>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> نەسىر-ئوبزورلار -> « سالغا تېشى » ____ روھلار كەچمىشى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 117 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : « سالغا تېشى » ____ روھلار كەچمىشى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
MUSIBAT

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
« سالغا تېشى » ____ روھلار كەچمىشى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلار ياخشىمۇ سېلەر !
ئوتكەندە مۇختېرېم <> دوستۇم بۇغدا ئابدۇللانىڭ سالغا تىشى ناملىق داستانىنى يوللاپتىكەن ،قارىسام ئۇنىڭغا چۇشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۇپ كۆڭلۇم غەش بوپ قالدى . شۇنداق داڭلىق بىر ئەسەرنى شەبنەم ئەھلىگە يوللىسا ئۇنى كۆرگەن ئادەمنىڭمۇ تايىنى يوقكەن ،   شۇڭا بۇتىمىنى يوللىدۇم . بۇ مىنىڭ ئەسىرىم بولمىسىمۇ لىكىن شەبنەم ئەھلىنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرشىدىغانلىقىنى ئۇمۇد قىلىمەن .

سالغا تىشىنىڭ ئۇلىنىشى:./read.php?tid-28601-keyword-.html



بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» 2005-يىللىق 4-ساندا ئېلان قىلىنغان.
抒情长诗《飞石》的文化解读
ئابدۇسالام شۈكۈر نوھ

قىسقىچە مەزمۇنى: «سالغا تېشى» 20-ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى مۇۋەپپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان. ماقالىدە، شائىرنىڭ تەسەۋۇر دۇنياسىغا ئىچكىرلەش بىلەن بىللە داستاندا يارىتىلغان شېئىرىي تېما، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي ئىماگ، ئوبراز، سىمۇۋۇللارنىڭ مەنە قاتلاملىرى مەدەنىيەت نوقتىسىدىن يېشىپ چۈشەندۈرۈلۇپ، داستاننىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ-
«سالغا تېشى »○1 شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى نۇرغۇن قېتىملىق ئىچكى سەكرەشلەرنىڭ بىر قېتىملىىق سەمەرىسى ھەم شۇنداقلا 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ يىرىك شەكلىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان . تېما نۇقتىسىدىن ئېنىق ئايرىش توغرا كەلسە ئۇنى ئەنئەنىۋى تېما تۈرلىرى بويىچە ئاددى ھالدا مەلۇم ئىجتىمائى ياكى ئەخلاقى تۇرمۇش تېمىلارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشنىڭ شائىرنىڭ بەدىئى تەپەككۈرۈدىكى چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ ساددىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز .
شېئىر --- قەلبنىڭ ساداسى ،ئىنسان روھىنىڭ تەبىئەتتىكى ئەركىن پەرۋازىدىن ئىبارەت . لېكىن ئۇ يەنىلا مۇئەييەن ئىجتىمائى تۇرمۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ . بۇ يەردىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش دەل شېئىرنىڭ تېمىسى ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇپراق ، شائىرنىڭ تەپەككۈر خامىنىغا بەرىكەت ،تەسەۋۋر قۇشىغا قانات ئاتا قىلغان مەنبەدىن ئىبارەت .
« سالغا تېشى » نى شائىرنىڭ بەدىئى زىمىنىغا ئۇرۇق قىلىپ چاچقان تارىم بويلىرى ، تەكلىماكان ۋادىسى ۋە يىپەك يولى شائىرنىڭ بەدىئى دۇنياسىغا بىر پۈتۈن ئەتراپلىق ، جانلىق تەپەككۈر بېغىشلاش بىلەن بىللە ، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىغا زامان –ماكان چېگرالىرىنى بۆسۈپ چىقىپ ،ئانا تارىمنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھايات ناخشىسىنى ئاڭلىيالايدىغان ، تەكلىماكان تۇپرىقىغا سىڭىپ كىرىپ " شەھرى كېتىك "رىۋايىتىنى تىڭشىيالايدىغان ، يىپەك يولىدا قەدىمى كارۋانلارنىڭ ئىزىدىن ئەجداتلارنىڭ جاسارىتىنى كۆرەلەيدىغان شېئىرى ھىسسىياتنى ئاتا قىلغان مەنبە دىيىشكە بولىدۇ .
« سالغا تېشى » دا يارىتىلغان بۇ پوئىتىك مەنبەنىڭ رىشتىسى شېئىردا يارىتىلغان كۆپ قاتلاملىق تېمىلار ،شېرىئي ئىماگلار ، ئوبرازلار ،سىموۋوللار ئارقىلىق ئۇنىڭ تارىخى يىلتىزىغا شۇنچىلىك ئىچكىرىلەپ كىرگەنكى ،بىز شائىرنىڭ ئۆركەشلىگەن ھىسسىيات دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ ، ئۇنڭ ئەسلى مەنبەسىنى يەنى شائىر ياراتماقچى بولغان تەبىئى مۇھىتنى تېپىشقا مۇيەسسەر بولىمىز .
« سالغا تېشى » نى پەلسەپىۋىي تېمىدىكى شېئىر دىيىشكە بولىدۇ . پەلسەپىۋىي شېئىرلارمۇ لىرىكىلىق جەھەتتىن ،تۇرمۇشنى ئوبرازلىق ئىپادىلەش يېقىدىن باشقا شېئىرلار بىلەن ئوخشاش . بىر پارچە شېئىردا يارىتىلىۋاتقان " شېئىرىي مۇھىت " ،"تەبىئى مۇھىت " ئوبرازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئالدىنقىسى شائىرنىڭ سوبېكتىپ دۇنياسىغا مەنسۇپ بولسا ،كېيىنكىسى ئوبېكتىپ دۇنياغا مۇھتاج . « سالغا تېشى » دا يارىتىلغان "شېئىرى مۇھىت " شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئىجادىيەت نىشانى بولغان بولسا ، شېئىرغا "تەبىئى مۇھىت "بولغان يىلتىز پەيلوسوفلارچە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقان بۇغدا ئابدۇللا تەپەككۈر خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى بولغان .
شېئىر ھامان رىئاللىقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سەنئەت . شېئىردىكى تەسەۋۋۇر ماددى قانۇنىيەتلەرنىڭ كونتۇرۇللىقىدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ . "شېئىرنىڭ پەۋقۇلاددە قىممىتىمۇ شائىر ھىسسىياتىنىڭ مۇئەييەن ماددى تەنچە ئارقىلىق يارىتىلىشى،سوبېكىتنىڭ ئوبېكىتقا بولغان پائال ئاسمىلاتسىيەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا كۆرىلىدۇ " ○2 . شائىر « سالغا تېشى » دا "تارىم "،"تەكلىماكان " ۋە يىپەك يولىغا مەنسۇپ بولغان ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى ، بۈگۈننىڭ زامانىۋى ئەپسانىلىرىنى سۆزلەپلا قويماي ، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت ئۈچۈن مۇقەددەس ھىساپلىنىغان ساختا بۇرچكارلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ ، شائىرانە ھىسسىياتىنى پەلسەپىۋىي ئىدراكىلىققا ئىگە قىلىش بىلەن ئوبېكىت بىلەن سوبېكىت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى يەككە ئۆلچەم قىلىشتىن ئىلگىرلەپ ، ئۆز خەلقىنىڭ تارىختىكى ئورنى ، مىللەتنىڭ روھى دۇنياسى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ، تەقدىرى ۋە كۈرەشلىرىنى كۆپ خىل ،قاتلاملىق شېئىرى ئىماگلار بىلەن ئىپادىلەپ بەردى .
شائىر « سالغا تېشى » دا كۆپ خىل ئىماگلار نى ئۇيغۇر مىللى مەدىيىتى ۋە مىللەت روھىنىڭ گۇۋاِچىلىرى سۈپۈتىدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىپ ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي ھىسسىياتىنى ماددى تۈسكە ئىگە قىلسا ، بۇ ئارقىلىق بىر پۈتۈن شېئىرى ئوبرازلارنى ئادىمى تۈسكە ئىگە قىلىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇلغان مەنا چوڭقۇرلۇقى ۋە ئوبراز قۇرۇلمىلىرى ، بەدىئى ماھارەت ۋە ئېستېتىك غايە ئۈستىدە ئىزلەندى . شۇڭا بىز « سالغا تېشى » نى ئوقۇغان چېغىمىزدا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھەيرانلىققا چۆمىمىز . شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، روھىيەت قىرغاقلىرىغا تۇتاشقان ، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ئاجايىپ ،لېكىن غەلىتە ئەمەس بولۇپ ، ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت قانۇنىيەتلەرنىڭ كونتۇرۇللىغىدىن بۆسۈپ چىقىپ ماكان –زامانسىز ئەبەدىلىككە ئىگە شېئىرى بوشلۇق يارىتالىغان . مانا بۇ بۇ شېئىرنىڭ يېڭىچە شېئىرلارغا خاس بولغان قىممىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يېڭى شېئىرىيەتنىڭ شېئىرى تەپەككۈر ئەندىزىسىدە قايتىدىن بىخ ئۇرۇپ كۆكلاۋاتقان ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىگە تۇتىشىدىغان پەقەت شېئىرىيەت مىللىتىگىلا خاس بولغان "شېئىرىيەت كارىدورى " .
يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر شېئىردا كۆپ خىل ئىماگلارنىڭ يارىتىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ . « سالغا تېشى » دا دەل مۇشۇنداق كۆپ خىل ئىماگلار قاتارى كىتاپخانلارغا ناھايىتى كەڭ بولغان تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قالدۇرىدۇ . بۇغدا ئابدۇللا ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ قىسمەتلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن تارىخ ھەققىدە تەپەككۈر يۈرگۈزگىنىدە ۋە ئۇنى چۈشەنگىنىدە ، ئۇلارنى يەككە قاتلاملىق ئوبراز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماستىن بەلكى ماھىرلىق بىلەن "تارىم " ،"تەكلىماكان "ۋە" يىپەك يولى " بىلەن سىموۋول قىلىنغان ئۆز خەلقىنىڭ تارىختىكى ئورنى ، مىللەتنىڭ روھى دۇنياسى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ، تەقدىرى ۋە كۈرەشلىرىنى يۇلغۇن ، چۆل ، مۇقەددەس دەرەخ، قۇملۇق ،توغراق ،ئادەم ، تۆگە ، ئارخولوگىيەلىك تېپىلمىلار ، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلار نىڭ ئوخشاشمىغان ماسلىق ۋە سېلىشتۇرما ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرۈپ ، تەقدىرنىڭ "سالغا تېشى"غا ئوخشاش چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىگە تاشلانغان لېكىن ھاياتقا بولغان مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن توغراققا ئوخشاش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ پۇتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋرلىرىدىكى مەدەنىيەت تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلارغىمۇ ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ، ئۆزىگە خاس ئىندۇۋىدۇئاللىق بىلەن دۇنياۋى خاراكتىرلىك مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى تىكلەپ ،كۆپ مەنبەلىك ئۆزگىچە مەدەنىيەتنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغان مىللىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ روھى كەچمىشلىرىنىڭ يىلتىزىغا يەتمەكچى بولىدۇ .
پۈتۈن داستان يەتتە تەبىئى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن . بىرىنچى بۆلەكتە يۇلغۇندىن ئىبارەت سىموۋۇللۇق ئوبراز بىزنى شائىرنىڭ ئۆزگىچە بولغان بەدىئى دۇنياسىغا باشلاپ ماڭىدۇ . يۇلغۇننىڭ ناخشىسى ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى بولۇپ ، زامان ( تارىخ ) نىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ، ماكان ( چۆللۈك ) نىڭ بوران – چاپقۇنلىرى ئۇنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا تىز پۈككەن . ھاياتلىق زەنجىرىدىكى رەھىمسىز شاللاش ۋە تاللاشلارغىچە شائىرنىڭ پەلسەپىۋىي دىققىتىدىن چۈشۈپ قالمىغان . يۇلغۇننىڭ ھاياتى كۈچى خۇددى نېل ۋە دونايغا ئوخشاش ھاياتلىقنىڭ ياشاشتىكى ئىنتىلىش كۈچىگە تەققاسلانغان بولۇپ ، نېل ،دوناي ، پرومىتى ،ئۇرۇق قاتارلىقلار بۇ خىل ھاياتى كۈچكە ماس سېلۇشتۇرمىنى ھاسىل قىلىدۇ ، ھەتتا تەبىئەتنىڭ ئەركىسى بولغان دىنوزوۋۇرمۇ زامان – ماكاننىڭ شاللاشلىرى ئالدىدا ئامالسىز . مانا بۇ خىل ماسلىق قانۇيىتىگە ۋە كۈچلۈك سېلۇشتۇرما بولالايدىغان ھاياتلىق كىرىزىسىگە شائىرنىڭ لىرىك تەسەۋۋۇرى خۇددى قىزىل يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجانغا ئوخشاش ئۇلىنىپ كېلىدۇ .
تەقدىرنىڭ سالغا تېشىغا ،
ئوخشاپ قالىدۇ چۆل بىلەن ئىنسان .
شائىرنىڭ تەپەككۈرى تەبىئەت ياكى چۆل ھەققىدىكى بايانلارلا ئەمەس ،يۇقىرىقى ئىككى مىسرادا شائىرنىڭ سىموۋول دۇنياسى ھاياتلىق ۋە ياشاشىنى مەركەز قىلغان پۈتكۈل تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتكە تۇتىشىدۇ . شائىرنىڭ شېئىرى تەپەككۈرى پۈتكۈل تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ ئەسىرلىك كۈرەشلىرى جەريانىدا شەكىللەنگەن ھاياتلىق ۋە بەرباتلىقتىن ئىبارەت پەلسەپىۋى دۇنياقاراشنى مەركەز قىلغان چوڭقۇر قاتلاملىق تەپەككۈر بولۇپ ، شېئىرنىڭ تېمىسىنى دۇنياۋى كەڭلىككە ، شېئىرىي مەزمۇنلارنى پەلسەپىۋىي مەنبەلەرگە تۇتاشتۇرۇدۇ .
ئىككىنچى بۆلەكتە ، شائىر تەپەككۈرىنى دۇنياۋى كەڭلىكتىن مىللىلىككە قاراپ تەرەققى قىلدۇرىدۇ. مۇقەددەس دەرەخ ، تۇغ – شادا ، قۇملۇق ، داپ ،تاش ئۆڭكۈرلەر ، مىڭ ئۆي قاتارلىق شېئىرى ئىماگلار تەسەۋۇرىمىزغا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ مۇھىم مەيدانلىرىنىڭ بىرى ،ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ئىقلىمىغا باشلاپ كىرىدۇ .
مۇقەدەس دەرەخقە چېگىلگەن لاتا ،
.............................................................
قايتار ئادەملەر تۇغ – شادىغا ،
.................................................................
شېئىردىكى مىللى فولكلۇرلۇق مەدەنىيەتنىڭ سىموۋۇللىرى بولغان ئىماگلاردىن قەدىمكى زامان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئانىمىزىم ۋە ئىپتىدائى تەبىئەت ئىلاھچىلىقىغا مەنسۇپ بولغان ساددا ماتىرىيالىستىك ھايات ۋە دۇنيا قارىشىنى كۆرەلەيمىز . بۇ خىل دۇنياقاراشلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر روھىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ،ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىلا دۇنياغا كەلگەن تەبىئەت روھلىرى، ئىنسان روھلىرى ۋە كېيىنكى قەھرىمانلىق روھلىرىغا سېغىنىش ھەم بىلىش تارىخىدىكى ساددا قاراشلىرىنى سېستىمىلاشتۇرۇپ پەلسەپەۋى تۆت زات قارىشىنى بەرپا قىلىشىغىچە شۇنداقلا ئۇلارنى گۈزەل غايىۋى روھ غايىلىرى بىلەن بېزىشىگىچە بولغان روھىيەت كەچمىشلىرى تەسەۋۋۇرىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ ئاجايىپ كەڭرى شېئىرىي مۇھىتنى ھاسىل قىلىدۇ .
......................................................
روھ يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ قۇملۇقتا .
.......................................................
ئاقار قۇملۇق لايلانماي پاكىز.
قاتارلىق شېئىرى جۈملىلەردىكى قۇملۇق ئىماگى شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ھەم تۇپراقنىڭ ھەم سۇنىڭ ئوبرازى بولۇپ ، يۇيۇلۇش ،ئېقىش پېئىللىرى بىلەن ھەركەتلىنىۋاتقان شېئىرى ئىماگ(قۇملۇق ) بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ ماددى قانۇنىيەتلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا شائىرانە تەسەۋۋۇر بەخش ئەتسە ،يەنە بىر تەرەپتىن شېئىرى مۇھىت ئوبېكتى بولۇۋاتقان چۆللۈك مۇھىتىغا جان ئاتا قىلىدۇ . يەنە كېلىپ تۇپراق ،سۇ ، ئوت ۋە ھاۋادىن ئىبارەت تۆت زات قارىشىنىڭ شېئىردا تولۇق ئوتتۇرۇغا قويۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ شائىر تەپەككۈرىگە پەيلوسوفلارچە چوڭقۇرلۇق بېغىشلايدۇ .
ئۈچىنچى بۆلەكتە شائىر ئۆز مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ياراتقان ماددى ۋە مەنئىۋى بايلىقلىرىنىڭ ھەقلىق ۋارىسى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ،گۈزەل شېئىرى ئوبراز ۋە ئىماگلار سېستىمىسىدا بۇنى پۈتۈن ئالەمگە جاكالايدۇ . مۇقام، قاراقۇرۇم ، ئىدىقۇت ،خان سارايلىرى ،ئىبادەتخانا ، ئالتۇن مەبۇد ،ئالتۇن چىراق،ئۇرخۇن ، تارىم ، تەڭرىتېغى ،بۆشۈك ، مەھمۇت ، يۈسۈپلەر ۋە بۇلاردا ئىپادىلەنگەن روھ يەنىلا مىللى – ئىتنىك – فولكلور شەكىللىك مەدەنىيەتتە ئىپادىلەنگەن ، ئومۇمى ئىنسانىيەتكە تەۋە بولغان مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن ئىبارەت . شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ شېئىر تېمىسىنىڭ تارايغانلىقى ئەمەس بەلكى داستاننىڭ مىللىلىككە ، شائىر قەلبىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىككە تويۇنغان ھالىتىنى نامايەن قىلىدۇ .
داستاننىڭ تۆتىنچى بۆلىكى شائىر تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ ، رىۋايەت بىلەن ئووتتۇرىغا قويولغان شېئىرى تراگېدىيە شائىرنىڭ تەپەككۈرىدە قەدىم بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرنى، ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى ئۇلايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساددا ھايات ۋە تەبىئەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ،رىئاللىققا يۈزلىنىپ ، ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇيدىغان بىر پەللە سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان . ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇش باشقىلارنىڭ پاجىئەسىنى كۆرگەندە كۈچىيىدۇ . دىمەك پاجىئە ۋاستە بولىدۇ . " كېتىك شەھىرىنىڭ قۇمغا غەرق بولىشى " تەكلىماكان تراگىدىيەسىنىڭ بىر قىسمىلا خالاس . شائىر سەنئەتكار سۈپۈتىدە بۇ خىل تراگىدىيەنى ئېستېتىك قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىش بىلەن پەلسەپىۋىي تەپەككۈرگە تايىنىپ تراگېدىيەنىڭ مەھەللىۋىي – مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ .
سۇ ئىلاھى قۇدرەت كۈچىنى
كۆرسىتىدۇ فىروزەسىمان .
داستاننىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە تەكلىماكان ۋە چۆل روھىنى تەسۋىرلىگەندە ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ قۇرغاق مۇھىتى بىلەن ئىچكى جىپسىلىققا ئىگە بولۇپ ، شائىرنىڭ شائىرانە تەسەۋۋۇرىغا زادىلا بېقىنمىغان سۇ ئوبرازى بۇ بۆلەكتە رەسمى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . چۆللۈكتە قەدىمدىن بۇيان سۇ مەسىلىسى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . شائىر داستاندا بۇ مەسىلىنى ئاقما ھىساۋات شەكلىدە ياكى لىرىكىدىن ئايرىلغان ئىپىكىلىق بايان شەكلىدە ئوتتۇرۇغا قويماي بەلكى شېئىردا ھىسسىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان . شېئىردىن كۆرىمىزكى شائىر داستاندا مۇھىتنىمۇ يازغان ، لىرىكىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن .بەزىلەرنىڭ قارىشىدا پەلسەپىۋى شېئىرلاردا شېئىرى شەكىل ئارقىلىق پەلسەپىۋىي قاراشلار سۆزلىنىدۇ دەپ قارايدۇ . بۇ خاتا . پەلسەپىۋىي شېئىرلارنىڭ ماھىيىتى كۈچلۈك لىرىكا ئىچىگە چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ھىكمەتلەر سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ . « سالغا تېشى» دەل مانا مۇشۇنداق ئىجادىيەت مۇددىئاسى ئورۇندالغان مۇنەۋۋەر داستان .
قۇم چېچىپ يۈرگەن ياۋايى تۆگە ،
تۆگە يەنە بىر سالغا تېشى ،
بۇ يەر ئۈچۈن چۈشىشى ،
بۇ يەر ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىشى ،
ئۇتتۇرۇش ئەمەس زۇۋانسىزلىقى ،
چۆلدە يۈرگىنى ئەمەس غاپىللىقى .
داستاننىڭ بېشىدا چۆل ۋە ئىنسان تەقدىرنىڭ سالغا تېشىغا سىموۋۇل قىلىنغان بولسا داستاننىڭ 5 – بۆلىكىدە تۆگە سالغا تېشىغا سىموۋۇل قىلىنىپ ، شائىرنىڭ تەقدىر قارىشىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتىرىدۇ . شائىرنىڭ تەپەككۈرىدىكى تەقدىر قارىشى تاللاشتا ئەمەس ،—— ياشاشتا ،تىز پۈكۈشتە ئەمەس ،—— باتۇرلۇقتا ، غاپىللىقتا ئەمەس —— ئاڭلىق قوبۇل قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ .بۇ خىل ھايات پەلسەپەسىنى پەقەت چۆل خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن بىرلەشكەن ئوبراز ئىدىئالى —— دەشتتىن تۆرەلگەن تۆگە ئوبرازى ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ ،ئەلۋەتتە .
رىۋايەتلەر ئارقىلىق يىراق تارىىخ ۋە ئۇنى ياراتقۇچىلارنىڭ روھى كەچمىشلىرىنى سەكرەتمە شەكلىدىكى شېئىرى بوشلۇقلۇقلارغا، تاشقى شەكىل ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندائىچكى رېتىمدارلىققا ئىگە قىلىنىشى داستاننىڭ ناھايىتى چوڭ مۇۋاپىقىيىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . شائىرنىڭ تۆگە ھەققىدىكى رىۋايىتى يەنىلا ئىنسان ۋە ئىنسان روھىغا ئىچكىرىلەش ئۈچۈن . ئۆتمۈشنىڭ شانۇ – شەۋكىتى ،تارىخنىڭ سەلتەنىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنىلا روھلار كەچمىشى ، روھلار نامايىشى ،روھلار تاللىشى . شائىر ئەجداتلارنىڭ ھاياتلىق سەپىرىدىكى يارىتىش ۋە يوقۇتۇش ، ئىلگىرىلەش ۋە چېكىنىشلەرنى لىرىكىلىق مۇھاكىمىگە تاپشۇرۇپ ، روھنى بارلىق ماددى ۋە ئىجتىمائى جەريانلارنىڭ نېگىزىنى ئېنىقلاشنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە :
بىز ئىنسان ، بىز كىبىر ئىچىدە ،
روھى بىلەن كەلدۇق ئېتىشىپ .
دەپ تەسۋىرلىسە ، ئارقىدىنلا ئەجداتلارنىڭ ھەر بىر روھى پارلاقلىقىنى پەخىرلىنىش بىلەن ئەسكە ئالىدۇ :
ئۇ بۈگۈنگە ئايلانغان قەدىم ،
يىراق دېڭىزغىچە بارغان ،راست .
يېرىم ئۇخلاق ياۋروپاغا،
يىپەك يېپىندۇرغان ، راست .
بۇ شېئىرىي جۈملىلەر بىزنى زوقلاندۇرىدۇ ،تەسىرلەندۈرىدۇ . بۇ خۇددى داراپېر ئېيتقان " ئەگەر ياۋروپا ئىدىيىلىرى باكتىرىيە ئارقىلىق يىراق شەرققە تارقالغان دەيدىكەنمىز ، ئوخشاشلا ئاسىيا چۈشەنچىلىرى ئاشۇ قانال ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغان " ○3 دىگەن سۆزنىڭ شائىرنىڭ شېئىرىي ھىسسىياتى بىلەن تويۇنۇپ ،لىرىكىلىق شەكىلدە شېئىرىي تۈستە ئىپادىلىنىشىدەك كۆرىنىدۇ . لېكىن شېئىرنىڭ بىزنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىشى يىپەك يولىنىڭ ئىللىنىزىملىق ○4 مەدەنىيەت ھادىسىسىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچانلىق ئورنىىغا بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمەتنىڭ شائىرنىڭ ھىسسىيات بۇلىقىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقانلىقى ، شېئىردىكى ئىماگ ، سىموۋۇل ، مەنئىۋى مۇھىتلار بىلەن بىرلىشىپ بىزنى بۇ خىل ھىسسىياتنى ھىس قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ .
كۆپ خىل ۋە قاتلاملىق ئىماگلارنىڭ يارىتىلغانلىقى «سالغا تېشى » نىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى . ھەرقانداق شېئىردا ئىماگ بولىدۇ ،گەپ ئىماگنىڭ چوڭقۇر يارىتىلغان ياكى يارىتىلماسلىقىدا . داستاننىڭ 6 –بۆلىكىدە بىزنى شېئىرنىڭ مەنە قاتلىمىغا باشلاپ مېڭىۋاتقان شېئىرى كۈچنىڭ شائىرنىڭ سوبېكتىپ دۇنياسىدا مەلۇم خىل يۈكسەكلىكلەرگە ، زاماننىڭ قىسمىتى ، ماكان ( ۋەتەن ) نىڭ قىممىتىگە تەڭداش بولۇپ كېلىۋاتقان ئىماگلار قاتارى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز .
ئابىھايات تامغان توغراقلارغا
مىڭ يىل ياشايدۇ تىك تۇرۇپ ،
مىڭ يىل ياشايدۇ يانچە يېتىپ ،
مىڭ يىل ياشايدۇ قىغى ، تۆرىلىپ ....
توغراق ،توغراق يېشىل روھمىكىن ،
لەيلەشلىرى كۆركەم ۋە نازۇك .
شېئىردىكى توغراق ۋە باشقا ئىماگلار ئاساسەن تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىنغان ئىماگلار بولۇپ ، ئۇ لار مۇستەقىل ئوبېكتىپ مەۋجۇتلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئىنسان مەۋجۇتلىقىغا تايىنىپ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ ياكى ئادەملەرنىڭ خوشاللىق –قايغۇلىرى ئۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ . بىراق بۇ ئىماگلار بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئېستېتېك تەجرىبىسى ۋە مەنئىۋىي پەزىلەت سۈپىتىنىڭ تەسىرىدە چۆللۈك ۋە چۆل ئادەملىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ھاياتىي قۇۋۋىتى ۋە مەنئىۋى قۇدرىتىنىڭ سىموۋۇلىغا ئايلىنىدۇ.
داستاننىڭ بۇ بۆلىكىنى شېئىرنىڭ ئەۋجى قىسمى دىيىش مۈمكىن . چۈنكى شائىر بۇ بۆلەكتە چۆللۈك ھەققىدە ،مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى ، قىسمىتى ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت روھى ، قەھرىمانلىق قاراشلىرى ۋە باشقىلار توغرىسىدا باشقا بۆلەكلەردىكىدەك ئۈزۈك زامان ھالىتىدە ئوتتۇرىغا قويماستىن بىر پۈتۈنلۈكتە ئىپادىلەيدۇ . شېئىردىكى پەلسەپىۋىي تۈس بارغانچە قېنىقلىشىپ ، شائىرنىڭ ھىسسىياتىغا مەنبە بولۇۋاتقان مىللى مەدەنىيەتنىڭ ماددى ۋە روھى تارىخى قىياپەتلىرى گۈزەل لىرىكىلىق ئوبرازلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ .
داستاننىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە شائىرنىڭ توختىماي يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان لىرىك ھىسسىياتى قېنىغا چۈشكەن بولسىمۇ لېكىن پۈتۈن شېئىردا ئىزچىللىقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان شېئىرى كەيپىيات ، شېئىرى مۇھىت يەنىلا داۋاملىشىدۇ . ئىخچام ،شېئىرى بوشلۇقلارغا ئىگە شېئىرىي جۈملىلەر شائىرنىڭ تېخى بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقان تەكلىماكان ، تارىم ۋە مىللەتنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى تېخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ .
«سالغا تېشى» مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا 20 –ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى مىللەتنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تەپەككۈرىنى ئىچكى ئىجادىيەت مەنبەسى قىلغان . پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خاس بولغان ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەت روھى بىلەن مىللەتنىڭ مىللى- ئىتنىك مەدەنىيەت مەنبەلىرىنىڭ كېسىشمىسىدە ھاياتلىق ھەقىقەتلىرى ۋە روھى ھەققىدە ئىزلىنىلگەن . شېئىرىيەت نۇقتىسىدىن كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئىنسان روھىنى مەركەز قىلىدىغان تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ يېڭى شېئىرىيىتىمىزدىكى نادىر ئۈلگىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، شېئىرى شەكىل ، شېئىرى ئوبراز ، شېئىرىي ئىماگ ، شېئىرىي مۇھىت ، شېئىرىي تىل ، بەدىئى غايە قاتارلىق جەھەتلەردە شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ يېڭى بىر بەدىئى دۇنياسىنى بەرپا قىلغان .
«سالغا تېشى» ئالدىنقى ئەسىردىن يېڭى ئەسىرگە قارىتىپ ئېتىلغان . ئۇ ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ بەدىئى سېپىللىرىدىن قاڭقىپ چىقالىدى . ئىشىنىمىزكى ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ئېنىرگىيەسى بارغانچە كۈچىيىدۇ . چۈنكى " شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ " . ○5
ئىزاھاتلار :
1. بۇ داستان «تەڭرىتاغ » ژورنىلىنىڭ 1995 – يىللىق 3 –سانىدا ئېلان قىلىنغان . شېئىرىيەت ساھاسىدە مۇنازىرەلەرنىڭ بولۇشىغا سەۋەپ بولغان .
2. « قەشقەردىكى يەر شارى » 7- بەت شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2000- يىلى 12 –ئاي 1 –نەشرى
3. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى « 52 –بەت شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 – يىل 8 –ئاي 1 –نەشرى
4. ئېللىنىزىم --- ئىلىن (گرېك ) مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان ، گرېكلەشكەن دۆلەتلەر دەۋرىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ .)يۇقىرىقى كىتاپ 53-بەت)
5. بۇغدا ئابدۇللا « شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 –يىلى 10 – ئاي 1- نەشرى

پايدىلانغان ماتىرىياللار :
1 . بۇغدا ئابدۇللا ئەسەرلىرىدىن تاللانما (1) «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 –يىلى 8 – ئاي 1- نەشرى
2. بۇغدا ئابدۇللا ئەسەرلىرىدىن تاللانما ( 2) «كومزەك كۆتۈرگەن قىز » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 –يىلى 8 – ئاي 1- نەشرى
3. « قەشقەردىكى يەر شارى » 7- بەت شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2000- يىلى 12 –ئاي 1 –نەشرى

ماتېماتىكا تەستىقلىدى

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
شۆھرەت:20(gul-sanam)

[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 22:34 چوققىغا قايتىش
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 903
شۆھرەت: 1121 نۇمۇر
پۇل: 9116 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:843(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئانا تارىم ھەم تەكلى ماكاننى تېما قىلغان ھەر بىر قۇرلاردىن ، قەلىبلەرگە بىر خىل جەزبىدارلىق بىلەن مۇڭلۇق كۈي ئاڭلانغاندەك بىلىنىدۇ. تارىم چەكسىزلىكىدە سەھەردە بالقىغان قۇياش گويا قۇم ئاستىدىكى نامەلۇم كۈچ   بىلەن   ئىتتىرىپ چىققان   قېلىشنىڭ يېلىنجاپ كۈيۈۋاتقان ئەگرى بىسىدەك ، قۇياشنىڭ ئۈستىنكى ئەگمىسىنىڭ بۇ تەكشىلىكتە كورنىشى نىڭ ئوزىمۇ بىز مەنگۈ تەسبىرلەپ تۈگتەلمەيدىغان گۈزەللىك .. بۇ تىمىدىن   بەك سۈيىندىم.

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 23:09 چوققىغا قايتىش
MUSIBAT

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

مۇختېرېم بۇ مۇنبەر ئارقىلىق سېزگە بولغان ھىسداشلىقىمنى ئىپادىلىمەكچىمەن .
چوڭ دادىڭىز بىلەن چوڭ ئاپىڭىزنىڭ كەينى كەينىدىن تۇگەپ كىتىشى سىزگە ھەقىقەتەن ئىغىر كەلدى، لىكىن ئاللا ئۆزى بەرگەن جاننى يەنە ئۆزى ئالىدۇ . ھاياتلارنى ئويلاڭ !
سىزگە سالامەتلىك ،بەخىت -سائادەت -تىلەپ دوستىڭىزدىن<؟>


:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::


Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 23:23 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-11 15:42, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije