دىسكو خاندىكى ئىلىم-پەن
ئاپتۇرى؛Bنۇرمال(نەسرى قىسمى)،ۋاقىت5.2(شېئىرى قىسمى)
مۇقەددىمە.
ئەي ئۇلۇغ ئۇيغۇرۇمنى نىشانسىز قىلغان ھاراق،
شۇ ھالال ئۇيغۇرۇمنى ئىمانسىز قىلغان ھاراق.
شاد-ئىناق ئائىلنى بەخىتسىز قىلغان ھاراق،
شىر يۈرەك قەيسەر يىگىتنى چىدامسىز قىلغان ھاراق.
غۇبارسىز ئۇيغۇر قىزنى ھاياسىز قىلغان ھاراق.
سەن سەۋەپ مىڭلاپ يىگىت ماڭدى گۈناھ يۇلغا،
سەن سەۋەپ مىڭلاپ گۈزەللەر چۈشتى ئازغۇن ئورغا.
سەن سەۋەپ پاك ئۇيغۇرۇم ئايلاندى ھەم ئوغرىغا،
سەن سەۋەپ بۇ تار جاھاندا قالمىدى يول توغرىغا.
شۇ ئەزىز ئۇيغۇرۇمنى خارۇ-زار قىلغان ھاراق.
ھارامدىن تۈرەلگەچكە سىنىڭ شۇ ئىپلاس تىنىڭ،
ھارامدىن قۇيۇلغاچقا سىنىڭ شۇ ئىپلاس نامىڭ.
ھەممىدىن<<غالىپتۇرسەن>>يۇق پەقەت نالە-دادىڭ،
ئاگاھ بول گۇمران بۇلۇرسەن ئاخرى غادايغانىڭ.
ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!
كۈن بۇيى پاتپاراق بىلەنلا ئۈتدىغان بۇ شەھەر بۈگۈن جىمىپلا قالغاندى.بىر قارسا ھىللا ئۇرۇش بولدىغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.كىشلەر بىر-بىرىدىن ئۈزچىلا سۇرشاتتى؛-بۈگۈن بۇ شەھەردىكى كىشلەرگە نىمە بولغاندۇ؟!
-سىز تېخى بىلمەمسىز؟<<ئاقنۇر>>دا شەھەردىكلەرگە ھەقسىز پائاليەت ئۇرۇنلاشتۇرغۇدەك.تىخى شەھەرلىك ھۈكۈمەت قوللاپ ،ئامانلىق ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئەۋەتكۈدەك.
بىلدىغانلار سۆزلەيتى.بىلمەيدىغانلار سۇرايتى.
-نەدە بولدىكەن .ئاقنۇرنىڭ ئالدىدىن بايا ئۆتتۈم ھېچ پائاليەت بولدىغاندەك ئەمەس.(
داۋامى داۋاملىق يوللىندۇ)
مەنبە؛www.termiler.comمۇنبىرى.
(بۇرۇن مىنىڭ ئەسرىم بىرنەچچە قېتىم روخسەتسىز باشقا يەرگە چىقىپ قاپتۇ،ھەممىمىز ئۇيغۇر سەتلىشىپ يۈرمەيلى ،روخسەتسىز كۈچۈرمەڭ)
سۈمەييە تەستىقلىدى