Biperwa
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما:
1
يازما سانى: 3092
شۆھرەت: 3148 نۇمۇر
پۇل: 30940 سوم
تۆھپە: 74 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:832(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-25
|
پاكىز ناھىيە ئۆتىكۇزۋىلشتىن تۇغۇلغان ئويلار .
ئىككى ھەپتىلىك جاپالىق كۆرەشلەر ، رەھبەرلەرنىڭ ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرشى ، ئاممىنىڭ ئەستايدىللىق بىلەن ئورۇندىشى ئاستىدا تۇنۇگۇندىن تارتىپ ناھىيە بازىرى خۇددى ھىيىت كۇنلىردىكىدەك پاك -پاكىزە بولۇپ كەتكەندى . ئىدارە -ئورگان خىزمەت بىناسى ئىچ تىشى ، دىرىزىلەردىن تارىتىپ ھەتتا ئۆگىزىلەرگىچە پاك پاكىزە تازلاپ ، ئائىللىكلەر ئۆيىلىرنىڭ ئچى تىشى ، ھەتتا ياتاق ئۆيلەر ، ئامبار ،قازناقلارمۇ تازلىنىپتۇ ، قارىسام مەھەللىمىزدىكى نەچچە ئون يىل بولۇپ رەڭگڭى قالمىغان دەرۋازىلارمۇ سىرلىنىپ ، يىغىلىپ قالغىلى بىرەر يىلچە (ھەتتا ئۇنىڭدىمۇ ئۇزاقتۇر)ئەخلەتلەرمۇ پاك -پاكىزە يۆتكىلىپ ، ھەممە ياق ئادەمگە پاكىزە ، ئازادە ھىسيات بىرەتتى .بۇنى نىمە ئۇچۇن ،قانداق گەپ دەپ سورىشىڭىزمومكىن ، ( بۇنداق پاك-پاكىزە موھىتىنى پەقەت ھىيت -بايراملاردىلا ئۇچىراتىقىلى بولاتتى . ) بۇنىڭ سەۋەبى ناھىيىمىز دۆلەت دەرجىلىك پاكىزە ناھىيە بولۇشقا ئىلتماس قىلغاندى . مۇشۇ نامغا ئىرىشش ئۇچۇن ناھيىدىكى بارلىق ئامما سەپراس بولۇپ تازلىققا كىرىشىپ كەتتى . پاكىزلىك ئادەمگە ئاجايىپ ھۆزۇر بىرىدىغىننى تىخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلۋاتىمەن .مانا ناھىيە بازىرى ئىچى سىرتى قايەرگە قارىسىڭىز دىرىزىلەر خۇددى ھازىر سالغاندەك يالىت - يۇلىت قىپ تۇردۇ. يوللارمۇ كۇندە ئىككى قىتىم سۇ چىچلىپ چاڭ -توزانلارمۇ نەلەرگىدۇر غايىپ بولۇپتۇ. مانا ھازىر تەكشۇرۇشكە كەلگەنلەر ھەرقايسى ئىدارە -ئورگان ،ھەتتا ئائىللەرگىچە بىرىپ تازىقلارنى تەكشۇرۋاتىدۇ . لىكىن بەك پاكىزە بوپ كەتسىمۇ بولمامدۇ قانداق ؟ كۇلۋاتامسىز ، توختاڭ ،گىپمنى دەۋالاي .پاكىزلىققۇ ياخشىكەن ،بايا دەپ ئۆتتۇم . بىراق نە ئاشخانا ، نا ناۋايخانا ئىچىلمىسا بولۇپمۇ ئەتتىگەندە ناشتا قىلغىلى نان يوق ، ،ياخشى ئۆيدە ھىيتتىكى ساڭزا باركەن شۇنى بولسىمۇ يەپ تۇردۇق .ئاڭلىسام تىخى بەزىلەر خۇشنا ناھىيەلەردىن نان ئىلىپ كەپتۇدەك ، چۇشتە تاماقىنى ئاشخاندىن يىگىلى بارسا (چۇنكى تازلىق دەپ بەزىدە يىرىم سائەت بۇرۇن باردىغان گەپ ئىشقا، )ۋاي توۋا ، ھەممە ئاشخانلار توشۇپ كەتكەن . خۇددى بىكارغا تاماق بىرىدىغاندەك . مەن ئويلاپ قالدىم مۇشۇنداق دائىملا تازلىقنى ئۆتكۇزۋالدىغاندەك پاكىزە تۇرسا ، ھەممە ئادەم ھازىرقىدەك تازلىق قىلسا ، پاكىزلىق ئىڭىنى يىتىلدۇرسە ئىككى ھەپتە بۇرۇن تەييارلىق قىلمايدىغانۋاقىتمۇ كىلەرمۇ دەپ .
|
ئۈمۈد يادىكار
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-14 11:37 |
| |