خوتۇنلىرىڭلار نى كۈنلەپ قويۇڭلار
بىزدە كۈنلەمچىلىكنى ھار ئالىدىغان،كۈنلەشنى ئىشەنمەسلىك دەپ چۈشىنىۋادىغان ئادەت بار. كۈنلەش ماھىيەتتە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ياكى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان مەلۇم بىرىنى يەنە بىر يات كۆزدىن قىزغىنىش بولۇپ، ئۇ ئىشەنمەسلىكنى ئەمەس، پاكلىكنى قوغداش، ھايا ۋە شەرمىنىڭ ئىززىتىنى كاپالەندۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. كۈنلەمچىلىكنىڭ تېگى ئىشەنمەسلىككە ئەمەس،بەلكى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۇش، سۆيۇش،يالغۇز ئىگىلەش، ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىدىن يالغۇز بەھىرلىنىشنى ئاساس قىلمىسا،نىكاھتا ھىسسىيات،مۇھەببەتنىڭ چىچىلىشى ۋە سۇسلىشىشى كۆرۈلۈپ،بىر-بىرىدىن يالتىيىپ قالىدىغان ئاھۋاللار كۆرىلىدۇ. بىر چاغلاردا <كۈنلەمچىلىك كۈن ئەمەس> دەيدىغان ناخشىلارمۇ پەيدا بولغان. بىز بۇنىڭغا مىيىققىدە كۈلۈپ قويغۇچىلارمىز. گەرچە ئۇ خوتۇنىغا ئىشەنمەسلىك ۋە ھەددىدىن زىيادە تىزگىنلەش، گۇمانخورلۇققا نىسبەتەن ئېيتىلغان ناخشىلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئومومى ئۇدارىغا نىسبەتەن سەل-پەل تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ زىيىنى يوق.
بۇرادەر، ئايالىڭىز مەيلى خىزمەتدىشى بولسۇن ياكى بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرى بولسۇن ۋە ياكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە بولسۇن يات بىر ئەر بىلەن بىرگە يۈرسە سىزدە ئازراقمۇ قىزغىنىش كۈنلەش كەيپىياتى بولمىسا بۇنى نىمە دىگۈلۇك؟ ئەجىبا،مۇنەۋۋەر،لاياقەتلىك، ياخشى بىر ئەر خوتۇنىنىڭ يەنە بىر ئەر بىلەن بولغان ئەركىن باردى-كەلدىسىگە ئارلاشماسلىقى، توغرا چۈشۈنىشى كىرەكمۇ؟
بەزىلەر بۇ خىل يۇز بىرىش مۇقەررەرلىكىگە زامان، دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشى، تۇرلۇك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى باھانە سەۋەپ قىلىدۇ. ئەمما ئۇنۇتماسلىق كىرەككى، ئۆز ئىرىگە ۋە ھاياسىغا بولغان ساداقىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر ئايال ھەرگىزمۇ يەنە بىر يات جىنىس بىلەن بىرگە يۇرمەيدۇ،ئۇچراشمايدۇ. ھەدىسلەردە بىر يات ئايال بىلەن يات بىر ئەر بىرگە تۇرغاندا ئۇلارنىڭ قىشىدا شەيتاننىڭمۇ بىرگە ھازىر بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
بۇرادەر،ئايالىڭىز يەنە بىر يات جىنىس بىلەن قول تۇتۇشۇپ،بەل تارتىشىپ قۇچاقلىشىپ تانسا ئوينىسا سىزدە ئازراقمۇ قىزغىنىش، كۈنلەش ھىسياتى،ئارامسىزلىنىش، قىزىرىش، ئۇيىلىش كەيپىياتى ئويغانمامدۇ؟ ئايال كىشى ئەر كىشى ئۆزىلا بەھىرلىنىدىغان مۇتلەق نېھمەت.<ئاياللار ئەرلەرگە جانابى ھەقنىڭ ئامانىتىدۇر>. ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە جايىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىڭ ساقلىماق زۆرۈردۇر. ئامانەتنى خالىغان بىرسىگە كۆرسۈتۈپ، تۇتقۇزۇپ، سىيلاتقۇزۇپ،ھوزۇرلاندۇرىۋەرسىڭىز ئامانەتكە خىيانەت،جىنايەت ئۈستىگە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىسىز. جەزمەنكى، يات جىنىسلارنىڭ تېنى بىلەن تولا ئۇچراشقان ئايال ئەڭ ئوڭاي بۇزۇلىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، ساپمۇ-ساق، تولۇپ پىشقان ئالمىنى ھەر كۈنى تۇتۇپ، سىيلاپ قويۇڭ. تۇتۇۋەرسە ھەپتىگە قالماي ساق ئالمىمۇ سېسىيدۇ.
بۇرادەر، ئايالىڭىز قىسقا، تار كىيىملەرنى قاپساپ كىيىپ ئۆز زىننەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ ماڭسا، يوتا كىندىكلىرى ئوچۇق تۇرسا، يات ئەرلەر تۈكرۈكلىرىنى غورتۇلدىتىپ يۇتۇپ، ئارقىسىدىن ئوغۇرلۇقچە شەھۋەت نەزەرلىرى بىلەن قاراپ يۈرسە سىزدە كۈنلەش، قىزغىنىش،غەزەپ ھىسياتى ئويغانمامدۇ؟ئايالىڭىزنىڭ ھەركەتلىرىنىڭ يات جىنىسلىقلارنىڭ شەھۋىتىنى قوزغۇتىشى سىزنى نۇمۇسلاندۇرمامدۇ؟ ياكى ھەممە ئېغىزىنى تامشىتىپ، تىل چاكىلدىتىپ ئايالىڭىزنىڭ گۈزەللىكىنى ماختاپ قويسا،خوشلۇقىڭىزدىن كىرىلىپ كىتىدىغان مەنتەڭ مىجەز ئەرلەردىنمۇ سىز؟....
ياراتقۇچىدىن ھايا، نومۇس تىلەيمەنكى، جىنىم ئەرلەر خوتۇنۇڭلارنى ئاز-تولا بولسىمۇ كۈنلەپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقەتەن سۆيسەڭلار ۋە ئىززەتلىسەڭلار، ئۇلارنى يامان كۆز، ئىپلاس غەرەز، بۇزۇق نىيەتلەردىن ساقلاڭلار. بۇ ھەرگۈزمۇ ئىشەنمەسلىك ئەمەس. بەلكى ئىشىنىشنى چىڭىتىش، نىكاھقا گۇمان ئەمەس، نىكاھقا مەسئۇلىيەت ۋە تەلەپتۇر. بۇگۇن ئايالىڭىزنىڭ بىھايالىقىنى ئازراقمۇ كۈنلىمىسىڭىز، بەلكىم ئەتە ئۇنى كۆرۇشكىمۇ تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن. تاپتىن چىققان ئاياللارنىڭ كەينىدە خوتۇنلىرىنى كۈنلەشنى بىلمەيدىغان ،خوتۇنىنىڭ ھەر قانداق ھەركىتىگە لاتىلارچە ھۆرمەت، خۇمسىلارچە ئىلمىيلىك بىلەن يول قويىۋىرىدىغان، قىسقىسى خوتۇنىنى ھەقىقى ماھىتى بىلەن سۆيۇش، قەدىرلەش، خوتۇنىنىڭ ئىززەت-نەپسىنى ساقلاش،قوغداشنى بىلمەيدىغان يارامسىز ئەرلەر باردۇر.
--باشقىلارنى كۈنلىمەڭ، ئۇمۇ بىر تىرىك جانغۇ، دەيدۇ.
مەن لايىقىدا كۈنلەڭ، چۇنكى ئۇ تىرىك جان دەيمەن.
<كۆزۇڭنى ئاچ،ئۆزۇڭنى تاپ ئەركەكلەر> دىن ئىلىندى.
__ فىرقەت تەستىقلىدى