ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم شەبنەم مۇنبىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىللىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ئالدى بىلەن بۇ تېمىغا كەلگەنلىگىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
نەق گەپكە كەلسەك ،تۆۋەندىكى بۇ تېمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى <پو ئېتىش>توغرىسىدا بولىدۇ.
مەقسەت كۆڭۇل ئېچىش.
ھازىردىن باشلاپ سىز خالىغانچەبەھۇزۇر ،مەزمۇنى ساغلام،قىزىقارلىق ۋايىغا يەتكەن پو بولسا ئاتسىڭىز بولىدۇ.ئاتقان پورىڭىز مۇرادىغا يەتكەن،ئىلمىي،كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگەئازادىلىك ئېلىپ كېلەلەيدىغان بولسۇن!(ئەسكەرتىش:بىر ئەزا بىرلا پو ئېتىشى كېرەك)
بىز ئاخىردا مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچى ،ئالىي ئەزا لىرى بىلەن بىرلىكتە كېڭىشىپ خۇلاسىلەپ
نەتىجە چىقىرىپ ،ئەڭ ئېسىل ،ۋايىغا ،مۇرادىغا يەتكەن پونى خۇلاسىلەپ مۇنبەردە ئېلان
قىلىمىز.ئەلۋەتتە،ماكاپاتى بار~!
مۇكاپات:شەبنەم مۇنبىرىنىڭ ئالىي مۇكاپاتلىرىدىن بولغان تۆھپە مۇكاپاتى بىلەن،مېدال مۇكاپاتى.(20تۆھپە،بىر مېدال بولىدۇ)ھەمدە مۇنبەردە ئايرىم ئېلان قىلىندۇ~
دىمەكچى بولغىنىمىز:ئازراق بولسىمۇ ،غەم -قايغۇ،خاپىلىق ۋەھارغىنلىقنى ئۇنتۇپ روھى كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىگەن ئاساستا شەبنەم مۇنبىرىدىن ئازراق بولسىمۇ خۇشاللىق تېپىش~تور دۇنياسى چەكسىز بىر بوشلۇق مانامۇشۇ بوشلۇقتىن خۇشاللىق ،ئازادىلىك،نەتىجە ئىزدەش ھەممەيلەننىڭ ئورتاق ئارزۇسى!
ئەسكەرتىش :قىزىقمىغان تاۋى يوق قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاس يوللىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
مەسىلەن:مەن بۇ يىل 2مو يەرگە تاۋۇز تېرىسام تېرىغان تاۋۇزلۇرۇم شۇنداق ئوخشاپ كەتتى.ئۇنىڭ كىچىكى 213نىڭ چاقىدەك چوڭى 55تىراكتۇرنىڭ ئالدى چاقىدەك كېلىدۇ.بۇيىلقى ئۈرۇمچىدىكى يەرمەنكىگە ئاپارسام ،ئامرىكىلىق 2سودىگەر ئەڭ چوڭىدىن 4نى تاللاپ ئەكەتكەن،بايام خەۋەر كەلدى،ئامرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى شىنجاڭنىڭ سورتلۇق تاۋۇزىكەن دەپ جىق يېۋىلىپ ئچى سۇرۇپ كېتىپ بىر ھەپتىدىن بېرى تولغاق يەپ جىددى قۇتقۇزۋېتىپتۇ .
مانا مۇشۇنداق بولسا بولىدۇ.
ۋاقتى:12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە.