>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> بەس-بەس مۇنازىرە -> ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى نىمشقا بىرلىككە كەلمەيدۇ؟!.....

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 2401 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى نىمشقا بىرلىككە كەلمەيدۇ؟!..... IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
153

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 607
شۆھرەت: 602 نۇمۇر
پۇل: 5003 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى نىمشقا بىرلىككە كەلمەيدۇ؟!.....



ھەممىمىزگە مەلۇمكى تور دۇنياسى ، يانفۇن ئۇچۇرچىلىقى، تىل ئۈگۈنۈش ، توۋارلارنىڭ ماركىسى، مىللەتلەر ئارا تىل ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ... قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەر لاتىن يېزىغىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ يېزىق تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ يېزىغى بولغانلىغى ئۈچۈنلا ئەمەس ھازىرقى دەۋىردە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت بايلىقى سۈپىتىدە ئورتاق ئىتىراپ قلىنىپ ئورتاق ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى ھىچقايسى مىللەت باشقا مىللەتنىڭ لاتىنچىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسە ئۆزىدىن ، ئۆز مەدىنىيىتىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئۇلارنى تۆۋەن كۈرۈش ئەمەس بەلكى ئۇلاردىن خۇشال بولىدۇ. مانا بۇ تەربىيە كۆرگەنلىك ۋە مەدەنىيەتتۇر.

مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئەرەپ يېزىغىغا چىڭ ئىسىلىپ لاتىن يېزىغىنى ئۆزى بىلگەنچە يېزىپ يۈرىشى كىشىنى ھەر خىل ئويلارغا سالىدۇ. شۇڭا مەن تۆۋەندە بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. كۆپچىلىكنىڭ ئىلمى ئاساستا مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى خاتا كەتكەن تەرەپلىرىم بولسا تۈزۈتۈپ قۇيۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مىنىڭچە بۇ يېڭى شەيئىنىڭ بىرلىككە كەلمەسلىكىنىڭ تۈپ سەۋەپلىرى مۇنداق.

1. ئەمەلى ئىھتىياج

چۈنكى ، مىللىتىمىز تېخى قۇرساق ۋە ئاندىن قالسا كىيىم مىللىتىگە كىرسە كىرىدۇكى تېخى مەدەنىيەت مىللىتى بۇلۇشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تېخى تۇرمۇش ھەلەكچىلكىدە، شۇڭا بۇنداق ئاتالمىش ئۇششاق ئىشلارغا كۈڭۈل بۈلۈشكە چولىسى تەگمەيۋاتىدۇ. بۇنداق بولىشىنى نۇقۇل ئىقتىزادى ئەھۋالغا تاقىۋىلىشمۇ توغرا ئەمەس، چۈنكى ھەرھالدا بىزنىڭ ئىقتىزادى ئەھۋالىمىز ئەتراپىمىزدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يەتمىسىمۇ لىكىن ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەردىن تۆۋەن ئەمەس. ھەتتا بەزى كۈنىنى ئاران ئالىدىغان كىشىلەر قىلغان تەپەككۈرنى خېلى ھاللىق كىشىلىرىمىز، ھەتتا زىيالىلىرىمز قىلمايدۇ ھەم قىلالمىسا كىرەك. شۇڭا ئىھتىياج بولمايدىكەن بازار بولمايدۇ. شۇڭا بۇ يېزىقنىڭ ئەھۋالى شۇنداق .

2. تار دىنى قاراش

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە بەزى بىر مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي ئەسلىدىكى تىل ، يېزىق ، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنى قارىغۇلارچە يوققا چىقاردى ھەتتا ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىغى دەل شۇ چاغدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يېزىقنى دىنغا باغلاپ بۇ يېزىق يوقالسا دىنمۇ يوقىلىپ كىتىدىغاندەك قورقۇنۇچقا چۈشىدۇ.


داۋامى بار.


مەنبەسى: http://www.termiler.com/munber/


ماتېماتىكا تەستىقلىدى


[ بۇ يازما 153 تەرپىدىن 2007-11-16 16:34 دە قايتا تە ]


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 12:25 چوققىغا قايتىش
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 937
شۆھرەت: 1046 نۇمۇر
پۇل: 9211 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:332(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىرلىككە كەلمەسلىتكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇيغۇرلاردا تېخى ھەقىقى قۇل مىجەزلىكتىن قۇتۇلغىدەك شارائىت يىتىشىپ چىقمىدى.
مەينەت ئىنقىلاۋىدىكى ( مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى) مەجبۇرى تېڭىلغان ئاتالمىش «يېڭى يېزىق» نى ئىشلىتىپ تىلىىمىزنى پۇچۇق ، كەمتۇۈك ئىپادىلەپ ئانا تىلنى دەپسەندە قىلىشقا رازىكى، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى »ئىشلەتمەيدۇ .
بىرلا ئېغىز گەپ: قۇل مىجەزلىك.


Nurluk elani

زورىگۈل قۇتئال

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:25 چوققىغا قايتىش
153

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 607
شۆھرەت: 602 نۇمۇر
پۇل: 5003 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ سىزنى قوللايمەن ، ئاپتۇرنىڭ بۇ تىمىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشى مىنى بەك سۈيۈندۈرگەنلىكتىن بۇ يەرگە كۈچۈرۈپ قويدۇۇم. داۋامىنى يوللىسا بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويىمەن.
دىمىسىمۇ بىز ئەرەپلەرگە كۆڭۈل بۆلگەندەك ئۆز ئىشىمىزغا كۆڭۈل بۆلسەك ئىدى، بۇ ئىش ئاللا بۇرۇن ھەل بۇلۇپ كىتەتتى. يەھۇدىلارغا ئۆچ بولغاندەك ئىللەتلىرىمىزگە ئۆچ بولساق ئىدى، ئىللەتلەر تۈزۈلەتتى............
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ئەقىدەمگە يىغلايمەن دەپ بۇ مىللەت ئەقىل ۋە ۋىجدان ئىگىلىرىنى زامان ئاخىرغىچە يىغلىتىدىغان ئوخشايدۇ. يىغلىساق مەيلى بەلكىم قۇرسىقىمىز بوشاپ قالار..........چۈنكى كىمدۇر بىرى پات پات يىغلاپ تۇرۇڭ دەپ تىما يوللاپتىكەن.


Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:33 چوققىغا قايتىش
nur65

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 199
شۆھرەت: 220 نۇمۇر
پۇل: 1990 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:273(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يەنە شۇ گەپ. بۇ ئىش ھەرگىزمۇ بىر ئىككى ئادەمنىڭ مۇنبەردىكى شوئارىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇيغۇرلارمۇ ھەرگىز قۇل مىجەز ئەمەس.
]چۈنكى ، مىللىتىمىز تېخى قۇرساق ۋە ئاندىن قالسا كىيىم مىللىتىگە كىرسە كىرىدۇكى تېخى مەدەنىيەت مىللىتى بۇلۇشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. BBS.xabnam.com din kochuruldi
بۇ گەپ پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئادەم ئەلۋەتتە قوساق كىيىم ئۈچۈن كۆپرەك ئىشلەيدۇ. مەنىۋىي مەدەنييەت بولسا بۇ پەقەت مەنىۋىي ئۇزۇق ئېھتىياجى. تەرەققىيات ھەرگىزمۇ يېزىق ئۆزگەرتىش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ياپۇنلار ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىپمۇ دۇنيادا تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولدىغۇ. چۇنكى ئۇلار ئۆزىنى قەدرىلەشنى ئۆز ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋاقىتتا ياپونىيە قەرزدار دۆلەتكە ئايلانغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆز ئاجداتلىرى قالدۇرغان مەدەنىيەت پەن تېخنىكىنى چەتئەللەرنىڭ ئىلغار مەدنىيەت تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۇردى. ئاشۇ كىچىك دۆلەت ھازىر دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولالىدى. ئەجىبا ئۇلار لاتىن يېزىقى قوللىنىپ تەرەققىي قىلغانمۇ؟ لېكىن ئۇلار يېلى ۇنى يېلى بۇنى تاللاپ بىر قەدەم ئالدىغا ماڭسا 2 قەدەم ئارقىغا يانمىدى،،،،،...
بۇ يېزىقنى ئىشلەتمەيمۇ ھازىر يانفوندا ساپ ئۇيغۇر يېزىقى قوللايدىغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سېستىمىسى بارلىققا كەلدى.
قىسقىسى بۇ ULY نى قوللىنىش ياكى قوللانماسلىق مەسىلىسى خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلسە مىللەتلەر تىل يېزىق كومىتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ باھالىشىدىن ئۆتسە ئاندىن بىر گەپ بولىدۇ.
يېزىق ئۆزگەرتىش بىلەنلا باشقا مىللەت (تەرەققىي قىلغان مىللەت) لەر بىمالال ئۇچۇر ئالماشتۇرخىلى بولارمۇ؟ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ULY بىلەن لاتىن تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ سۆز ئىبارىلەرنى ئىپادىلەش جەھەتتە ئورتاقلىق بارمۇ؟
يېزق ئۆزگەرتىش بىلەن مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مېنىڭچە ئانچە مۇناسىۋەتسىز.
باشقىلار بىرنىمە دەپ باقسۇن. مەن پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ كېتەلمەيمەن.


[ بۇ يازما nur65 تەرپىدىن 2007-11-15 13:47 دە قايتا ]

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
شۆھرەت:10(saadat)

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:38 چوققىغا قايتىش
153

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 607
شۆھرەت: 602 نۇمۇر
پۇل: 5003 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىسمىڭىزدەك قەلبىڭىزمۇ نۇر بولسۇن.
سىزنىڭچە ئۇيغۇرچە يانفۇن مىڭدە نەچچە پىرسەنت كىشىدە بار، ياكى سىز ھەممىڭلار يانفۇننى سېتىڭلار دىمەكچىمۇ ؟........
يېزىق ئالماشتۇرۇشنىڭ گىپىغۇ بولمىدى، بولسىمۇ بۇ يېزىق پەقەت مىللەتنىڭ تىلى ، مەدەنىيىتىنى قوغداش راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىقكى زىيانلىق ئەمەس. چۈنكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا نۇرغۇن مىللەتلەر لاتىن يېزىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى ئاسانلا ئۈگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن تىلىمىز ھازىرقىدەك پەگاغا چۈشۈپ قالمىغان ئىدى.


Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:47 چوققىغا قايتىش
xirinqux1220

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 305
شۆھرەت: 306 نۇمۇر
پۇل: 3050 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:389(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


nur65 BBS.xabnam.com din kochuruldi                   پىكىرىنى قوللايمەن.

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:48 چوققىغا قايتىش
AQTASH199



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 120
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
پۇل: 1080 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:256(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قان بىلەن كىرگەن خۇي ، جان بىلەن چىقار ، دىگەن ماقال تەمسىلدىكىدەك ، بىزنىڭ بۇ ناچار ئىللەتلىرمىز بەلكىم   ئۆلگەندە تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ ،
                          دۇنيادا بىزدەك نەس باسقان باشقا مىللەت بولمىسا كىرەك .



http://www.aqqush.com/index.php
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:51 چوققىغا قايتىش
EnjoyMe

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 114
شۆھرەت: 130 نۇمۇر
پۇل: 994 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:27(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-04-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يەنە شۇ گەپما؟؟؟ ئىككىڭلار ھارمايدىكەنسىلەر جۇمۇ!


http://www.zeper.cn
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 13:57 چوققىغا قايتىش
nur65

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 199
شۆھرەت: 220 نۇمۇر
پۇل: 1990 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:273(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن مۇشۇ مۇنبەردە 5-ئايدا ULY نى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بولدى دېگەن بىر تېمىنى كۆرۈپ باكمۇ كۈلگۈم كەلگنىدى. قېنى ھازىر 11-ئاي بولدى.
بىر قىسىم تورداشلار يەنە تىل يېزىق كومىتېتىدىكى ياسىن ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغانلارمۇ بولدى. ياسىن ئىمىننى قېنى قايسىڭلار بەكرەك تونۇيسىلەر؟ مەن ياسىن ئىمىننى مۇشۇ مۇنبەردىكى باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ ياخشى تونۇيمەن. مەن ياسىن ئىمىن بىلەن 1992-يىلى تونۇشقان. ئۇ مېنىڭ ئۇستازىم. ئاپتونۇم رايۇنلۇق تېل يىزىق كومىتېتى خىزمەت قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا «بوغدا» ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسىنى تۈزۈشكە قاتناشقان....... ULY نىڭ گېپى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىلا مەيدانغا كەلگەنىكەن. شۇ ۋاقىتتا ياسىن ئىمىن ئەپەندى ماڭا شۇنداق دېگەن. مۇشۇ ئاساستا شىنجاڭ ئونۋېرىستېتىدىكى مىرشات لېتىپ ئەپەندىمۇ ئۆزىگە خاس ML يېزىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
مېنىڭ قارىشىمدا ULY نى قوللىنىش ياكى قوللانماسلىق مەسىلىسىدە يەنىلا دۆلەت مىللەت دىن تىل يېزىق باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەستىقلىسا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش. بىز بۇ مۇنبەرگە كىرىۋېلىپ «بىز ئارقىدا قالغان مىللەت، يەنە ئۇنداق مۇنداق مىللەت» دەپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چۈشۈرمەيلى. ئەگەردە سىز «مەن ئۇيغۇر مىللىتى شۇڭا مەن ئارقىدا قالدىم. مىللىتىم ULY نى قوبۇل قىلمىدى» دېگەن بولسىڭىز. سىزنىڭ قانداق تىلدا سۆزلىشىڭىزگە ھىچكىم چەك قويمايدۇ. بولسا ياپۇن تىلى ۋە ياكى باشقا تىلدا سۆزلەڭ. ئەمما سىز شۇ تىلدا شۇ يېزىقتا سۆزلەپلا ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرالامسىز؟ سىز ULY نى قوللانسىڭىزمۇ يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيسىز. سىز ULY بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادىلىسىڭىز تەرەققىي قىلدى دەپ سىز چوقۇنغان مىللەت سىز ئىپادىلىگەن مەزمۇننى چۈشۈنەلەرمۇ؟

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
ياخشى باھا:10(qimbulak)

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 14:11 چوققىغا قايتىش
0997007



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 21
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يەنە شۇ گەپما؟؟؟ .مەن مىللىتىمدىن پەخىرلىنىمەن..........................................................

Nurluk elani
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-15 14:18 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3   4   5  >>  Pages: ( 1/8 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-17 05:32, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije