>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> خەۋەر-ئۇچۇرلار -> 11-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﻧﻰ؟

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1777 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : 11-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﻧﻰ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
jagqi0998

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 42
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:9(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
11-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﻧﻰ؟

ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ،،،،،11-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﻧﻰ؟

تۆت يىلدىن جىق ۋاقىت ئۆتتى ۋە 11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ زادى كىمنىڭ نىمە مەخسەت بىلەن قىلغانلىقى ئاستا - ئاستا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ دىيىشىچە پۇتۇن جاۋاپكارلىق ئەل-قائىدە ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان بېن لادىندا. ۋە بۇنىڭ ئۇچۇن ئىككى ئۇرۇشنى قوزغىدى. كىشىلىك ھوقوقلار دەپسەندە قىلىندى، تىرلىيونلىغان دوللارلار خەجلەندى. ئەمدى ئىران تەھدىت قىلىنىۋاتىدۇ، ئارقىسىدىن سۇرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ............. باھانە نىمە زادى؟

ھىچقانداق بىر دۆلەت ياكى تەشكىلات بۇ ۋەقەنى يېقىندىن تەكشۇرەلمىدى. سەۋەبى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پۇتۇن يىپ ئۇچى ۋە دەلىللەر قولىدا بولغان ئامېرىكا ئامىيەسى ۋە CIA, FBI بۇ دەلىللەرنى << مۇتلەق مەخپى >> دىگەن تامغا بىلەن پىچەتلەپ ئامبارغا تىقىۋەتتى ۋە بۇلارنى تەكشۇرۇش قەتئى مەنئى قىلىندى. مەسىلەن بۇ دەلىللەرنىڭ بەزىلىرى بۇلار: بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلغان Boing AA77 ئايرۇپىلانى، سوقۇلغان 4 ئايرۇپىلاننىڭ ھەربى رادار ئىچىدىكى ئۇچۇش لىنىيەسى ۋە ئايرۇپىلاننى قاچۇرغان 19 ئەرەپنىڭ سالاھىيەتلىرىنىڭ قانداق تېپىلغانلىقى........................
( CIA - Central Intelligence Agency - مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى. )
( FBI - Federal Bureau Investigation - قوشما شىتات تەكشۇرۇش ئىدارىسى )

نۇرغۇنلىغان تەكشۇرگۇچىلەر بۇ ۋەقەنىڭ << رەسمى دوكلادى >> غا قارشى چىقتى. يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر ئويۇن بارلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ۋەقە يۇز بەرگەن بىرىنجى كۇنى قولىغا چۇشكەن، ئامېرىكا ھۆكۇمىتى تېخى يىغىۋېلىشقا ئۇلگۇرەلمىگەن دەلىللەر بىلەن، بۇ ئىشنىڭ ئارقىدا ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ياكى MOSSAD نىڭ بارلىقنى ئىسپاتلاشقا تىرىشتى. ۋە بىز بۇگۇن بۇلارنىڭ بەزىسىگە قاراپ باقايلى.
( MOSSAD - ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋە ئالاھىدە ھەرىكەتلەر تەشكىلاتى نىڭ قىسقارتىلىشى. بۇ تەشكىلات دۇنيانىڭ ئەڭ يامان 5 جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىرى. بۇ 5 تەشكىلات بولسا CIA - ئامېرىكا ، MI6 - ئەنگىلىيە ، KGB - رۇسىيە ، MIT - تۇركىيە ، MOSSAD - ئىسرائىلىيە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە MOSSAD ئەڭ مەخپى، ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارغا ئىگە. دۇنيادىكى چوڭ سۇيقەست ۋەقەلىرىدىن تارتىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېننىدى نىڭ ئۆلتۇرۇلۇشىگىچە بولغان ۋەقەلەر MOSSAD بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. )

ھەربىر ئايرۇپىلان بىناغا سوقۇلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئاۋىئاتسىيە شېركەتلىرى يۇلۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىكتە ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ئېلان قىلغان تېرورچىلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ ئىسىمى يوق. بىر نەچچە كىشى بەلكى يالغان ئىسىم ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن، مەسىلەن مۇھەممەت ئاتتا باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئايرۇپىلانغا چىققان بولىشى مۇمكىن. ئەمما 19 ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يالغان ئىسىم بىلەن ئايرۇپىلانغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىرسىگە ئۆلۇمگە ماڭغان ئادەم ئىسىمىنى ئۆزگەرتمەيمۇ ئايرۇپىلانغا چىقالايتتى. تېخىمۇ مۇھىمى چىرايىغا قارىسا ئەرەپ چىرايى، ئىسىمى بولسا ئامېرىكا ئىسىمى بولغان بىرسىدىن باشقىلار تېخىمۇ ئاسان گۇمانلىناتتى. بۇ دەلىللەرگە ئاساسەن بۇ << تېرورچىلارنىڭ >> جىقىنىڭ بۇ ئايرۇپىلانلاردا يوق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز.

2 بىناغا ئايرۇپىلان سوقۇلۇپ 3 مىنۇتتىن كېيىن CNN خەۋەر قانىلى دەرھال نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. ئەمما قانداق بولۇپ زۇڭتۇڭ بۇش بۇ ۋەقەدىن 15 مىنۇت كېيىن خەۋەردار بولدى؟؟؟
بۇ ھەقتە پروفېسسورGriffin مۇنداق دەيدۇ:
ئۇ كۇنى بۇش فلورىدا شىتاتىنىڭ ساراسوتا شەھرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى مىللى مائارىپ پىلانىنى سۆزلەۋاتاتتى. پۇتۇن گېزىت ژورنال قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە ئىدى. مۇخبىرلار بالىلار بىلەن چاقچاق قىلىشىۋاتقان بۇشنى كامېرالارغا ئېلىۋاتقان ئىدى. سائەت 8:45 مىنۇت ئۆتكەندە تۇنجى ئايرۇپىلان دۇنيا تىجارەت مەركىزىگە سوقۇلدى. CNN بولسا 8:48 مىنۇت ئۆتكەندە بۇنى پۇتۇن دۇنياغا خەۋەر قىلدى. بۇش 9:30 دا مۇخبىرلارنىڭ يېنىغا كېلىپ << بىر تېرورىسىت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى >> دۇنياغا ئېلان قىلدى. زۇڭتۇڭ بۇش نىمىشقا 45 مىنۇت ساقلىدى؟؟؟ بۇش بۇ سۇئالغا كېيىن مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى : << CIA بۇنى ماڭا سائەت 9:00 دا خەۋەر قىلدى .>> يەنى CNN نىڭ 3 مىنۇتتىن كېيىن دۇنياغا ئېلان قىلغان خەۋىرىنى، CIA، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشقا 15 مىنۇتتىن كېيىن خەۋەر قىلدى. بۇ سىزنىڭچە مۇمكىنمۇ؟؟؟

بۇ يەردە ئەڭ گۇمانلىق ئايرۇپىلان بولسا، بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلغان 4- ئايرۇپىلان. 100 توننا ئېغىرلىقىدا، قاناتلىرىدا لىق بېنزىن بولغان ۋە سائىتىگە 708 كىلومىتر تېزلىك بىلەن سوقۇلغان بىر ئايرۇپىلان، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئۇ بۇرجىكىنى تۇپتۇز قىلىۋېتىشى كېرەك. بىنادا پەقەت 5 مېتىرلىك بىر تۇشۇك ئېچىلدى. بۇ خىل تۇشۇك پەقەت ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان << توما خەۋك >> راكېتاسى بىلەن ئېچىلالايدۇ. FBI بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن بىنانىڭ پۇتۇن مەخپى كامېراسىنى ئېلىپ، ئىچىدىكى پۇتۇن كۆرۇنۇشلەرنى << يوق قىلىۋەتتى >>. شۇنىڭ ئۇچۇن << بىناغا زادى نىمىنىڭ سوقۇلغانلىقى >> تېخىچە ئىنىق ئەمەس. ئەگەر بۇ بىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سوقۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئىچىدە لىقمۇ-لىق يولۇچى بولغان 4- ئايرۇپىلان نەدە؟؟؟ ئامېرىكا ھۆكۇمىتى بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلغان ئايرۇپىلاننى ھانى خۇنجۇر ئىسىملىك تېرورچىنىڭ ھەيدىگەنلىكىنى سۆزلىگەن ئىدى، ھالبۇكى خۇنجۇر نىڭ 1 يىل بۇرۇنقى ئۇچقۇچىلىق مەكتىپدىكى ئىمتىھانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن ناچار نۇمۇرلار ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇئەللىملەر 5 قېتىم ئۇنىڭغا دىپلوم بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى. بۇنچىۋالا << ناچار بىر ئۇچقۇچى >> 7000 مېتىر ئىگىزلىكتىكى بىر ئايرۇپىلاننى قانداق قىلىپ، پەقەت ئەڭ ئۇستا ئۇچقۇچىلارلا قىلالايدىغان 360 دەرىجىلىك پەسكە ئەگىلىش ھەرىكىتىنى، قىلچە خاتالاشماي قىلالىدى؟؟؟

دۇنيا تىجارەت مەركىزىگە ئايرۇپىلان سوقۇلۇشتىن 31 مىنۇت بۇرۇن، بۇ ئايرۇپىلانلار بىلەن ئالاقە ئۇزۇلدى. شۇنىڭ بىلەن << قائىدە بويىچە >> بۇ ئايرۇپىلانلارنى ئېتىپ چۇشۇرىۋېتىش ئۇچۇن، ئەڭ يېقىندىكىMcGuire ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئەمەس بەلكى 280 كېلومىتىر يىراقلىقتىكىCape Cod بازىسىدىن بىر F-16 يولغا چىقتى. ھالبۇكى McGuire بازىسى بولسا 3 مىنۇت يىراقلىقتا ئىدى. F-16 نىڭ ئۇچقۇچىسى بولسا مۇنداق دەيدۇ : < - ئۇلارغا يېتىشىش ئۇچۇن ئەڭ تېز سۇرئەت بىلەن ئۇچتۇم، ئەمما يېتىشەلمىدىم- . > بۇ ئۇچقۇچى ئۇپئۇچۇق يالغان سۆزلىدى. چۇنكى بىر F-16 ئەڭ تېز ئۇچقاندا بىر مىنۇتتا 51 كېلومېتىر ئۇچالايدۇ ۋە 8 مىنۇت ئىچىدە نيۇ-يورك قا بېرىپ بۇلۇشى كېرەك يەنى، تۇنجى ئايرۇپىلان سوقۇلۇشتىن 23 مىنۇت بۇرۇن !!!!!!!

ظةئەمدى بىزنىڭ شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن ۋە ئامېرىكا ھۇكۇمىتى جاۋاپ بېرەلمىگەن ياكى بېرىشنى خالىمىغان سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقايلى:

1. دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغان ئاخبارات ۋە جاسۇسلۇق تورىغا ئىگە بولغان ئامېرىكا، نىمىشقا بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى؟ ئەگەر ئۆزى بۇ ۋەقەنىڭ بۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپالمىغان بولسا، باشقا << دوست جاسۇس تەشكىلاتلىرى >> نىمىشقا ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرمىدى؟ قولىدا پۇتۇن دۇنيانىڭ خەۋەرلىشىش تورىنى كونترول قىلىدىغان << ECHELON >> دەپ ئاتالغان غايەت زور ۋە مەخپى بىر كۇزىتىش تېخنىكىسى تۇرۇپ، << بىر ئۇچۇم تېرورىستنىڭ >> نەدە نىمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىنى نىمىشقا بىلەلمىدى؟

2. يالغان پىچاق كۆتۇرىۋالغان بىر ئۇچۇم ئادەم، بۇنچىۋالا جىق ئايرۇپىلاننى ئېلىپ قېچىش ئۇچۇن يىتەرلىكمۇ؟ 19 ئادەم يالغان پىچاق بىلەن 3-4 كىشىلىك گۇرۇھ بولۇپ، بۇ ئايرۇپىلانلارغا كىرىپ، ئىچىدىكى قۇراللىق قوغدىغۇچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئايرۇپىلاننىڭ كونترولىنى قولىغا ئالالىشى سىزنىڭچە قانچىلىك ئەقىلگە سىغىدۇ؟

3. 19 ئادەم ھىچقانداق بىر خاتا چىقارماي، بۇنچىۋالا جىق ئايرۇپىلاننى<< ئوڭۇشلۇق ھالدا >> قانداق ئېلىپ قاچالىدى ؟
4. بىرىنجى ئايرۇپىلان بىناغا سوقۇلۇپ 15 مىنۇتتىن كېيىن ئىككىنجى ئايرۇپىلان سوقۇلدى. 40 مىنۇتتىن كېيىن بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلدى. بۇنچىلىك جىق ۋاقىتتا نىمە ئۇچۇن بۇلارغا دەخلى قىلىنمىدى؟ بۇنى پەقەت << گاڭگىراپ قالدۇق >> دەپ قۇتۇلىشى توغرىمۇ؟ بۇ خىل ھادىسىلەرگە قارشى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇملارغا قارشى ھەر يىل نەچچە يۇز مىليارتلىغان دوللارلار خەجلەۋاتقان ئامېرىكىغا ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ << گاڭگىراپ قېلىشى >> ئەقىلگە سىغامدۇ؟

5. بەش بۇرجەكلىك بىنانى قوغداش ئۇچۇن كىچە كۇندۇز تەييار تۇرىدىغان ۋە 5 مىنۇتتا ئۇچۇشقا تەييار ھالغا كېلىدىغان كۇرەشچى ئايرۇپىلانلار نەدە قالدى؟ دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى قوغدىلىدىغان بىناسى بولغان PENTAGON يەنى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى، تېخىمۇ مۇھىمى << ماگنىتلىق مەيدان قوغداش سېستىمىسى >> نىمىشقا ئىشلىمىدى؟ چۇنكى بۇ سېستىما بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا رۇخسەتسىز كىرگەن ھەر قانداق ئايرۇپىلاننىڭ رادار سېستىمىسىنى بۇزۇۋېتىدۇ ۋە رادار سېستىمىسى بۇزۇلغان ئايرۇپىلان، ھاۋادىكى بىر قارغۇغا ئوخشايدۇ.

6. بۇ ۋەقەدە، ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چوڭ مەسئولىيەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ تۇرۇپ، نىمىشقا بۇ تارماقلاردىكى مەسئولىيەتسىزلىك قىلغان ئادەملەرگە بىر جازا بېرىلمىدى؟

7. 4 ئايرۇپىلاننىڭ ھەربى رادارلارغا كۆرۇنگەن ھالدا ھىچقانداق بىر سىگنال بەرمەي، بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت بەلگىلەنگەن لىنىيەسىدىن چەتنەپ ئۇچۇشى ۋە بۇ ئايرۇپىلانلار بىلەن بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئالاقىنىڭ ئۇزۇلۇپ قېلىشى نىمىشقا دىققىتىنى تارتمىدى؟ بۇ سىزنىڭچە مۇمكىنمۇ؟

8. 4 ئايرۇپىلاننىڭ ھەممىسىدىكى << قارا ساندۇق >> قانداق بولۇپ << ئوقۇغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە >> بۇزۇلۇپ كەتتى؟

9. زۇڭتۇڭ بۇش نىمىشقا ئۇ ۋاقىتلاردا قەستەن نەچچە كۇن ئاق سارايدىن يىراق تۇردى؟

10. ئەتىسى كۇنى تېپىلغان ۋە ئىسپات دەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان << تېرورىستلارنىڭ >> ئۇچقۇچىلىق ئۇگۇنۇش ماتېرىياللىرى ۋە قۇرئانى-كەرىمنى، << تېرورىستلار >> نىمىشقا ئوتتۇرغا قويۇپ قويدى؟ FBI بۇ << ئىسپاتلارنى >> قانداق بولۇپ بۇنداق تېز قولغا چۇشۇردى؟

11. ئايرۇپىلانلارنىڭ يەردىن كونترول قىلىنىش ئېھتىمالى بارمىتى؟ ( ئايرۇپىلاننى يەردە تۇرۇپ كونترول قىلىدىغان سېستىمىنىڭ ئىسىمى - JPALS ). ئەگەر ئايرۇپىلانلار يەردىن كونترول قىلىنغان بولسا، ئۇ 19 كىشى پەقەت ھىچنىمىدىن خەۋىرى يوق يولچىمىدى؟ 11- نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلاننى گۆرۆگە ئېلىۋالدى دىيىلگەن مۇھەممەت ئاتتا نىڭ قاھىرەدىكى دادىسى، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئوغلى بىلەن 2 قېتىم كۆرۇشكەنلىكىنى سۆزلىدى. ئۇنداقتا مۇھەممەت ئاتتاغا زادى نىمە بولدى؟

12. FBI بۇ ئايرۇپىلانلارنى قاچۇرغانلارنىڭ ئىسىم ۋە سالاھىيەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرەپ. ئەمما كېيىن بۇلارنىڭ بىرى بولغان ئامىر ئابباس بۇركارى نىڭ بىر يىل بۇرۇن ئۆلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇكىسى ئادنان بۇركارىنىڭ بولسا FBI دا جاسۇس ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ 19 كىشىنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ ئىسىمى يولۇچۇلار تىزىملىكىدە يوق. بۇلارنىڭ يەنە بىرى بولغان ئابدۇلئەزىز ئەل ئۆمەر بولسا كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە << مەن رىيادتا، تېخى ياشاۋاتىمەن >> دەپ ئېلان قىلدى. يەنە بىر كىشى بولغان سەئىد ئەل ھەمدىنىڭ بولسا تۇنىستا ياشاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

13. بۇ 19 كىشى ئايرۇپىلانغا چىقمىغان بولىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇلارنىڭ قالغانلىرى بىر يەرلەردە مەخپى ئۇجۇقتۇرۇلغان بولىشى ئېھتىمالى بارمۇ؟

14. بېن لادىن تاكى 2004- يىلىغىچە بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلدى، ئۇنداقتا نىمە ئۇچۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى توختىماي بۇ ئىشنى بېن لادىن قىلدى ئېلان قىلىۋەردى؟ نىمە ئۇچۇن باشقا سەۋەپلەر ئويلۇشۇپ بېقىلمىدى؟ ۋە تېخىمۇ مۇھىمى نىمە ئۇچۇن 2004- يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاز قالغاندا بېن لادىن بۇنى تۇيۇقسىز ئېتىراپ قىلدى؟ بۇشنىڭ تېخىمۇ جىق ئاۋاز ئېلىپ، سايلامدا غەلىبە قىلىشى ئۇچۇنمۇ؟

15. سەۋەبىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولماي تۇرۇپ، ئامېرىكا نىمىشقا بىر سائەتتىن كېيىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى؟

16. بېن لادىننى نىمىشقا بۇگۇنگىچە تۇتالمىدى؟ پاكىستان ھۆكۇمىتى نەردە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان لادىننىڭ يېرىنى ئامېرىكا نىمىشقا تاپالمىدى؟ ياكى بېن لادىن يېڭى دۇنيا خوجايىنلىرىنىڭ بىر << ئارتىسىمۇ >> ؟؟؟؟؟؟

17. ئەگەر بېن لادىن بۇنچىلىك كۇچلۇك بولغان بولسا، 11- سېنتەبىردىن كېيىن تېخىمۇ جىق ۋە چوڭ تېرورچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟

18. ياكى بۇ ۋەقە ئەسلىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تۇرغۇنلىقتىن چىقىرىش ئۇچۇن، تېخى كونترول قىلىنالمىغان رايونلارنىڭ كونترول قىلىنىشى ئۇچۇن، يېڭى ھاكىمىيەتلەر قۇرۇشى ئۇچۇن ۋە ئامېرىكىنىڭ پۇتۇن دۇنيانى كونترول قىلىش ئۇچۇن، MOSSAD ۋە CIA تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر << مەخپى ھەرىكەت >> مىدى؟

19. 11- سېنتەبىر كۇنى نىمىشقا دۇنيا تىجارەت مەركىزىدىكى يەھۇدىلارنىڭ جىقى ئىشقا كەلمىدى؟؟؟؟

ھەربىر فىلىمنىڭ بىر سېنارىيەسى بار، ئامېرىكىلىقلار بۇ كەسىپتە چىمپىيون. 11- سېنتەبىر ۋەقەسى بولسا، رېئاللىقتا ئىشلەنگەن بىر ئامېرىكا فىلىمى. ئەمما ھەر سېنارىيەنىڭ بىر ئاجىز تەرىپى بار ۋە كىچىك بىر جىددى تەكشۇرۇشتىن كېيىن پۇتۇن ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم قاتىل ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ئەمما بىر شەرت مۇستەسنا، پۇتۇن دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك.

ئەگەر دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلسا، بىتەرەپ تەكشۇرۇشلەر ئېلىپ بېرىلسا يۇقىرىدىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە بىز رازى. ئەگەر بۇ دەلىللەرنى مەخپى تۇتۇشقا ۋە يۇشۇرۇشقا داۋام قىلسا، ئامېرىكا ھۆكۇمىتى تۆۋەندىكى جىنايەتلەرنىڭ باش جاۋاپكارى:
1.......11-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻼﺭ،ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ
2...ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ،،،
3...ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ.
4...ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﯩﻤﯩﻴﯟﻯ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ....
5...ﺋﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯘﺯ ﻣﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻰ
6...ﺋﯩﺴﺮﺍﻟﯩﻴﻪﻧﻰ ﻛﯘﺷﻜﯘﺭﺗﯘﭖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﺴﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ
7...ﺗﯘﺭﻣﯩﺪﻛﻰ ﺧﻮﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ
8...ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ،ﺩﯨﻤﻮﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ...

ئاپتۇرى دارنىكىس

__ فىرقەت تەستىقلىدى


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 13:40 چوققىغا قايتىش
218



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 187
شۆھرەت: 188 نۇمۇر
پۇل: 1870 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:87(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ كىمنىڭ ئۇيلىغىنى سىزنىڭمۇ يا گىزىت خەۋىرىمۇ بۇ؟

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 18:20 چوققىغا قايتىش
218



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 187
شۆھرەت: 188 نۇمۇر
پۇل: 1870 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:87(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇ كەچۇرۇڭلار كۇمەپتىمەن.ئاستىدا باركەن ....بۇ تىما ئىزىدىنىشتقا يۇلللىنىپ تاس قاپتىكەن ئۇ مۇنبەردىكى باللا بىر بىرىنى چانىشۋەتكىنى......

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 18:22 چوققىغا قايتىش
153

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 607
شۆھرەت: 602 نۇمۇر
پۇل: 5003 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نىمىدىگەن تېتىقسىز خەۋەر بۇ، ئۆتكەندە خالد بۇنى ئىتىراپ قىلغان ۋە تۇتۇلغانلاردىن نۇرغۇنلىرى بىن لادىننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىغانلىغىنىنى ئىتىراپ قىلغان تۇرسا نەدە بىر ئەپقاچتى گەپلەرنى قىلىپ يۈرمەيلى بالىلار . بۇ خۇددى بەزىلەرنىڭ ھەر خىل گۇمانلار ئارقىلىق ساددام ھايات ياكى ئىنسانلار تېخى ئايغا چىقمىدى دىگىنىدەك بىر ئىش ، خالاس.
ئۆتكەندە بىر ۋات ۋات قارىم ماشىنىدا ئولتۇرۇپ بىن لادىن بىرىنچى بايكەن، بوش ئۈچۈنچى بايكەن............دەپ سۆزلەپلا كەتتى، قۇڭۇمچە كۈلدۇم، بۇنداق ئەپقاچتى گەپنى ئۇقۇغان ئىلمى ئادەملەرمۇ تارقىتىۋاتقان يەردە ئۇ يەرلىك قارىمدىن خاپا بولمىدىم.
تۆۋە دەيمەن، بۇنداق گۇمان قىلىغان بولساق دادىمىزدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالىمىز، چۈنكى دادىمىزغا ئوخشىغان بىلەن دادىمىزغا ئوخشايدىغانلار يوق دەپ ئېيتالمايمىزدە...................................


Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 18:28 چوققىغا قايتىش
218



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 187
شۆھرەت: 188 نۇمۇر
پۇل: 1870 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:87(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىشقىلىپ   قانداق ئۇسۇل بۇلسۇن ئامىركا مەخسىتىگە يەتتى ....ئامىركا ھەقىقەتەن ئەقىللىق كەن...

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 18:33 چوققىغا قايتىش
dildare

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 39
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
پۇل: 390 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:25(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاختى كەلسە ئاتا - ئانىسىنى چىپىشتىنمۇ يانمايدىغان ئوخشايدۇ بۇ ئامرىكىلىقلار ........
دىمىسىمۇ ، بۇ قىتىمقى ئۇرۇشنىڭ مەخسۇس ئىسلام دۆلەتلىرىگىلا قارىتىلغىنى تىخى ، قانچىلىغان بىگۇناھ ئادەمنىڭ بىشىغا چىقتى بۇ بۇش دىگەن نەرسە ...


Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 18:55 چوققىغا قايتىش
TOMTOGRAK



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 411
شۆھرەت: 412 نۇمۇر
پۇل: 4090 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:283(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى بىر نېمە دېمەك تەس. يۇقۇرىقىلارنى بىز پۈتۈنلەي توغرا دېيەلمىسەكمۇ بىراق، بۇ پۈتۈنلەي خاتا دەيدىغانغىمۇ ئاساسىمىز يوق.

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 18:57 چوققىغا قايتىش
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 937
شۆھرەت: 1046 نۇمۇر
پۇل: 9211 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:332(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ   چوڭ يالغانچىلىقنى بىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىلىقلارمۇ نۇرغۇن تىرىشىپ باقتى ۋە «Fahrenheit 9/11» دىگەندەك ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ چىقتى.
http://www.fahrenheit911.com/trailer/windows/medium.php
ياكى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ:
http://www.00563.com/Html/3181.html


Nurluk elani

زورىگۈل قۇتئال

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 19:01 چوققىغا قايتىش
tograk28
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 167
شۆھرەت: 171 نۇمۇر
پۇل: 1670 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:297(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ساپاسى ۋە سۈپۈتى يېقىنتىن خېلې كۆتۈرۈلگەن ، بىرااق يانا بىر تۈركۈم بوشنىڭ قارغۇلارچە چوقۇنغۇچى كۈچۈكلىرى پەيدا بولغاندەك قىلىدۇ . بىر مەزگىل كىرمەي تۇرساق بولغىدەك


[ بۇ يازما tograk28 تەرپىدىن 2007-11-14 19:25 دە قاي ]



ئانا دەريا - <دىنار>
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 19:18 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 415
شۆھرەت: 416 نۇمۇر
پۇل: 4150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:115(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


دىمىسىمۇ ئويلىنىپ كۆرسەك يوقۇرىدا دەپ ئۆتكەن گۇمانلارنىڭ كۆپىنىڭ ئاساسى باردەك قىلىدۇ.

Nurluk elani

پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس.
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 19:55 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-17 05:31, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije