىلنىڭ كام دىگەندە 1 ئاي ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن كەتكەندەك تۈردۇ .
بۇ خانىم ئۈرۈمچىدە بىر يىل تۇرۇپ ئاز بولۇپ قاپىتۇ. بولسا 5 يىل تۇرغان بولسا تېخىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى بىلۋالاركەن .
چاخىچاق جىما
ياخشى تېما ئىكەن .




[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 11:57 چوققىغا قايتىش
Uyhur~nisa
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 425
شۆھرەت: 436 نۇمۇر
پۇل: 4250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:110(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھىقىقەتەن تەربىيىۋى ئەھمىيى يۇقۇرى بولغان ئەھمىيەتلىك ئەسەر ئىكەن . تېمىنىڭزدىن نۇرغۇن تەرەپلەرنى چۈشۈنۈپ يەتتىم . بۇ ئەسىرىڭىزدىن قانداق ياشاش توغرۇسىكى قاراشلىرىڭىزنىڭ ئىلمىي ئاساسى چۈشۈنۋالدىم . رەخمەت يەنە يوللاپ تۇراسىز .

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 12:02 چوققىغا قايتىش
barchuki

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 43
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .تىما ئگىسىگە رەخمەت

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 12:41 چوققىغا قايتىش
nuzugum421



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 20
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئايسىمە ئىدرىس دىگەن ھەدىمىز «ئايال بولۇپ ياشاپ باققىم بار،ھەقىقى ئايال» دىگەن ئەسەرنى يازغان ..قەلىمى بەك ئۆتكۇۈر..شۇ شېئىرنى بەك ياخشى كۆرىمەن....

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 13:06 چوققىغا قايتىش
ANKA831

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 166
شۆھرەت: 170 نۇمۇر
پۇل: 1174 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:81(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


دەر ھەقىقەت ،جەنۇپتىكى ھەر بىر كىشى مەيلى ئوقۇش سەۋەبىدىن ياكى مەيلى ھەر قانداق باھانە بىلەن ئۈرۈمچىگە بىر بىرىپ كىلىشى كىرەك...بۇ يەردە ھەممە -ھەممە نەرسىنى ،جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۈزلىنىشىنى ۋە جەمىيەتنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولغان ياشلاردىكى بۇزۇلۇش....دىگەندەك ھەممە نەرسىنى كۆرگىلى بولىدۇ...

Nurluk elani

بىر ئۆمۈر كۈتىمەن
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 15:37 چوققىغا قايتىش
mamatjan315

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 269
شۆھرەت: 269 نۇمۇر
پۇل: 2663 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:210(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇ تېمىنى كۆرۈپ ، ياخشى ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرسنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم ، بۇ دەرستىن مەن نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم ، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر .

Nurluk elani

مەن شەبنەمنى سۆيىمەن ، شەبنەم مېنىڭ ئىللىق ئائىلەم
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 00:03 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-17 06:20, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije