ASAN-YUSAN
ھالىتى :
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 1121
شۆھرەت: 1181 نۇمۇر
پۇل: 10619 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:280(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-19
|
قەدەھنىڭ لېۋىدە گۈلگۈن رۇبائىي
ھاياتتا دەرد-ئەلەم ئاز ئەمس ئاخىر ، <<چىدىساڭ ياشىغىن>> دەپتۇ بىر شائىر. ۋايساشنىڭ ئورنىغا ئىجتىھات كۆرسەت، سەن تېخى مەردلەرچە ياشاشقا قادىر. * * * تەك، ئۈزۈم-تكھپىسى سېخىي دېھقاننىڭ، مەي جامى-لېۋىدۇر ئىشچان جاناننىڭ. ئەمەسمۇ شۇ لەۋگە دىل بېرىش-سۆيۈش، ئېتقاد لەززىتى ئەمگەك ، جاھاننىڭ؟ * * * ئۆمرۈڭدە يار سۈبھى،چۈش، پېشىن ۋە كەچ، شاد-خۇرام ياشىغىن، تەشۋىش-غەمدىن كەچ. خاكىڭدىن ئادەملەر خىش پىشۇرغىچە، ئەجىر قىل،تاغ ئاتلا، دېڭىزلارنى كەچ.
* * * قىسمەتنى بولمايدۇ ئەتكىلى قىتاس، قۇت-ئامەت تىرىشچان ئادەملەرگە خاس. چاڭقىساڭ سۆيۈپ تۇر قەدەھ لېۋىنى، ھاياتتا يۈكسەككە ئۆرلە، قەدەم باس.
* * * بەزمىدە دىيىشتى ھەييام ، نەۋائىي: <<تارىم-كۈي، مەي،گۈھەر،پەرى دەرگاھى. ياشىغان بولساق بىز ئۇنىڭدا ئەگەر، يازاتتۇق يۈز ئەمەس مىڭلاپ رۇبائىي . * * * قۇي، گۈلگۈن شارابنى ، خۇمارسەن ساقىي ، غەيۋەتتىن،ھەسەتتىن بىزارمەن ساقىي. سۇخەنچى ئەمەسكەن قەدەھنىڭلېۋى، خاتىرجەم نەزمىلەر يازارمەن، ساقىي.
* * * بۇ جاھان تۇغۇم ۋە ئۈلۈم سارايى ، تەن-غايە،قۇت،شادلىق ،دەرد-كۈلپەت جايى. ھەييامدەك پاك ياشا، ئىجاد قىل ، مەي ئىچ، قەدەھنىڭ لېۋىدە گۈلگۈن رۇبائىي[/color] .....[color=blue]
--------------------------------------------------------- مەنبە : <<جۇڭگۇ مىللەتلىرى>> ژورنىلى 2003-5ساندىن ئاپتۇر : مامۇت زايىت
ماتېماتىكا تەستىقلىدى
[ بۇ يازما ASAN-YUSAN تەرپىدىن 2007-11-08 23:21 دە ق ]
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 20:58 |
| |