>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> [ئالپامىش]مەن ۋە كۈلدان [7]

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 194 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : [ئالپامىش]مەن ۋە كۈلدان [7] IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Alpamish
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 151
شۆھرەت: 309 نۇمۇر
پۇل: 1601 سوم
تۆھپە: 90 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:159(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
[ئالپامىش]مەن ۋە كۈلدان [7]

 
  قاراڭغۇ بىر قوتانغا سولاپ قويغىلى ئىككى سائەتچە بولدى... سىرتتا قىقاس-چۇقان، ئالا-تاغىل ۋاقىراشلار ....نەپىسىم ئېغىرلىشىپ، كۆزۈمگە قان تولۇپ كىمنى كۆرسەم ئۈسىمەن دەپ تۇرسام قوتاننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ كەتتى... يۈگرەپ چىقتىم، بىر دۈگىلەك مەيدان ئىكەن، مەيداننىڭ چۆرىسىگە ئىگىز تام قوپۇرۇلغان، ئىككى ئۈچ مەخلۇق قوللىرىغا بايراقتەك بىرنىمىلەرنى كۆتۈرۈپ ماڭا پۇلاڭشىتىۋاتاتتى...
بايرىقىنىڭ رەڭگى قىزىلدەك قىلاتتى، ياكى قان تولغان كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنىۋاتامدۇ بىلمىدىم... ئالدىغا قاراپ چاپتىم!... غەزەپ بىلەن ئۈستۈم، ئەمما سەنتۈرۈلۈپ كەتتىم. لاتىغا ئۈسۈپتىمەن...ئاۋۇ مەخلۇق شۇ لاتىنىڭ كەينىدە تۇرغاندەك قىلاتتغۇ..؟
  دۈمبەمگە ئۇزۇن بىر زىخ سانچىلدى... مەيدانىدىكى باشقا مەخلۇقلار چۇرقۇرۇشۇپ كەتتى.....ئاھ!.. يەنە نەچچىسى سانچىلدى، ماڭا زىخ سانچىغان ئەبلەخلەرگە ئېتىلدىم... ئەمما ئۇلارنىڭ بايراقلىرى كۆزۈمنى ئالا چەكمەن قىلىپ پەقەت ئۈسەلمىدىم...بىر پارچە رەخ بىلەن كاللامنى پېقىرتىۋەتتى...
  قانچىلىك ئېلىشقىنىمنى بىلمەيمەن... ھالسىراپ كەتتىم، تېنىقلىرىم تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، دۈمبەمدىن ئىسسىق بىرنەرسە ئاققىلى خېلى بولۇپ قالغان ئىدى... ئاخىرى ئۇزۇن شەمشەردىن بىرنى گەجگەمدىن بىراقلا تىقىۋەتتى... ئاھ! يۈرىكىمگە سانجىلغان ئوخشايدۇ...
  ھەي... ئۆلگىچە ئاۋۇ ئەبلەخنى بىر ئۈسىۋالغان بولسام... پەقەت بىرلا ئۈسىۋالغان بولسام... تىزلىرىم پۈكۈلۈپ كەتتى... بۇ مەخلۇقنىڭ ئالدىدا كۈچلۈك گەۋدەم ئېگىلىۋاتاتتى، ئالدىمدا قىزىل لاتا يەنىلا پۇلاڭشىماقتا...
  كۆزلىرىم خىرەلىشىشكە باشلىدى... مەيداندىكىلەرنىڭ قىقاس-سۈرەنلىرى ماڭا ئاڭلانمايۋاتاتتى... كۆزلىرىمگە مەن يايلىغان گۈزەل يايلاقلار، ساپ ھاۋا، كۆك ئاسمان، قېرىنداشلىم... كۆرۈنگەندەك بولدى...
توۋا... مۇشۇ بەستىم بىلەن قانداق بولۇپ موزىيىمدىن كىچىك بۇنداق ھېيلىگەر مەخلۇقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم؟...

  چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم... قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىپتىمەن. توۋا مەن ئىسپانىيە كالىسى بولۇپ چۈشەپ، بۇقىۋازلارنىڭ قولىدا ئۆلۈپتىمەن ''قېلىچ ئوينىتىدىغانلارنى قېلىچۋاز دىگەندىكىن بۇقا ئوينىتىدىغانلارنى بۇقىۋاز دەۋەردىم'' ئۇف....قىززىق چۈش، ئەبجەش چۈش...
  بۇ ئاشۇ ھېيلىگە ئالدانغان قېنى قىززىق بۇقىنىڭ چۈشىمىدۇ ياكى ھېيلىگەرلىككە تويۇنغان كۆزى قىزىل ئىنساننىڭ چۈشىمىدۇ؟... كاللام قاپاق...

[بۇرۇن بىر يوللىنىپ،قالايمىقان ئىنكاسلار سەۋەبىدىن ئۆچۈرىلگەن تېما،قايتا تەھرىرلىنىپ يوللاندى]
[توغراقلىقتىن كەلگەن ئەبجەش سادالار،رۇخسەتسىز كۆچۈرىلمىسۇن]

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
ياخشى باھا:10(gul-sanam)

Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 21:48 چوققىغا قايتىش
UYGURA
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 365
شۆھرەت: 386 نۇمۇر
پۇل: 3650 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:54(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن...بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!

Nurluk elani

يىغلىما،ئەر! ئەجداد روھى قۇرۇنمىسۇن!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 21:56 چوققىغا قايتىش
tiniq-xamal
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1380
شۆھرەت: 1415 نۇمۇر
پۇل: 11916 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:474(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھاھاھا ئەسەرلىرىڭىز خېلى ئادەمنى جەلىپ قىلىدۇ جۇمۇ
مۇبارەك قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز توختاپ قالمىغاي
[tiniq-xamal] ئاۋازىنى قويۋىتىپ ناخشىنى باشلىدى



Nurluk elani

بىر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۆلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش،
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭگىراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 22:07 چوققىغا قايتىش
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 3737
شۆھرەت: 3944 نۇمۇر
پۇل: 20740 سوم
تۆھپە: 247 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:390(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ئاشۇ ھېيلىگە ئالدانغان قېنى قىززىق بۇقىنىڭ چۈشىمىدۇ ياكى ھېيلىگەرلىككە تويۇنغان كۆزى قىزىل ئىنساننىڭ چۈشىمىدۇ؟... كاللام قاپاق... BBS.xabnam.com din kochuruldi[
_______________________________________
مېنىڭچە ھىلگەرلىككە ئالدانغان ئاشۇ بۇقىنىڭ چۈشىمىكىن... بۇئاچچىق قىسمەت...مېنىمۇ قارا بېسىپ قالىدۇ بەزىدە...
كۈلداننى يوقىتىپ قويمىغايسىز ئەپەندىم رەھمەت،ھۆرمەت بىلەن: ئەركزات


Nurluk elani

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 23:26 چوققىغا قايتىش
arkinomar
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1379
شۆھرەت: 1380 نۇمۇر
پۇل: 13790 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:351(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تىمىڭىزمىنى چوڭقۇر ئويغا سىلىپ قويدى. ھېلىگەرلىك ، رەھىمسىزلىككە تولغان دۇنيا.

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-09 11:46 چوققىغا قايتىش
kawsaray

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 26
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالپامىش ئەپەندىنىڭ قەلىمى ھارمىغاي. ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان ئېسىل تېمىلىرىڭىزغا رەھمەت.
  بۇ مۇرەككەپ ، شەپقەتسىز دۇنيادا ئادەمنىڭ چۈشى تۇرۇپلا بۇزۇلىدىغان،   قارا باسىدىغان بولۇپ قالدىغۇ-تاڭ.
  ساپ نىيەت ، چىن ئىخلاسىمىزنى ساقلاپ قالايلى .


[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-09 16:34 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 360
شۆھرەت: 361 نۇمۇر
پۇل: 3600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:104(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسەرلىرىڭىز شۇنداق ئۆزگىچە !ئوسلوبىمۇ يىڭى، قەلىمىڭىز داتىلشىپ قالمىسۇن ئالپامىش ئەپەندى، ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى ، يۇقاپ كەتمەڭ ئۇنداق.

Nurluk elani

پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس.
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-10 19:34 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-11 15:39, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije