ئىشەن
(يانغىن)
چىن يۈرەكتىن سۆيدۇم سىنى ئىشەنگىن جانىم ئىشەن،
ۋەدىلىرىم يالغان ئەمەس پاك يۈرەكتىن كۆيدۇم ئىشەن.
چىن-ۋاپادار ئاشىقىڭ ۋە دىلبەرىڭ مەن بولاي،
كۆيدۇمدىگەن بۇسۆزۇمگە ئىشەنگىن جانىم ئىشەن.
ئۇلۇغ خۇدا ئالدىمدا كۆيدۇم ساڭا جانىم ئىشەن،
شۇنچە گۈزەل ئارسىدىن بىرلاسىنى سۆيدۈم ئىشەن.
ساڭا بولغان چىن قەلبىمنى ئىسپاتلاي قانداق قىلىپ،
چىن ئەقىدەم يۈرۈگىمدە ئىشەنگىن جانىم ئىشەن.
بەزىلەر دەيدۇ شۇنداق شېرىن سۆزلەنى كۆپتۈرۈپ،
ۋەلىكىن قىلغۇسى شۇسۆزلەرنىڭ دەل ئەكسىنى .
يۈرۈگۈمنى يارامسەن ياكى گۈزەل دىلبەرىم،
ئوخشىمايمەن ئۇلارغا چىن يۈرەكتىن كۆيدۇم ئىشەن.
بىرگەبولايلى كەلگۈسىدە بۇ گۈزەل دۇنيادا بىز ،
بەخىتلىك بوپ خوشال ياشاپ ھەرجاھان ھەر يەردەبىز .
كۆيگۇنۇم راسىت سۆيگۇنۇمراسىت ۋە يەنە ئەقىدەممۇ،
ئاشۇ يۇكسەك ئىرادەمگە ئىشەنگىن جانىم ئىشەن.
گەپنى دىمەك بەك ئاسان ۋەلىكىن قىلماق قىيىن،
بولسا يۈكسەك ئىرادە ئۇنداق ئىشلار بىر تىيىن.
ئۇلۇغ خۇدا ئالدىداقەسەم قىلىدىم شۇنداق قىلىپ،
چىن يۈرەكتىن سۆيگۇنۇمگە ئىشەنگىن جانىم ئىشەن.
سۇيگۇمنى تەسۋىرلەي دەپ شۇنچە قىلدىم ئاھ ئۇرۇپ،
ئاجىز كەلدىم ۋەلىكىن چىن مۇھاببەت ئالدىدا.
نەقەدەر سۆيگەن سىنى چىن يۈرەكتىن ئوت يانار،
سەن ئۈچۈن جانىم پىدا ئىشەنگىن جانىم ئىشەن.
مەنبە:خاتىرەم.
چىن مودەن تەستىقلىدى