>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> تارىخ بەتلىرى -> مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تۇرلار

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 797 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تۇرلار IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 937
شۆھرەت: 1046 نۇمۇر
پۇل: 9211 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:332(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تۇرلار

مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تۇرلار

يولۋاس مۇھەممەتئىمىن




تۇر سۆزى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولۇپ، قەدىمكى زاماندا ئوت يېقىپ بەلگە بېرىش ئۈچۈن ياسالغان ئېگىز قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ . مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى دا بۇ ئاتالغۇ قارىغۇي دەپ ئېلىنغان ھەمدە قارىغۇي   ئېگىز تاغ ئۈستىگە ياكى ئېگىزرەك ئورۇنغا مۇنار شەكلىدە ياسىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت يېقىپ دۈشمەننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىلىدۇ، كىشىلەر شۇنىڭغا قاراپ تەييارلىق قىلىدۇ   دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. دېمەك تۇر ئاتالغۇسى قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا مەۋجۇت بولۇپ تا ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
قەشقەر شىنجاڭدىكى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ جەنۇب، شىمال غول لىنىيىلىرى ئۆزئارا تۇتاشقان مۇھىم تۈگۈن بولغاچقا، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قەدىمىي كارۋان يوللىرىنىڭ بويلىرىدا ھېلىمۇ نۇرغۇن تۇر ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ تۇرلاردىن ئادەملەر بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇرت - مەھەلىلەرنىڭ ئەترپىدىكىلىرى ئاساسەن ۋەيران بولۇپ كەتكەن، چۆل - جەزىرلەردىكى قەدىمىي كارۋان يوللىرىنىڭ بويلىرىغا ياسالغانلىرى خېلى ياخشى ساقلىنىپ قالغان، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات، كەلپىن ناھىيىلىرى تۇتىشىدىغان جايلاردىكى چۆللۈك، قۇملۇق ۋە تاغلىقلاردىكى قەدىمىي كارۋان يوللىرىنىڭ بويلىرىدا ھېلىمۇ نۇرغۇن تۇر ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمراقلىرى تۆۋەندىكىچە:

. چوڭ تىم تۇرى
بۇ تۇر بىڭتۇەننىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىكى51- تۇەن - مەيدانى بەشئاچال كەنتىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. تۇرنىڭ ئەتراپىدا مېتال تاۋلاش ۋە ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن خۇمدانلار بار، ئۇ يەر - بۇ يەرلەرگە شاخارلار ۋە ساپال بۇيۇملارنىڭ قالدۇقلىرى تاشلىنىپ قالغان. تۇرنىڭ ئاستىنقى ئايلانمىسى8.86 مېتىر، ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدۇ. ئاستىنقى قىسمى سېرىق توپىنى چىڭداش ئارقىلىق، ئاستى قىسمى چوڭ، ئۈستى قىسمى كىچىك قىلىپ ياسالغان، ئۈستىنىڭ كېسەك بىلەن ياسالغان قىسمى بوران ۋە يامغۇرلارنىڭ تەسىرىدە
ئۇپراپ، 2 مېتىر ئەتراپىدا ساقلىنىپ قالغان.
1983 - يىلى شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ ئارخىئولوگلىرى بۇ تۇرنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئارخىئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ، يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان بىر قىسىم ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئىزىنى بايقىدى ھەمدە ئۇ يەردىن نەپىس ئىشلەنگەن ساپال بۇيۇملارنى يىغىۋالدى. 1991 - يىلى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بۇ تۇرنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيە 618   1279 - يىللارغا توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتىلدى. بۇ تۇر 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى دەپ بېكىتىلدى .

ئاتەش تۇرى
بۇ تۇر مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چارىباغ يېىسى چېدىرتاغ كەنتىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىگە 8 كىلومېتىر كېلىدىغان لەيلىتاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كىچىكرەك تاغ ئۈستىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىدە كونا خۇمدان ئىزى ۋە قەبرىستانلىق بار، جەنۇبىغا 2 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا سېپىل ئىزى ۋە قاتار كەتكەن 6 دانەكىچىك تۇر ئىزى بار. بۇ تۇر كېسەكتىن چاسا شەكىلدە ياسالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 مېتىر كېلىدۇ. تۇر ئەتراپىدا تاشلىنىپ قالغان ھەر خىل ساپال پارچىلىرى ئۇچرايدۇ.
1991 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بۇ تۇرنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيە 8 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتىلدى.. تەنھاتاغ تۇرى بۇ تۇرنىڭ ئەھۋالى نىسبەتەن ئالاھىدىرەك بولۇپ، تاغنىڭ ئۈستىگە 100 مېتىردىن150 مېتىرغىچە ئارىلىق تاشلاپ ياسالغان 5 تۇردىن تەركىب تاپقان. بۇ تۇرلار مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان چارىباغ يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى چېدىرتاغ كەنتىگە جايلاشقان. تۇرلارنىڭ ھەممىسى چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان كېسەك ئارىسىغا يۇلغۇن ئېلىپ ياسالغان. بۇ تۇرلار ياسالغان ئورۇن نىسبەتەن ئېگىز بولغانلىقتىن بوران ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچراپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.
1991 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بۇ تۇرلارنىڭ يىل دەۋرى تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتىلدى.

توكۇتىم تۇرى
بۇ تۇر تۇمشۇق شەھىرىدىكى بىڭتۇەن 51- تۇەن – مەيدانى15 - ليەنى تەۋەسىگە جايلاشقان. بۇ تۇر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بوران ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ خۇددى بىر توپا دۆۋۋىسىگىلا ئوخشاپ قالغان. بۇ تۇر خارابسىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 5 مېتىر، ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلىدۇ، تۇر خارابىسىنىڭ ئەتراپىدا سېپىل ئىزى ۋە ساپال پارچىلىرى بار. 1991 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بۇ تۇرنىڭ يىل دەۋرى تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتىلدى.

ئاراتىم تۇرى
بۇ تۇر بىڭتۇەن 51 - تۇەن - مەيدانى 15- ليەنىنىڭ شىمالىغا 11 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان، بوران ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىدە بۇزۇلۇش ئېغىر بولغانلىقتىن، پەقەت 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تۇر خارابىسىلا ساقلىنىپ قالغان. بۇ تۇر خارابىسىنىڭ كۆلىمى جەنۇبتىن شىمالغا 31 مېتىر، شەرقتىن غەربكە 33 مېتىر كېلىدۇ. ئەتراپىدا ئاندا - ساندا ساپال بۇيۇملارنىڭ قالدۇقلىرى ئۇچرايدۇ.
1991 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بۇ تۇرنىڭ يىل دەۋرى دەسلەپكى قەدەمدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتىلدى.
زەيتىم تۇرى بۇ تۇر بىڭتۇەن 51 - تۇەن - مەيدانى تەۋەسىدىكى بەشئاچال كەنتىنىڭ شىمالىغا 5.11 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. زەيتىم تۇرى بوران ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىدە بۇزۇلۇپ غايەت زور توپا
دۆۋۋىسىگە ئايلىنىپ قالاي دېگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەسلى ھالىتىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تۇر ئاستى تەرىپى چوڭ، ئۈستى تەرىپى كىچىك قىلىپ ياسالغان، ئاستى قىسمى توپىنى چىڭداش، ئۈستى قىسمى كېسەك ۋە لايدىن قوپۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان. تۇر خارابىسىنىڭ ھازىرقى ئايلانمىسى97 مېتىر كېلىدۇ. تۇر خارابىسى دائىرىسىگە ساپال بۇيۇملارنىڭ پارچىلىرى كەڭ تارقالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گۈل - گىياھ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىرى بىر قەدەر كۆپ. زەيتىم تۇرىنىڭ شەرقىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا قوشتىم تۇرى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تۇر بار. 1991 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى بۇ تۇرنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ يىل دەۋرىنى تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتتى.

يۇمىلاقتىم تۇرى
بۇ تۇر خارابىسى بىڭتۇەن 51 – تۇەن15 - مەيدانى تەۋەسىدىكى بەشئاچال كەنتىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 16 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. بوران ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىدە بۇ تۇرنىڭ بۇرجەك، قىرلىرى قالمىغان بولۇپ، بەئەينى يۇمىلاق تۈۋرۈككىلا ئوخشاپ قالغان، شۇڭا بۇ تىم يۇمىلاق تىم تۇرى دەپ ئاتالغان. بۇ تۇرمۇ باشقا تۇرلارغا ئوخشاشلا ئاستى قىسمى توپىنى چىڭداش ئارقىلىق چوڭ، ئۈستى قىسمى كېسەك ۋە لايدىن قوپۇرۇش ئارقىلىق كىچىك قىلىپ ياسالغان. تۇرنىڭ ھازىر ساقلىنىپ قالغان قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى 7.4 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تۇرنىڭ ئەتراپىدا ساپال بۇيۇملارنىڭ قالدۇقلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە نەپىس نەقىشلەر ئويۇلغان. 1991 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بۇ تۇرنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيە618 - يىلدىن 1290 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتىلدى.

. قوشتىم تۇرى
بۇ تۇر بىڭتۇەن51 - تۇەن - مەيدانى تەۋەسىدىكى بەشئاچال كەنتىنىڭ شەرقىي - شىمالىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. قوشتىم دېگەن بۇ نام بۇ يەردىكى سېرىق توپىلىق ئىككى دۆۋىگە قاراپ قويۇلغان. بۇ يەردە ئەسلىدە پەقەت بىرلا تۇر بار بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن توپا دۆۋىسىگە ئايلانغان، ئاخىرىدا ئۇزۇن يىللىق قۇم - بوراننىڭ تەسىرىدە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. قوشتىم خارابىسىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى54.5 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى5.23 مېتىر، ئېگىزلىكى4.8 مېتىر كېلىدۇ.
1991 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە مۇتەخەسسىسلەر قوشتىم تۇرىنىڭ يىل دەۋرىنى تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتتى.

ئىزاھات؛

  تۇر - ئەتراپنى كۆزىتىش، خەۋەر (بەلگە) بېرىش ئۈچۈن توپا ۋە تاشلاردىن ياسالغان بىر خىل ئېگىز قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە <تىم>، <تۇرا>، <قارغۇي> (قاراخانىلار دەۋرىدە)، <پوتەي> (يېقىنقى زاماندا) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تارىختا فېئودال ھاكىمىيەتلەر ھەربىي ئېھتىياج، سودا، دېپلوماتىيە ۋە پوچتا ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق خەۋەرلىشىش ۋاستىرىلىرىدىن پايدىلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەينى دەۋرلەردە مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مۇساپە ھېسابلانغان.
خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە <تۇر (تىم) لارنىڭ ئارىلىقى ئادەتتە 30 يول بولسا بولىدۇ، لېكىن 30 يول بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئارا كۆرۈنۈپ تورىدىغان بولۇشى لازىم> دەپ بەلگىلەنگە. موڭغۇللار دەۋرىدە تۇرلاردا مەخسۇس <ئۆتەڭ بېگى>، <باشقۇرغۇچى> دېگەن ئەمەلدارلار تەيىنلەنگەن. ھەر بىر تۇرنىڭ ئارىلىقى 10 چاقىرىمدىن 25 چاقىرىمغىچە بولۇش بەلگىلەنگەن (<جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى>). چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە شىنجاڭ رايونىدا يەر شەكلىگە قاراپ تەخمىنەن بىر چاقىرىمدىن تۆت چاقىرىمغىچە بولغان ئارىلىقتا بىردىن تۇر ياسالغان. قەشقەردىن ئاقسۇغىچە بولغان 453 چاقىرىم يولغا 166 تۇر ياسالغان.
قەدىمكى دەۋرلەردە تۇرلاردا ئوت يېقىش ياكى ئىس قويۇش ئارقىلىق خەۋەر بېرىلگەن بولسا، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە زەمبىرەك ئېتىش ئارقىلىق خەۋەر بېرىلىدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن <پوتەي> (زەمبىرەك سۇپىسى) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ئەينى چاغدىكى بەلگىلىمە بويىچە زەمبىرەكتىن بىر پاي ئوق ئېتىلسا 100 دۈشمەن، ئىككى پاي ئوق ئېتىلسا 500 دۈشمەن، ئۈچ پاي ئوق ئېتىلسا 1000 دۈشمەن، تۆت پاي ئوق ئېتىلسا 5000 دۈشمەن، بەش پاي ئوق ئېتىلسا 1000 دۈشمەن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.



_______ جۇدا تەستىقلىدى


Nurluk elani

زورىگۈل قۇتئال

[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:06 چوققىغا قايتىش
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 3829
شۆھرەت: 4046 نۇمۇر
پۇل: 21670 سوم
تۆھپە: 286 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:409(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسئەت سۇلايماننىڭ«ئىران بىلەن تۇراننىڭ دىئالوگى»ناملىق ماقالىسىنى ئوقىسا كىشى ھەقىقەتەن سۆيىنىدۇ.بۇ تېمىنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز.
تۇرالار دەل ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئەجداتلىرىدۇر.ياق دەيدىغانلار بارمۇ؟بولسا يەنە تۇتىشايلى بىر قەپەس،ھا...ھا...ھا...


Nurluk elani

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:35 چوققىغا قايتىش
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 937
شۆھرەت: 1046 نۇمۇر
پۇل: 9211 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:332(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى Ark-zat نىڭ 2007-11-15 13:35 دە يوللىغان يازمىسى“”:
تۇرالار دەل ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئەجداتلىرىدۇر.ياق دەيدىغانلار بارمۇ؟بولسا يەنە تۇتىشايلى بىر قەپەس،ھا...ھا...ھا...

ئەركزات ئەپەندىم:
خاتالىشىۋاتىسىز جۇمۇ. بۇ تۇرالار توغرىسىدكى مەزمۇن ئەمەس، بەلكى تۇر ( 烽火台 ) دىگەن ئاشۇ رەسىم توغرىسىدكى مەزمۇن.
تۇران، تۇرا دىگەنلەر بولسا مىللەت ، قەۋىم نامى


Nurluk elani

زورىگۈل قۇتئال

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:43 چوققىغا قايتىش
nokian70



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 41
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 410 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قۇمۇل رايونىدىمۇ بۇخىلدىكى تۇرلار ناھايىتى جىق،مەسىلەن: پالۋانتۇر، ئاپپاقتۇر،ئويمانتۇر، ئىشقىلىپ 70نەچچە تۇر بار ئىكەن

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:48 چوققىغا قايتىش
helloworld



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


دىككى دىككاڭ خېنىم ، سز بىلەن توردا قانداق ئالاقىلشىمىز ؟

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 16:28 چوققىغا قايتىش
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1993
شۆھرەت: 2037 نۇمۇر
پۇل: 11367 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:287(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش




ئاۋۇ بىرىجى رەسىم مارالبېشى ناھىيسىدىكى تۇر ئەمەس   كۈچا   قىزل قاغا تۇرىمۇ قانداق .........

ياكى   سىز تۇرنىڭ قانداقلىقنى كۈرسىتىش مەقسىتىدە يوللدىڭىزمۇ   ؟؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ ........    



مىنىڭ يازمىلىرىم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلىسە خالىغانچە ئىشلەت ....مەن روخسەت قىلدىم ....
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 18:26 چوققىغا قايتىش
lop-nur

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 26
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 264 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:64(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تۇرلار ھازىر سەددىچىن سىپىلىنىڭ رايونىمىزدىكى بۆلىگى دەپ قارالماقتا.دىمەك سەددىچىن سىپىلى بوخەي دىڭىزىدىن باشلىنىپ،
تاشقۇرغاندا ئاخىرلىشىدۇ.....


[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 21:38 چوققىغا قايتىش
uykujan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 284
شۆھرەت: 285 نۇمۇر
پۇل: 2730 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:214(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ساراڭنىڭ تېمىسىنى ئوقۇغۇم كەلمىدى. پىتنىخور!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!1

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 23:51 چوققىغا قايتىش
Uyhur~nisa
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 425
شۆھرەت: 436 نۇمۇر
پۇل: 4250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:110(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مارالۋېشىدىمۇ مۇشۇنداق ئېسىل يەرلەر بار ئىكەن ھە ؟~~~~~~~~~~` ئەجەپ بىلمەي يۇرۇپتىمەنغۇ ~~~~~~~~~ توۋا ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ .بۇ يوللانمىڭىزنى كۆرۈپ بەك تەسىزرلەندىم . رەخمەت يەنە يوللاپ تۇرسىز .

Nurluk elani
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 10:58 چوققىغا قايتىش
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 937
شۆھرەت: 1046 نۇمۇر
پۇل: 9211 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:332(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى gitarqi نىڭ 2007-11-15 18:26 دە يوللىغان يازمىسى“”:


ئاۋۇ بىرىجى رەسىم مارالبېشى ناھىيسىدىكى تۇر ئەمەس   كۈچا   قىزل قاغا تۇرىمۇ قانداق .........

ياكى   سىز تۇرنىڭ قانداقلىقنى كۈرسىتىش مەقسىتىدە يوللدىڭىزمۇ   ؟؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ ........    

توغرا بۇ مارالبېشىدىكى تۇر ئەمەس، مەن پەقەت تۇرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۇچادىكى مۇنۇ تۇرنى قىستۇرما قىلدىم


Nurluk elani

زورىگۈل قۇتئال

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 11:20 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-17 06:19, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije