پىنھاندىكى قىز
خىلۋەتلەردەيۈرىدۇ بىر قىز ،
ئېغىر ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاغرىغى .
كەچمىشىنى ئاڭلىدى دەرەخ ،
خىياللىرى كەچكۈز ياپرىغى .!
خىلۋەتلەردە يۈرىدۇ بىر قىز ،
يۇشۇرغاندەك يالغۇزلىغىنى،
ئىچ-ئىچىدە ئاچچىق بىر ئۆكسۈش،
تىلغىپ ئۆتكەچ نازۇك دىلىنى .!
ئۇنۇتقۇسى بار دۇنيانى بىردەم،
يىغلىۋالسا قېنىپ - قانغۇچە .
تەسكىن تاپسا ۋۇجۇدى ئۇندا ،
جىلۋە قىلسا كۈلكىسى يەنە .!
خىلۋەتلەردە يۈرىدۇ بىرقىز ،
تەبىئەتكە تۆكۈپ دەردىنى ،
خالاس بولوپ بارچە ئازاپتىن،
تاپقۇسى بار ئەسلى ئۆزىنى.!!