>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> تارىخ بەتلىرى -> 1937 -1938يىللىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پاجىئەلىك بولغان ئىدى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1333 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : 1937 -1938يىللىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پاجىئەلىك بولغان ئىدى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
i.z.q.i

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 164
شۆھرەت: 168 نۇمۇر
پۇل: 1124 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:71(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
1937 -1938يىللىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پاجىئەلىك بولغان ئىدى

1937 -1938يىللىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پاجىئەلىك بولغان ئىدى

30 -ئۆكتەبىر كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن يۈرگۈزگەن كەڭ كۆلەملىك تازىلاش-تەقىپلەش ھەرىكىتىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن
رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ستالىننىڭ تەقىپلىشىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

30-ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن موسكۋا يېنىدىكى بۇتوۋا دېگەن جايغا بېرىپ، 1938-1937- يىللىرى بۇتوۋا جازالاش ئورنىدا ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۈچۈن ئورنىتىلغان خاتىرە كىرىستىغا گۈل چەمبىرەك قويدى ھەمدە نۇتۇق سۆزلەپ، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى رىجىمنىڭ ۋەھشىلىكلىرىنى ئەيىبلىدى. پۇتىن سۆزىدە "ستالىننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان ئادەملەر ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قورقمىغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى رۇس دۆلىتى ۋە مىللىتىنىڭ جەۋھەرلىرى ۋە گۈللىرى ئىدى،" دەپ تەكىتلىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەممە خەلقلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ستالىننىڭ تەقىپلەشلىرىگە ئۇچرىغان.

ستالىننىڭ تەقىپلەش ھەرىكىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يۈز بەرگەن
ستالىن 1925-يىلى، لېنىن ئۆلگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا 10 ئون نەچچە يىل ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر قاتار ئىقتىسادىي-ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى شۇنىڭدەك شەخسكە سېغىنىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىگە نارازى بولغان ۋە ياكى قارشى پىكىر قىلغان ھەر قانداق ئادەمنى قاتتىق جازالىدى. ئۇ، 1934-يىلىدىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىست رەھبەرلىرىنى تازىلاش تەييارلىقى ھەم ھەرىكەتلىرىنى باشلىدى. 1937-يىلى 8-ئايدا ئىچكى سوۋېت ئىشلار كومىسسارلىقى 00447 -نومۇرلۇق ۋە كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 863-نومۇرلۇق مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىدى.

رۇسىيىنىڭ "newsru.com" ئۇچۇر تورىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1937-1938-يىللىرى بىر مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم " خەلق دۈشمىنى"، "ئەكسىلئىنقىلابچى" دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسىمى ئېتىلغان، قالغانلىرى سىبىرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى "گۇلاخ" دەپ ئاتالغان ئەمگەك لاگىرلىرىغا ھەيدەلگەن ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇلغان. "گۇلاخ" دەپ ئاتالغان ئەمگەك لاگىرلىرىغا ھەيدەلگەنلەر تاكى 1954-يىلىغىچە شۇ يەردە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بىراق، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى "گولاخلار"دا ئۆلۈپ تۈگىگەن. يەنە بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا ستالىننىڭ تەقىپلىشىگە ئۇچرىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئۈچ مىليون، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇشىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ھازىر رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتلىرى شۇنىڭدەك يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەر 1937-1938-يىللىرىدىكى ستالىننىڭ تەقىپلىشىنىڭ قۇربانلىرى ھەققىدە مەخسۇس "ماتەم كىتابلىرى" نى تەييارلىماقتا، بۇلارنىڭ بەزىلىرى نەچچە قىسىملارغا بۆلۈپ، نەشىر قىلىنماقتا، بۇ كىتابلارغا بارلىق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تىزىملىكى كىرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرلارمۇ ستالىننىڭ قۇربانلىرى


ستالىننىڭ 1937-1938-يىللىرىدىكى تازىلاش ھەرىكەتلىرىدە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ھۆكۈمەت، پارتىيە ۋە جامائەت ھەم مەدەنىيەت ئەربابلىرى بىردەك ھالدا ستالىننىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولدى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، مەزكۇر مەسىلىلەر بويىچە كۆپ ئىزدىنىپ، بىر قانچە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى رابىك ئىسمايىلوپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەشۇ دەۋردە يېتىشىپ چىققان ئەڭ ئىلغار كىشىلىرى ستالىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى پروفېسسورى بۇرھان قاسىموف، بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى تۈزگەن ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان نامايەندىلەر.

ستالىننىڭ تەقىپلەش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەجبۇرىي تۈردە ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، دراما تىياتىرى، نەشىرىيات ئورۇنلىرى ۋە باشقىلار بىردەك تاقالدى ھەتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىمۇ تاقىلىپ، پەقەت 1947-يىلىدىن كېيىن قايتىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى.

ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى


بۇ يىل 31-ئۆكتەبىر كۈنى يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن بىرى، 1919-1937-يىللىرىدا يەتتە سۇ ۋىلايىتى، تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق سوۋېت كوممۇنىستلىرى تەشكىل قىلغان ھۆكۈمەت بىرلىكلىرىدە يۇقىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇللا روزىباقىيېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىدۇر.
1937-1938-يىلى، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف، مۇزەپپەر يارۇللابېكوف، ئەلىيېف، قۇربانوف قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ھەر خىل ئالىي ۋەزىپىلەرنى ھەمدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر كوممۇنىست كادىرلىرىمۇ ئۆلتۈرۈلدى.

1938-1937-يىللىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاجىئەلىك يىللار ئىدى


تارىخنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك يېرى شۇكى، 1937-1938-يىللىرى ستالىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مىللەتپەرۋەرلىرى ھەتتا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئاكتىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىنى رەھىمسىزلەرچە تازىلاۋاتقاندا، ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاستىچىلىقى ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ئىتتىپاقلاشقان ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى، زىيالىيلىرى ھەم باشقىلار ئۈستىدىن دەھشەتلىك تازىلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم باشلىق شېڭ بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، سابىت داموللام قاتارلىقلارنى تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا قاتناشقان ئۇيغۇر رەھبەرلىرى شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ئۆلدى.

1937-يىلى، گېنېرال ماھمۇت مۇھىتى قوشۇنىنى تاشلاپ، ھىندىستانغا كەتكەندىن كېيىن، قايتىدىن مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىغا ئاتلانغان ئابدۇنىياز بەگ رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرى ئاستىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شېڭشىسەي پۈتۈن ئۆلكە بويىچە تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ئەنە شۇ تۇتقۇندا خوجا نىياز ھاجىم ئالدى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

1938-1937-يىللىرى، چېگرىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاجىئەلىك يىللار بولۇپ، چېگرىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ياراملىق پەرزەنتلىرى، ئالىملىرى، مەدەنىيەت -مائارىپ ھەم جامائەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلىرى، پىداكار باتۇرلىرى، ھەقىقىي دىنىي ئۆلىمالىرى، قىسقىسى، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەۋلادى جاللاتلارنىڭ قولىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. رابىك ئىسمايىلوف ھەر ئىككىلا تەرەپتىكى تەقىپلەشلەر ۋە ئۆلتۈرۈشلەرنىڭ باش جاللىتىنىڭ يەنىلا شۇ ستالىن ئىكەنلىكىنى ئەسلەتتى .

      مەنبە ( ئۇرخۇن مۇنبىرى)


______ جۇدا تەستىقلىدى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 20:47 چوققىغا قايتىش
barmak



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 14
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


(ئۇيغۇر پۇيغۇر دىگەننى يوقات، دىن ھەممىدىن ئەلا، بولمىسا بۇ مۇنبەردە ھايات يۈرىشىمەن، قايتا كىرىمەن دىيىشمە، چۈنكى مۇنبە ر يېقىندا مىللەتچىلەرنى تازىلاشنى قارار قىلدى.
مەن مۇنبەردىن مىللەتچىلەرنى ، دىندىن نارازى بولغانلارنى ھەتتا ئازراق گۇمانى پىكىرلەرنى دىگەنلەرنىمۇ تازىلاپ ئۇلارنى مۇنبەرگە كىرەلمەس قلىۋىتىشنى تەلەپ قىىلدىم. شەبنەم جامائىتى ۋە مەمۇرىيىتى بۇ قارارنى قوللايدۇ. ئاللا خالىسا. BBS.xabnam.com din kochuruldi)

قاچانغىچە نادانلىقىمىز تۇگىمەيدۇ........
ئەقىللىق مۇسۇلمان بولايلى.ئاللا رەخمەت قىلسۇن...


Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-09 11:52 چوققىغا قايتىش
kukbax

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 148
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 1480 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:27(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ جىڭ مۇللا ،جىڭ ئاپپاق خۇجىنىڭ مۇرتى ئوخشايدۇ.ئاخشام چىلىمنى كۆپ تارتىپ ئازراق كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ. قۇلىڭدىن كەلسە مىنى ئۆچىرۋەت. پۇشايمىنىم يوق .ھەي مۇللىچاق سەن مۇسۇلمان ئەمەس،جەدىتسەن. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلېرى سىنىڭ گىپىڭگە ئىشىنىدىغان ۋاقىت كەلمەسكە كەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئازغۇننىڭ كەينىدىن ماڭماسلىقىنى ئاللادىن تىلەيمەن.

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-09 13:20 چوققىغا قايتىش
salam1023



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 21
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


jingmolla دىگەن مۇناپىق غالچى ئىلاھىم تىزراق ئۈلەرسەن سەندەكلەر ھەقىقى مىللەتنىڭ داشقاللىرى مۇناپىق

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-09 13:29 چوققىغا قايتىش
KANAYA



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يۇرتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، ئىتتىپاق بولۇپ تىرىشىپ ئىلىم - ھېكمەت ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-09 13:52 چوققىغا قايتىش
soda



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەستاخپېرلا   مەن گەپ قېلماي   باكا سوزلېسەم توختېماي دېغاندەك تۇرېمەن

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-10 18:25 چوققىغا قايتىش
GUGUM0997

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 46
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ جىڭ مۇللا ،جىڭ ئاپپاق خۇجىنىڭ مۇرتى ئوخشايدۇ.ئاخشام چىلىمنى كۆپ تارتىپ ئازراق كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ. قۇلىڭدىن كەلسە مىنى ئۆچىرۋەت. پۇشايمىنىم يوق .ھەي مۇللىچاق سەن مۇسۇلمان ئەمەس،جەدىتسەن. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلېرى سىنىڭ گىپىڭگە ئىشىنىدىغان ۋاقىت كەلمەسكە كەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئازغۇننىڭ كەينىدىن ماڭماسلىقىنى ئاللادىن تىلەيمەن.

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-10 19:08 چوققىغا قايتىش
tiniq-xamal
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1402
شۆھرەت: 1437 نۇمۇر
پۇل: 12136 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:484(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشى ئۈچۈن
بىرىنچىدىن : ھاراق ،تاماكىنى تاشلاشتىن باشلايلى.
ئىككىنچىدىن : ئەبجەش گەپلەرنى تاشلايلى .
ئۈچۈنچىدىن : بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى.


Nurluk elani

بىر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۆلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش،
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭگىراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-10 21:06 چوققىغا قايتىش
yadikar.r



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 51
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
پۇل: 510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:48(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


(ئۇيغۇر پۇيغۇر دىگەننى يوقات، دىن ھەممىدىن ئەلا، بولمىسا بۇ مۇنبەردە ھايات يۈرىشىمەن، قايتا كىرىمەن دىيىشمە، چۈنكى مۇنبە ر يېقىندا مىللەتچىلەرنى تازىلاشنى قارار قىلدى.
مەن مۇنبەردىن مىللەتچىلەرنى ، دىندىن نارازى بولغانلارنى ھەتتا ئازراق گۇمانى پىكىرلەرنى دىگەنلەرنىمۇ تازىلاپ ئۇلارنى مۇنبەرگە كىرەلمەس قلىۋىتىشنى تەلەپ قىىلدىم. شەبنەم جامائىتى ۋە مەمۇرىيىتى بۇ قارارنى قوللايدۇ. ئاللا خالىسا. BBS.xabnam.com din kochuruldi)

قاچانغىچە نادانلىقىمىز تۇگىمەيدۇ........
ئەقىللىق مۇسۇلمان بولايلى.ئاللا رەخمەت قىلسۇن... BBS.xabnam.com din kochuruldi
بىزدە مۇشۇنداق قىپقىزىل ساراڭلارمۇ بار مىللەت ئىچىدىن مۇشۇنداقلارنى يوقۇتايلى!ئىسمىڭ بارماق ئوخشايدۇ...بارىدىغان بىرلا يېرىڭ بار ئۇ بولسىمۇ (دوزاخ)


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-10 21:45 چوققىغا قايتىش
bariber

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 313
شۆھرەت: 314 نۇمۇر
پۇل: 3130 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:80(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەي، مۇسۇلمانلار ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان مۇناپىقلار قاچانمۇ تۈگەر؟

Nurluk elani

مالىك
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-10 22:02 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-19 05:16, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije