>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> بىز مۇشۇنداق مىللەتمۇ؟

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1426 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : بىز مۇشۇنداق مىللەتمۇ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kayetmas

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 260
شۆھرەت: 261 نۇمۇر
پۇل: 2600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:105(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
بىز مۇشۇنداق مىللەتمۇ؟

بىز مۇشۇنداق مىللەتمۇ؟

        ئەتىگەندىلا پوق يەۋالغاندەك بولۇپ قالدىم.سەۋەبىنى دەپ بەرسەم كۈلۈپ كىتىشىڭلارمۇ ياكى ئاچچىغىڭلار كىلىشىمۇ مۇمكىن.ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاچ بىر ئاغىنەم بىلەن ئۇچىرشىپ قىلىپ،كوچا ئاپتۇبۇسىغا تەڭ چىقتۇق.ئىش مۇشۇ چاغدا يۈز بەردى.ئەسلى يىنىمدا پارچە پۇل قالماي،ئاغىنەم ئىككىمىز ئۈچۈن ئىككى كوي پۇلنى پۇل سىلىش ساندۇقىغا تاشلىغان ئىدى.لىكىن شوپۇر بىزنى پەقەت بىر كويلا تاشلىدىڭلار دەپ تۇرىۋالدى.ئىنىقلا مىنى پۇل تاشلىمىدىڭ دىگىنىدە بۇ!ئاچچىقىم شۇنداق كەلدىكى:كۆزۈڭ كۆرمىگەندىن كىيىن،كۆزەينەك تاقىۋالساڭ ياكى دۇربۇندىن بىرنى بوينۇڭغا ئىسىۋىلىپ كىم ئاپتۇبۇسقا چىقسا شۇنى كۈزىتىپ ئولتۇرساڭ بولمامدۇ-دەپ، تىللاپ كىتىپتىمەن.ئاغىنەمنىڭ ئاچچىغى مىنىڭدىن يامان ئىدى.مەن ئىككى كوي تاشلىسام،بىر كوي تاشلىدىڭ دەيسەنغۇ دەپ،قىرى شوپۇرنىڭ(مېللىتى باشقا) گىلىنى سىققىلى تۇردى.ئۇ قىرىمۇ بوش ئەمەسكەن.دىۋەيلەپ تۇرغىنىمىزنى كۆرۈپ،ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دەپ تىلفۇنىنى قولىغا ئالدى.بۇنى كۆرۈپ تىخىمۇ ئاچچىغىم كىلىپ ئۇنىڭ كانىيىدىنلا ئالدىم.ئارىمىزغا ئاپتۇبۇستىكىلەر چۈشۈپ ئاجىرتىۋالدى. لىكىن شوپۇر ماشىنىنى ھەيدەشكە ئۇنىماي قويدى.ئاپتۇبۇستىكىلەرنىڭ ئىشقا كىچىكىپ قالىدىغان بولدۇق(خۇددى بىز كىچىكىپ قالمايدىغاندەك)دەپ ۋايساشلىرىنى كۆرۈپ ئاخىرى يىنىمدىكى پارچە بەش كوي پۇلنى بىرىپلا قۇتۇلماقچى بولدىم.لىكىن ئاغىنەم قەتئىي ئۇنىمىدى.سەن پۇلنى بەرسەڭ بۇ قىرى ۋە ئاپتۇبۇستىكىلەر بىزنى راستىنلا پۇل بەرمەپتىكەن دەپ قالمامدۇ دەپ تۇرىۋالدى.ئۇنىڭ دىگىنىمۇ ئورۇنلۇق ئىدى.ئاخىرى يولۇچىلار ئارىسىدىن بىر ئۇيغۇر ئايال شوپۇرنىڭ يىنىغا بىرىپ ئۆزىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى(ساقچى كىنىشكىسىنى كۆرسەتتى)ماشىنىنى دەرھال ھەيدىشىنى،بىزنىڭ ئىككى كوي پۇلنى سالغانلىقىمىزغا گۇۋاھ ئىكەنلىكىنى،يەنە ئۆكتەملىك قىلسا شوپۇر ئۆزىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى دىۋىدى،تىخىچىلا ساقچىغا مەلۇم قىلىش ھەلەكچىلىكىدىكى شوپۇر غىڭ قىلماي ئاپتۇبۇسنى قوزغاتتى.لىكىن ھەممىلا ئادەم بىزگە قاراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بەك خىجىل بوپ كەتتىم.ئاغىنەم بولسا كىيىن يەنە ئۇچۇرشىپ قالسا ئۇنى بوش قويۋەتمەيدىغانلىقىنى ئىيتتى.كەينى تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرساق،بىر خىنىم(يەنە شۇ تائىپىدىن)سىلەرنىڭ قىنىڭلار بەك قىززىق دىمەسما.بىراقلا نىرۋام ئۆرلەپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالدىم.ھەي ئەگەر مەن شوپۇرنىڭ ئورنىدا بولۇپ،سىنى پۇل تاشلىمىدىڭ دىسەم،سەن شۇ يەردىلا ئۆلىۋالارسەن خىنىم.بۇ بىر كوينىڭ ئىشى ئەمەس زادى دەپ بىر ۋارقىرسام چىرايى قەغەزدەك تاتىرىپ غىڭ-پىڭ قىلالماي قالدى.
      ئىدارىگە كىلىپ شۇ كۈن كەچكىچە بىر قىسىمىلا يۈردۈم.كىيىن بىر دوستۇمدىن ئاڭلىسام،ئۇ مەن يولۇققان ئىشنىڭ ئەكسىچە بىر ئىشقا يولۇقۇپتۇ.يەنى بىر ئۇيغۇر ئايال ئاپتوبۇسقا چىقىپ پۇل تاپشۇرمايلا ئارقا تەرەپكە بىرىپ ئولتۇرۋاپتۇ.شوپۇر ئۇنى پۇل تاشلاڭ دىسە،خىيالىدا يوق ئولتۇرغىدەك(شوپۇر خەن)دوستۇم ئۇ ئايالنى شوپۇرنىڭ گىپىنى چۈشەنمىگەن ئوخشايدۇ دەپ،شوپۇر سىزنى پۇل تاشلىسۇن دەيدۇ،-دىسە.چۈشىنۋاتىمەن،شوپۇرغا يالاقچىلىق قىلماي ئولتۇرشىڭىزنى بىلىڭ،دەپتۇ.شوپۇر يەنە سۈيلىسە ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپتۇدەك.بىچارە شوپۇرمۇ ھارغىچە تىل ئاڭلاپ(ھىلىمۇ ياۋاش شوپۇركەن)بولدى قىلىپ گەپ قىلماپتۇ.بۇنى ئاڭلاپ ئۆزەم يولۇققان ئىشنى ئويلاپ گاڭگىراپلا قالدىم....
      كىيىن ئاغىنىلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالساق مۇشۇ ئىشنى سۆزلەپ بىرىدىغان بولدۇم.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە،بىزدە ئاپتوبۇسقا چىقسا پۇل تاپشۇرمايدىغان،يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ سۆزلىشىدىغانلار،شوپۇر گەپ قىلسا تىللاپ سوقۇشىدىغانلار كۆپكەن.(بەك كۆپ ئەمەستۇ دەپ ئويلايمەن.)كىيىن مۇشۇنداق ئىشتىن يەنە بىرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.كۈندە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىشقا بىرىپ كىلىدىغانلار نىمە ئىشلارغا يولۇقمايدۇ دەيسىلەر.ئىشتىن قايتىپ ئاپتۇبۇسقا چىقسام ئالدى تەرەپتەرەك بىر بوش ئورۇن باركەن،بىرىپ ئولتۇرۋالدىم.ئازىراق ماڭغاندىن كىيىن،بىر چوڭ ياشلىق ئۇيغۇر ئايال چىقتى.ئۆزەمچە چوڭ بولغاندىن كىيىن دەپ ئورنۇمنى بوشىتىپ بەرسەم،رەھمەت دىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن ماڭا قاراپمۇ قويماي ئولتۇرۋاتىدۇ.(ماڭا رەھمەت دىمىدى دىگىنىم ئەمەس.بۇنداق ئىشقا تولا ئۇچىرغانمەن.بولۇپمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە رەھمەت دەيدىغانلار بەك ئاز)ھە بوپتىلا دىدىم.ئۇ ئايال ئولتۇرۇپ تۇرىشىغىلا كەينى تەرەپتىن بىر ئەر كىشى:پالانچى ئاچا ياخشى تۇردىڭىزمۇ دىۋىدى.ئۇ ئايال بىشىنى ئارقىغا بوراپلا ئۇ ئادەمنى كۆرۈپ سالىمىغا جاۋاپمۇ قايتۇرماي ئۇ ئادەمگە ھال ئىيتىپلا كەتتى.كىيىن پۈتۈن بەدىنىنى ئارقىغا بۇراپلا يۇقۇرى ئاۋازدا بىر سۆزلىگىلى تۇرۋىدى قۇلىقىمدىن كىرگەن ئاغىرىق بىشىمغىلا چىقتى.(مەن ئۇ ئايالنىڭ يىنىدىلا ئۆرە تۇرغان.بۇ چاغدا ئاپتوبۇستىكى ئادەملەرمۇ خىلىلا جىقلاپ قالغان ئىدى)ھەممە ئادەم ئۇ ئايالغا قارىغىلى تۇردى.لىكىن ئۇ ئايال خىيالىدا يوق،ئۆزىنىڭ دەردىنى شۇنداق چىڭقىپ سۆزلىگىلى تۇردىكى،گىپىنى ئاڭلاۋاتقان ھىلىقى ئادەممۇ خىجىللىقتىن قىزىرىپ بىر نىمە بولۇپ كەتتى.چۇنكى ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ ئۇ ئىككىسىگە ئاچچىق نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقىنى ئۇ ئادەم سىزىپ قالغان ئىدى.مەن ئاستىراق گەپ قىلىڭ دەي دىسەم،شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا نۇمۇس قىلماي ئۆز دەردىنى يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپ بىرىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ سىلكىۋىتىشىدىن قورقتۇم.ئۇ ئايال ئاخىرى ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ قالدى،ھەممىمىز ئۇھ دىيىشتۇق.
      ئويلاپ بىقىڭلار،بىز ئۇيغۇر مىللىتى تارىختا نامى چىققان مەدەنىيەتلىك مىللەت.جۇڭگودىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ گۈلتاجى ھىساپلىنىمىز. نۇرغۇن ياخشى ئادەتلىرىمىز بار.ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەسلىك،باشقىلارنىڭ ئالدىدامىشقىرماسلىق،تۈكۈرمەسلىك،كىرىلمەسلىك،ئەسنىمەسلىك،كىكىرمەسلىك.........قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھەردائىم تەكىتلەيدىغان ئېسىل ئادەتلىرىمىز.لىكىن ھازى بەزى ياشلىرىمىز جەمىيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇق دەپ ئۆزىدىن،مىللىتىدىن،ئۆز ئەنئەنىسىدىن ياتلاشقىلى تۇردى.مەن ئىشىنىمەنكى مۇشۇنداق ياتلاشقانلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى ئۆزىدىن ياتلاشقانلار،يۇقۇرقىدەك ئانىلار ۋە ئاتىلاردۇر.ئۆزىدە يىتەرلىك مەدەنىيەت ساپاسىنى ھازىرلىمىغان،ئىسىل ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزدىن قىلچىمۇ خەۋىرى بولمىغان شۇنداق ئاتا-ئانىلار قانداق بالا تەربىيىلەپ چىقار؟!بۇنداق دىگىنىم ھەممىمىز شۇنداق بولۇپ كەتتۇق دىگىنىم ئەمەس.بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىپتىخارلىنىشقا تىگىشلىك مىللەت.كۆپ سانلىقىمىز يەنىلا ناھايىتى ياخشى.لىكىن ھازىرقى دەۋىردە خەقنىڭ كۆزىگە ئاسان چىلىقىدىغىنى بىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىمىز بولماي قالدى.كىسىپ شۇنداق دىيەلمىسەممۇ لىكىن بۇ رىئاللىق.بەزىلەر ھەتتا قەستەن بىزنىڭ ناچار ئاتالغان ئادەتلىرىمىزنى تىپىپ چىقىپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە شۇ نامنى بىرىشكە تەييار تۇرىدۇ.ئىچكىردىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلىرىمىز باشقىلارغا بىزنى ئوغرى،لۆكچەك،بۇلاڭچى،ئاقچى دەپ تەسىر بەرگۈزگەن بولسا،چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز باشقىلارغا بىزنى ئىتتىپاقسىز،بىر-بىرىگە ئورا كولايدىغان،سوقۇشقاق دەپ تەسىر بەرگۈزگەن.مەككىدىكى ھەر قايسى يۇرىتلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان راباتلار(مىھمانخانا)،ھەم ھەرقايسى يۇرتلىقلار ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىشلەر،ئىتتىپاقسىزلىقلار توغۇرسىدىكى خەۋەرلەر بىزگىمۇ يىتىپ كەلدى.تىخى ئاڭلىسام ياۋرۇپا،ئامىرىكا قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قەشقەرلىك قەشقەرلىك بىلەن،ئاتۇشلۇق ئاتۇشلۇق بىلەن(تىخى قەشقەر بىلەن ئاتۇش بىر يۇرت)،يەنە بىر يەرلىك بىلەن يەنە بىر يەرلىكلەر پەقەت ئۆزئارا ئىزدىشىدىغان،باشقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنى كۆرسە قاراپمۇ قويمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇتكەن.مۇشۇ يەردىكى ناچار قىلىقلىرىمىزنى چەتئەللەرگىمۇ سۆرەپ چىقساق،ئۆمىرىدە شىنجاڭنى كۆرۈپ باقمىغان،ئۇيغۇرنى چۈشەنمەيدىغان باشقىلار بىزنى شۇنداقكەن دەپ قالماسمۇ؟
      ئەمدى يەنە ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى.ئۈرۈمچىدىكى نوپۇسنىڭ%80كە يىقىنى خەنزۇ،قالغانلار ئازسانلىق مىللەت.مانا بۇ يىقىندا چىققان سىتاتىسكا ئەھۋالى.ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۈچتاشتىن جەنۇبى قۇۋۇق(نەنمىن)قىچە بولغان بۆلەككە توپلاشقان.بولۇپمۇ دۆڭكۆۋرۈك بىز ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىغان جاي.مانا مۇشۇ جايلارغا نەزەر سالساق ئۆز مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ساپاسىنى ئازىراق بولسىمۇ ھىس قىلغىلى بولىدۇ.ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ھەتتا چەتئەللەردىن ساياھەتچىلەر كىلىپ زىيارەت قىلىدىغان بۇ يەرلەردە بىكار تۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرىمىز سامان-سەككىز.يىقىنقى چاغلاردا شەھەر موھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئورنىتىلغان رىشاتكىلار شۇنداقلارنىڭ بىلى يوق ئادەمدەك كۈن بۇيى شۇنىڭغا يانپىشىنى تىرەپ يۆلىنىپ تۇرىشى بىلەن ئىگىلىپ كەتتى.ئاخىرى بولماي ئۇنىڭغا تىيەكلەر قويىلىپ ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ،نۇمۇس قىلمايدىغانلار رىشاتكا ئارىسىغا تىرىلگەن چىملارنى دەسسەپ جەھەننەمگە ئۇزاتتى.ئەسلىدە شۇنداق چىرايلىق بولۇشقا تىگىشلىك جايلار بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن ۋەيران بولدى.دۆڭكۈۋرۈكتىكى سودا-سانائەت بانكىسنىڭ ئالدىدىكى نىمكەش يانفۇن بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى دىمەيلى قويايلى.بۇ يەرگە ئورنىتىلغان رىشاتكا ۋە چىملار ئەڭ ئاۋۋال زەربىگە ئۇچىردى.ھازىر بىرىپ قارىسىڭىزمۇ تىيەك تىيەلگەن بولسىمۇ،يەنىلا قىيسىيىپ قالغان رىشاتكا بىلەن ياپيىشىل چىم تىرىلگەن تاقىر يەرنى ۋە رىشاتكا ئارىسىغا چۈشىۋىلىپ سودا قىلىۋاتقان ياكى بەخۇدەك پاراڭللىشىپ تۇرىۋاتقانلارنى ئۇچىرتالايسىز . قەيەردە ئۇيغۇر بولسا شۇ يەر قالايمىقان بولامدۇ؟ نەچچە يىلنىڭ ياقى يوق قوراللىق ساقچىلار يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆڭكۆۋرۈك،بۇلاقبىشى(سەنشىخاڭزا)ئەتىراپلىرىنى كىچە-كۈندۈز چارلايدىغان بولىۋالدى.نىمە ئۈچۈن؟؟يەنىلا بىزدىن بولغان يانچۇقچى،بۇلاڭچى،جىدەلخۇرلار ئۈچۈن.نىمىشقا دىسىڭىز ئۈرۈمچىنىڭ باشقا جايلىرىدا شۇلاردەك يىنىغا قورال ئاسقان،ساقچى ئاپشاركىلىرنى يۆتلىۋالغان قوراللىق ساقچىلارنى ئۇچىرتالامسىز؟؟؟؟؟؟؟
        بۇلاقبىشىدا(سەنشىخاڭزا) تۇرۇپ كەتكەن ئىشلەمچىلەر.بىكارچىلىقتىن رىشاتكىغا قوڭىنى يۆلەپ قارتا ئوينىشۋاتقانلار،تۆت كوچا دوقمىشىدا يىشىل-قىزىل چىراقلار تۇرسىمۇ يەنە ئاتايىن يول باشقۇرغۇچى خادىملار ئورۇنلاشتۇرۇلسىمۇ ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماي ئۇلارنى قاقشىتۋاتقان،ئامالسىز يول بۆلىكىگە ئارغامچا تارتىپ تۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان،تىخى يولدىن توغۇرسىغا كىسىپ ئۆتمەڭ دىسە ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاۋاتقانلارمۇ بىز.بىز شۇنداق مەدەنىيەتسىزمۇ؟بىر خەن خىنىم ماڭا تىخى سىلەر بەك ياۋايى دىگەن.شۇ چاغدا كىمنىڭ ياۋايىلىقىنى ئۇنىڭغا تونۇتۇپ قويغان بولساممۇ ئۇنىڭ گىپى مىنى ئويغا سالغان ئىدى.نىمىشقا بىز ئۆزىمىزنى شۇنداق مەدەنىيەتلىك دەيمىز.لىكىن خەق بىزنى ئۇنداق دەپ تونىمايدۇ؟ئاغزىمىزدا بىز مەدەنىيەتلىك دىسەكلا ئىش پۇتمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلالىساق مانا ھەقىقى مەدەنىيەتلىك ھىساپلىنىمىز.خەق دىگەن كۆزى بىلەن كۆرگەنگە ئىشىنىدۇ.دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئەلشىر خەۋەرلىشىش ئەسۋابلىرى بازىرى،زەپەر يەر ئاستى خەۋەرلىشىش ئەسۋابلىرى بازىرى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار ئاچقان بازارلار.ھەممىسى يەر ئاستىدا.سىز شۇ بازارغا كىرىپ بىقىڭ.لىفىتلىك پەلەمپەيدىن شۇنداق پەسكە چۈشسىڭىز بۇرنىڭىزغا شۇنداق بىز سىسىق پۇراق ئۇرىلىدۇكى نەپەس ئالالماي قالىسىز.ئىچىگە كىرسىڭىزغۇ گۇمبا-گۇمباڭ،ۋاراڭ-چۇرۇڭ دەستىدىن قۇلىقىڭىزدىن كىرگەن ئاغىرىق ئۇدۇل مىڭىڭىزغا چىقىدۇ.كىرىپلا چىقىپ كىتىشكە ئالدىرايسىز.ئۇيغۇرلار ئاچقان سودا-سارايلارنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن بەك ياخشى.لىكىن بەزىلىرگە كىرسىڭىز شۇنداق مەينەت ھەم قالايمىقان.شۇنچە چوڭ سودا-سارايدا تۈزۈكرەك ھاجاتخانا يوق.ئويلاپ قالدىم شۇنداق كاتتا سودا-سارايلارنى سالغىدەك،بازارلارنى ئاچقىدەك پۇل باريۇ،تۈزۈكرەك ھاجەتخانا ياسىغىدەك،ھاۋا ئالماشتۇرغۇچ ئورناتقىدەك.شۇ يانفۇن بازارلىرنى تەرتىپكە سالغىدەك ئەقىل يوقمىدۇ؟پۇللا تاپساق بولامدۇ؟
      بىزدە ئەقىل يوقمىدۇ ؟ ياق . بىز ناھايتى ئەقىللىق مىللەت.ئۇنداقتا بىز مەدەنىيەتسىز مىللەتمۇ؟ياق.بىز ناھايتى مەھەنىيەتلىك مىللەت.ئۇنداق بولسا كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئىشلارنى نىمە دەپ چۈشەندۈرىمىز؟مانا مۇشۇنداق ئىشلار مىڭەمنى قۇچۇپ مىنى ھارغىزۋىتىدۇ.شۇنداق چاغلاردا بىرسىنىڭ ماڭا ئىيتقان:«ھەممە ئەسكىلىك بىزدىنلا چىقىدىغان بولۇپ كەتتىمۇ؟زامانىۋىلاشتۇق دىسە خەقنىڭ ئالدىدا ئۇچۇپ چىقىپ كىتىپ بارىمىز.دىنىمىزدىن،مىللىتىمىزدىن تىنىۋاتىمىز.بەچچىۋازلار كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ.يامان يولدىكىلەرنى ھەق يولغا قايتۇرۇپ كىلەلمەيۋاتىمىز.ئۆز ۋاقتىدا نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇۋمى شۇنداق بۇزۇلۇپ ئاخىرى پۈتۈن دۇنيا توپان سۈيىگە غەرىق بولغان.مەن ئۆز مىللىتىمگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم.مىنىڭچە ھەممە ئۇيغۇرنى بىر يەرگە يىغىپ كىلىپ،ھەممىسنى قىرىپ تاشلاپ،ئىتىقادى،ئىمانىي كۈچلۈك، ھەقىقىي ساپ ئۇيغۇردىن ئۈچ-تۆتيۈزنى ئىلىپ قىلىپ،قالغانلارنى قىرىپ تاشلىسىمۇ بولىدۇ....»سۆزلىرى ئىسىمگە كىلىپ توغۇرمىدۇ دەپ قالىمەن.ھەممىمىز مىللىتىمىزنى سۆيىمىز.ئۇيغۇر بولغىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.باشقىلارنى مەينەت،مەدەنىيەتسىز دەپ ياراتمايمىز.لىكىن باشقىلار بىزنى «سىسىق» دەيدىكەن،«لۆكچەك» دەيدىكەن،«ئوغىرى» دەيدىكەن،«ئۇرۇشقاق» دەيدىكەن.........دەيدىكەن.قىنى قىرىنداشلار سىلەر دەپ بىقىڭلارچۇ!بىز مۇشۇنداق مىللەتمۇ؟؟؟؟؟؟

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

__________ جۇدا تەستىقلىدى


Nurluk elani

ئىللەت تۈزەلمىگىچە،مىللەت تۈزەلمەس.
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 17:02 چوققىغا قايتىش
taxway

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 42
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:104(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ شۇنداق بىر ئىشقا ئۇچرىغان. تېخى مەن باسقان يول 50 كىلومىتىر. بىر   ياشقىنە ئاتا - ئانا 8-9 ئايلىق بولغان بالىسىنى   ئىلىپ ئاپتۇۋۇزغا   چىقتى. بوش ئورۇن يوق ئىدى. مەن قاراپ بولالماي ئورنۇمنى بالا كۆتىرۋالغان ئايالغا بەردىم. رەخمەت دىگەن مەنىدە جىلمايدى. ماڭدۇق 30 كىلومىتىر ماڭغاندا بىرى چۈشۈپ قىلىپ بوش ئورۇن چىققاندا بايىقى بالىلىق چوكاننىڭ يولدىشى ئولتۇرىۋالدى. بۇ ئىش ماڭا شۇنداق ھار كەلدى، چۈنكى چوكاننىڭ يولدىشى مەندىن 7-8 ياش كىچىك ئىدى.ئەتراپتىكىلەر بۇ ساپاسىزلارغا غۇدىراشقا باشلىدى. ئەمما چوكاننىڭ يولدىشى ھىچ گەپنى ئاڭلىغاندەك قىلمايتتى .شۇنداق قىلىپ مەن   مەنزىلىمگە كىلىپ ئاتۇۋۇزدىن چۈشكىچە بالىلىق چوكانغا: بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلەڭ   ئۇ ئاتىسىغا ئوخشاش ساپاسىز چوڭ بولسا بەك ئېچىنىشلىق ئىش بولىدۇ. دەپ قۇيۇپ چۈشۈپ كەتتىم. بۇ ئىش ئۇزۇنغىچە ئېسىمدىن چىقمىدى.

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 18:15 چوققىغا قايتىش
adambol

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن كاسامنى ياراتماي بىسىپ ئولتۇرسام كاسام مىنى ياراتماي ئوسورۇپ ئولتۇردۇ.

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 18:26 چوققىغا قايتىش
taxway

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 42
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:104(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


جەنوبى شىنجاڭغا تۇققان يوقلاپ باردىم، ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسى بولسىمۇ شۇ يەرنىڭ   ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئويىدا   ئاپتۇۋۇزغا   6 ياشلىق ئوغلۇمنى   ئېلىپ ئولتۇردۇم.30 كىلومىتىرلىق يول ئىدى. ئاپتۇۋۇز قوزغۇلۇپ بارغانچە تۇشۇشقا باشلىدى چۈنكى بۇ كۈن بازار كۈنى بولغاچقا ئادەم بەك كۆپ ئىدى. ئاپتۇۋۇزغا چىقىۋاتقانلاردىن چوڭ كىچىكلەر ساقاللاق مويسىپىت بۇۋايلار< دېھقان>مۇ بار ئىدى. شۇ يەردىمۇ شۇنداق بولدى مەندىن كىچىكلەر ئولتۇرىۋەردى. ئەمما مەن   قوقاقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەكتۇيۇلۇپ كەتتى. يەنە كىلىپ ئوغلۇمغا ئۈلگە   بولمىسام بولمايتتى. يەنە ئورنۇمنى   70 ياشلىق بىر بۇۋايغا   ئۈتۈندۇم .مەندىن كىچىك بەزىلەر مىنىڭ   ئەخمەقلىمنى مەسخىرە قىلىشقاندەك كۈلۈشتى.

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 18:26 چوققىغا قايتىش
planetxahzad

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 332
شۆھرەت: 333 نۇمۇر
پۇل: 3270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:173(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىزدىن ، بۇ تىمىڭىزدىن ، ھەم تىمىدائوتتۇرغا قۇيۇلغان مەسىللەردىن مەنمۇ كۈندە جاۋاپ ئىزدەيمەن . نىمىشقا ؟ نىمە ئۈچۈن ؟ ھەممىنى تارىخقا قۇيمەن. تارىختىن ئاغىرنمەن. لىكىن تارىخ ماڭا يامان قىلمىغان . يامانمۇ قىلغان لىكىن بۇ تەقدىردە. تارىخنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟ياق. ساپاسىز ، تەخسىكەش ، ھوقوقپەرەس باشلىقلارغا قۇيمەن. ئۇلارنىڭ قۇلىدىن ئىگىسنىڭ قولىدىن ئىنئام ئېلىشنى كۈتۈپ قويرۇق شىپاڭىشتدغان ئىتلاردەك بۇ مەخلۇقلاردىن بىزنىڭ تەقدىرمىزنى ئويلايدىغان ، كەلگۈسىمىزنى يارتىشقا ئىنتىلدىغان يۈرەك بارمۇ ؟بولدىلا بۇلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرسا بۇلاردىنمۇ كۆرمەي .
جەميەتتىن كۈرىمەن. چۈنكى جەميەت بىزنى باشقىلارنىڭ ئاغىزىدا شۇنداق ئاتىلىشقا ،شۇنداق ئاتىلىپ قىېلىشمىزغا سەۋەپچى . نىمە ئامال . كىم بىزنى كالىدەك بۇلۇپ قالسۇن دەپتىكەن. بولىدىلا جەميەتتىن كۆرسەممۇ جەميەتتە بىزدەكتىن يەنە 50نەچچىسى بار تۇرسا !!!
مىللەتتىن كۈرۈمەن . كىم بىزنى (ئۇرغۇي)بۇلۇپ قالسۇن دەپتىكەن . نەچچە مىليون خەلقىگە ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئادەملىرى ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ ئىسمىنىمۇ دەپ بىرەلمىسە ........ مەن يەنىلا مىللىتىمدىن پەخىرلەنسەم بولغىدەك . ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيا- ياۋۇرپانىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرغان مۇڭغۇللار ئاشۇ يايلاقلاردا كالا - پادا بېقىپ يۈرسە، پۈتۈن جوڭگونى بىرللىكە كەلتۈرۈپ 400يىل سورىغان مانجۇلارمۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ساننى مىليونغا يەتكۈزەلمىسە .... شۇنىڭغا قارىغاندا مەن يەنىلا ئاللاغا شۈكۈر قىلىپ ئۆتسەم بولغىدەك . كونىلاردا بىرگەپ بارغۇ .ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ دەپ . ھوي مەنمۇ شۇ بىزنىڭ خوشامەتچى ، ئەتىنى كۆرەلمەس باشلىقلاردەك بۇلۇپ قالىدىممۇ نىمە؟ ئۇھ مىنڭ كۈلدىنىم يەنىلا ئالپامىشنىڭ كۈلىدىنغا ، ئۇنىڭدىن چىقۋاتقان ئىس،زەمبىرەك ، پىلمۇتلارنىڭ ئىسدەك چىقمايدىكەن ئەمەسمۇ ؟


Nurluk elani

مەن دۇنياغا مەغلۇبىيەت ئۈچۈن كەلمىگەن . تۇمۇرلىرىمدا مەغلۇبىيەتنىڭ قېنى يوق !!!
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 18:52 چوققىغا قايتىش
alibaba120



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 221
شۆھرەت: 222 نۇمۇر
پۇل: 2210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:179(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەدەنىيەتلىك كىشىلىرىمىز ناھايىتى ئاز ساندا.. باشقىلارنى تىللاپ كىتىمىز مەينەت مەدەنىيەتسىز دەپ،، ئۆزىمىزنىڭ كۆرۈنمەي ..
ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى بىزمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيمىز،بولۇپمۇ قالايمىقان بەك تۈكۈرىمىزغۇ..
بۇ كىچىك ئىشلار ئەمەس ،چوقۇم باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىشىمىز كىرەك....


[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 18:53 چوققىغا قايتىش
UYUXKAK

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 13
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقى ھەممەيلەننى جىددى ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان جىددى مەسىلە . ئەقىدە-ئېتىقاتنىڭ سۇسلاپ كېتىشى،ناخشا - سازغا ھەددىدىن زىيادە ھېرىسمەن بولۇپ كېتىشىمىز، قورساق تويغۇزۇشنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇۋېلىشىمىز ،تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭمۇ مىللەتنى تۈگىمەس نەغمە-ناۋا قوينىغا يېتەكلىشى ،يەنە كىملەرنىڭدۇ بىز توغرىلىق ئاللىقانداق پىلانلارنى يۈرگۈزىشى مىللەتنى ھالاكەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەسلىدە بىر مىللەت قانچە جاپا تارتسا،قانچە خارلانسا ئەكسىچە شۇ مىللەتنىڭ روھى شۇنچە تاۋلىنىپ تېخىمۇ قەيسەر،باتۇر بولۇپ كېتىشى كېرەك ئىدى!بىزدە بۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ دوست كىم،دۈشمەن كىم ئايرىيالماي ئۆزىگىلا كۈچى يېتىدىغان،قورققانسېرى بەك توۋلايدىغان ئوغرى ،قاراقچى ،يانچۇقچى ،سېسىق -مەينەت ،ئاقچى ،نانچى .........بولۇپ قېلىۋاتىمىز. چوڭ مىللەتلەرنىڭ رادىئو-تېلېۋىزورلىرىغا قاراپ باقايلى! ئۇلار ئۆز مىللىتىنى قانداق تەربىيىلەيدىكەن،چوڭى مىللەتنىڭ تارىخىدىن كىچىكى ئاخشىمى يېتىشنىڭ ئالدىدا چىشىنى قانداق چوتكىلاشقىچە ھەممىنى ئۈگىتىدۇ.بىزدىچۇ؟ تۈگىمەس ناخشا- سازلار،خۇددى توققۇزىمىز تەلدەك!ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ جىنسىيەت توغرىسىدىكى پەسكەس ئېلانلار.مىللىتىمىزنى قانداق ئوڭشارمىز؟

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 19:07 چوققىغا قايتىش
※xamxar※
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 269
شۆھرەت: 400 نۇمۇر
پۇل: 2718 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:183(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىر دۆلەنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسىنى ھاجەتخانسىىدىن ~ ئەخلاقىنى ئاممىۋى ئاپتوۋۇزدىن بىلىڭ !!


تېنچىلىق قۇشى

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 19:36 چوققىغا قايتىش
野花001



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ نداق ئىيتىپ كەلسەك ساماندەك تو لا ،لىكىن مەن باشقامىللەتلەرنىمۇ كۈزەتتڭم ھەرھالدا بىز ئۇلارداك ئېغېر ئەمەسكەن .......
لىكىن بىز چوقۇم تىرشىمىز كىرەك !!!!مىللىتىمىىزنىڭ بۇرۇنقى ئېسېل نامىنى قايتۇرۇپكېلەيلى !!!!!!


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 20:17 چوققىغا قايتىش
dilziba24

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 274
شۆھرەت: 275 نۇمۇر
پۇل: 2740 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:105(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىىزنىڭ ياخشى تەكلىپلەرنى بەرگىنىڭىزگە رەخمەت ، بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى تىمىلارنى سۇنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

Nurluk elani

بۇ كۈنلارمۇ ئۆتۈپ كېتە ،مەن چوقۇم بەخىتكە ئېرىشىمەن !!!!!!!!!!! اللە ھەممىمىزگە بەخىت ئاتا قىلسۇن.
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 20:51 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 1/4 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-17 05:12, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije