zulpiqar
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 103
شۆھرەت: 104 نۇمۇر
پۇل: 1030 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:84(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-02
|
gvnex:يازغان تېمىڭىزنى كۆرۈپ ،تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق(ئېغىزىمىزدىن چىقىرىشقا بىئەپ قىيىنچىلىقلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا ھەقىقەتەن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ(چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەردە سىلەر دەۋاتقان رەقەملىك تېلېۋىزىيە قانىلىنى تېخى كۆرۈش ئىمكانيىتى يوق) ،سىلەرگە ئاپىرىن ئېيتقۇم كەلدى .بولسا مۇشۇ رەقەملىك تېلىۋىزىيە دىگەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە قوبۇل قىلىپ كۆرۈش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان بولسا ، تېخىمۇ قۇتلۇق ئىش بولۇپ ، ئەزەلدىنلا دىلى سۇنۇق مىللىتىمىزنىڭ مىسكىن كۆڭلىگە ياخشى پروگراممىلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ، بىردەم بولسىمۇ تەسەللى تېپىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن بولاتتىڭلار. بۇنىڭدىن باشقا ،xjtv دە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەخسۇس بىر تەنتەربىيە قانىلى تەسىس قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ يوق؟ چۈنكى نۆۋەتتە مېنىڭ ،جۈملىدىن مېنىڭ ئەتراپىمدىكى خېلى كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەلب سۆزىگە قارىغاندا ،ھازىرقى ۋاقىتتا تېلېۋىزىيىدىكى باشقا پروگراممىلار قاتارىدا ، تەقەززا بولۇۋاتقان يەنە بىر مەنىۋىي تەشنالىقىمىز- دەل ئۇيغۇر تىلىدىكى مەخسۇس تەنتەربىيە قانىلىدۇر . چۈنكى نۆۋەتتىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھالىتىدىن قارىغاندىمۇ ، ھەمدە نوپۇسى دۇنيادىكى 2000دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە 94-ئورۇندا تۇرۇپ ،دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ 100 مىللەتنىڭ قاتارىدا تۇرۇۋاتقان مىللىتىمىز ئۈچۈن ، بۇ بىر ئەقەللى تەلەپ قارايمەن. ئاخىرىدىكى بىر ئۈمىدىم ،شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسىدە ھازىر قويۇلىۋاتقان كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئىچىدە ،ئۆزىمىز ئىشلىگەن ، مىللىتىمىزنىڭ تۇرمۇشى تېما قىلىنغان كىنو -تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى نىمە ئۈچۈن قويۇلمايدۇ؟ بۇرۇن ئانچە- مۇنچە قويۇلۇپ قالاتتى .ھازىر پەقەتلا يوق . ياكى بار بولسىمۇ مەن كۆرەلمەي قالدىممۇ بىلمىدىم.بولسا مۇشۇ تەرەپكىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە . بۇ جەھەتتە ،قېرىنداش قازاق مىللىتىنىڭ xjtv-3ۋە xjtv-8 قاناللىرىغا قارىساق ، پات-پاتلا قازاقلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ قويۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىمىز . شۇنىڭغا قارىغاندا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكىلەر بۇ جەھەتكە سەل قاراۋاتامسىلەر قانداق؟ بۇنىڭدىن سىرت ،xjtv دا نۆۋەتتە قويۇلىۋاتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ساپلا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەنلىرى قويۇلىۋاتىدۇ . 90-يىللاردا ، چەتەللەرنىڭ شۇنداق ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىمۇ كۆرگەنتۇق.ھازىر پەقەتلا يوق بولۇپ كەتتى . بۇ جەھەتتە يا يۇقۇرىدىن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ بىلمىدۇق . يۇقۇرقىلار بەلكىم پەقەتلا مېنىڭلا كۆز قارىشىم ئەمەس ،باشقىلارمۇ شۇنداق ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . xjtv دىكى خادىملارنىڭ ، ھەرقانچە قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ ، توغرا ئۇسۇلدا يېڭىپ ، بىزلەرنىڭ يۇقۇرقىدەك كۈچلۈك ئارزۇيىمىزنى قاندۇرۇپ كېتىدۇ دەپ ئىشىنىمىز.
|
|
[7 - قەۋەت]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-17 01:02 |
| |