بولسۈن
ھايات يولى سېھىرلىك، ئازاپسىز نە غەمخانىڭ بولسۇن،
يىقىلساڭ دەس تۇرۇشقا غەيرىتىڭ ھەم پەيمانىڭ بولسۇن!
ئۆزگىلەر ئۆز خۇشلىقىنى دەپ ئازارلىسا دىلىڭنى ،
ئۆكۈنمىگىن ياش تۆكمە،چېھرىڭدە شات كۈلەرىڭ بولسۇن!
يىگىت ۋەتەن يۈرىگىدۇر مىللەتنىڭمۇ تۇۋرىگىدۇر ،
چىڭ دەسسەشكە تۇپراقنى قايتمايدىغان خىيالىڭ بولسۇن!
قىزلار مىللەت سۆرىتىدۇر ، غورورى ھەم ئانىسىدۇر ،
پاك يۈسۈندا ياشا تىز پۈكمەيدىغان ئەۋلادىڭ بولسۇن!
ئۇيغۇرۇمنىڭ مەنىسى چىن ئىناقلىق ھەم ئۆملۈك ئىدى ،
پۇتلاشمايلى ،سۆكۈشمەيلى دىلىڭدا ئىمانىڭ بولسۇن !
بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم ساڭا كەلدى دىمىگىن ئىنسان،
رەزىللىكنى يوق قىلىشقا دىلدا مەھكەم دەرمانىڭ بولسۇن!!