ئۇيغۇر ئالىمى مايمۇن تورەلمىسىنى كلونلىدى
كلون تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، ئالىملار كەينى كەينىدىن كوپ خىل ھايۋانلارنى كلونلاپ چىقتى، ئەنگلىيە «مۇستەقىل» گېزىتىنىڭ 12-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە كلونلاش تېخنىكىسىدا يېڭى بۆسۈش بولدى، ئامېرىكا ئالىملىرى مايمۇن تورەلمىسىنى مۇۋەپەقىيەتلىك كلونلىدى.
تۇرلەر كلاسسىفىكاتسىيىسىدە مايمۇن ئادەمگە ئوخشاش پرىماتقا( يوقۇرى دەرىجىلىك سۇت ئەمگۇچى ھايۋان) تەۋە. بۇ بوسۇش ئادەم كلونلاشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى زورايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كلون ئادەم توغرىسىدىكى ئېتىكا مۇنازىرىسى يەنىمۇ كوتۇرۇلۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكا ئورېگون شتاتى بىۋېرتونغا جايلاشقان دولەتلىك پرىمات تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىمى شوھرەت مىتالىپوۋنىڭ دىيىشىچە، ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى 10 ياشلىق رېسۇس ماكاك (تەتقىقاتقا ئىشلىتىلىدىغان گانگ دەرياسىدا ياشايدىغان قىسقا قۇيرۇقلۇق مايمۇن) مايمۇنىنىڭ تورەلمىسىنى مۇۋەپەقىيەتلىك كلونلاپ چىتقى، ھەمدە 20 كلون تورەلمىسىدىن ئىككى تۇركۇم تورەلمە غول ھۇجەيرىسىنى يېتىشتۇردى. تەجرىبە خادىملىرى يەنە تەجرىبىخانىدا كلون تۆرەلمىدىن يىتىلگەن مايمۇننىڭ يۇرەك ھۇجەيرىسى ۋە مىڭە نېۋرونلىرىنى يېتىشتۇرۇپ چىقتى.
بۇندىن بۇرۇن، كلون ساھەسىدىكىلەر بىردەك پرىمات غول ھۇجەيرىسىنى كلونلاشتا بوسۇپ ئوتكىلى بولمايدىغان توساق بار قارىغان. مىتالىپوۋنىڭ بۇ توساقنى بوسۇپ ئۆتۈشى، ئادەم تۆرەلمىسىنى كلونلاشنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى.
ئاۋسترالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالان ترونسون : " بەزىلەر مايمۇن كلونلاش ۋە ئادەم كلونلاش ئىنتايىن مۇشكۇل دەپ قارايدۇ، لېكىن مىتالىپوۋ بۇنى قىلالىدى. ئۇلار مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىغا ئىگە بولدى، ئەمدى ئادەم كلونلاش تەخنىكىسىدا قايسى ئىشلارنى قىلىش توغرىسىدا ئويلاشساق بولىدۇ" دىدى
مەنبە:
http://news.sina.com.cn/w/2007-11-13/014014290765.shtml
نازۇك چىمەن تەستىقلىدى