سېغىنىش
كەتكىنىڭدە خوش دىمەيلا كېتىپسەن گۈلۈم،
يەنە بىر رەت كېلۇرمەن دەپ ئويلىغانمىدىڭ .
كەتكىنڭنى ئاڭلاپ ئۇشبۇ كۆڭلۈم بۇزۇلدى،
يا مېنىڭدىن كەلمىدى دەپ رەنجىگەنمىدىڭ .
يىنىپ كەلسەڭ تۇتار ئىدىم گۈل-دەستە ساڭا،
ھەم خوشاللىق ئىپ كېلەتتى كەلگىنىڭ ماڭا.
خەۋەر بەرگىن بار يېرىڭدىن ئىزدەپ تاپايمەن،
ئۈمىدىم شۇ چىن قەلبىمنى تاپشۇرسام ساڭا.
بىراق كەلمەس سېنىڭدىن ھىچقانداق بىر سادا،
چۈشلىرىمگە كىرسەڭكەن دەپ تەلمۈرسەم شۇنچە،
ھەم سېلىپ باقتىم يوللىرىڭغا پايانداز.
سەزمىدىڭمۇ كۈتكىنىمنى خەۋەر يوق مەنگە.
كۈندۈزلىرى سوراپ سېنى كۈنگە قارايمەن،
كىچىلىرى ئىزدەپ ئايغا قارايمەن .
ئېرىشكىنىم بولدى ھەسرەتلىك كۈز ياش،
ئۇلار دىنمۇ خەۋەر يوق نەدىن تاپارمەن .
سۈمەييە تەستىقلىدى