>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> 6-دەرس:تارقىلىشچان گۈرەن بەز ياللۇغى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 203 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : 6-دەرس:تارقىلىشچان گۈرەن بەز ياللۇغى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 3737
شۆھرەت: 3944 نۇمۇر
پۇل: 20740 سوم
تۆھپە: 247 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:390(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
6-دەرس:تارقىلىشچان گۈرەن بەز ياللۇغى

6-دەرس:تارقىلىشچان گۈرەن بەز ياللۇغى
تەييارلىغۇچى:ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

بۇ كېسەل گۈرەن بەز ياللۇغى ۋىرۇسىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كىسەللىكى بولۇپ،ئاساسلىقى بالىلار ۋە ياشلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.
كېسەل مەبىيى:
گۈرەن بەز ياللۇغى ۋىرۇسى بولۇپ،بۇ ۋىرۇس ئولتىرا بىنەپشە نۇرغا سەزگۈر ،تىمپۇراتۇرا 55~60 سېلسىيە گىرادۇستا ئۆلىدۇ.
ئېپدوملوگيەسى:
يۇقۇملىنىش مەنبىيى:
گۈرەن بەز ياللۇغى بىمارى ۋە يۇشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار كېسەل مەنبەسى بولىدۇ.قوزغىلىشتىن 3 كۈن بۇرۇندىن باشلاپ قوزغۇلۇپ 4- كۈنىگىچە يۇقۇشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك.
تارقىلىش يولى:
ھاۋادىن ئېغىز بوشلىقى شىللىق پەردىلىرىگە،بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىگە كىرىش ئارقىلىق يۇقىدۇ.
سەزگۈر كىشىلەر:
ھەرقانداق ئادەم ئومۇمىيۈلۈك سەزگۈر(ئاسان يۇقۇملىنىدۇ).

تارقىلىش ئالاھىدىلىكى:
ھەر يەر ھەر پەسلىدە يۈز بېردىغان بولۇپ،قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ.5~10 ياشتىكىلەردە كۆپ كۈرىلىدۇ.يەسلى،مەكتەپلەردە كىچىك دائىرىدە تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كىلىنكىلىق ئىپادىسى:
يۇشۇرۇن مەزگىلى 14--21 كۈن بولىدۇ.يىنىك قىزىيدۇ بېشى ئاغرىيدۇ،1--2 كۈندىن كىيىن گۈرەن بەز ئىششىشقا باشلايدۇ،كۆپىنچە ئاۋال بىر تەرەپ ئىششىيدۇ،2--4 كۈندىن كىيىن يەنە بىر تەرپىمۇ ئىششىيدۇ.قۇلاق يۇمشىقىنى مەركەز قىلىپ ئىششىيدۇ،ئۈستى قىزارمايدۇ،ئۇششۇقنىڭ ئەتىراپى چىگرىسى ئېنىق ئەمەس،باسسا ئىلاستىكىلىققا ئىگە،ئاغرىيدۇ،تاماق چايناش ۋە ئاچچىق-چۈچۈك يىمەكلىكلەر شۇ يەرلىك ئورۇننىڭ ئاغرىقىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.ئېغىرلىرىنىڭ تىل ئاستى بېزى،جاۋغاي ئاستى بېزىمۇ ئاغرىيدۇ.ئەگەر ئەگەشمە كېسەللىكى بولمىسا بىر ھەپتە ئەتىراپىدا ساقىيىپ كىتىدۇ.

ئەگەشمە كىسەللىكلىرى:
1.مېڭە پەردە ياللۇغى.%15 بىماردا مېڭە پەردە ياللۇغى ئەگىشىپ كېلىدۇ.گۈرەن بەز ياللۇغى قوزغۇلۇپ،4--5 كۈن ئىچىدە بىمارنىڭ بېشى ئاغرىش،ئۇيقۇسى كىلىش،مېڭە پەردىسى غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.ئەگەر مېڭە پەردە ياللۇغى ئەگىشىپ كەلسە يقىرى قىزىتما،جۆيلۈش،تىتىرەش ھەتتا ھوشىدىن كىتىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.
2.«تاش بۆرەك» ياللۇغى،ياشلىق مەزگىلدىكى ئوغۇل بىمارلاردا كۆرىلىدۇ.گۈرەن بەز ئىششىقى يېنىشتىن باشلاپ،«تاش بۆرەك» روشەن ئىششىش،ئاغرىش بولىدۇ،«قوشۇۇمچە تاش بۆرەك» ياللۇغلىنىش،«تاش بۆرەك» خالتىسى سولۇق ئىششىقى كۆرىلىدۇ.كۆپىنچە بىر تەرەپتە كۆرىلىدۇ،ئۈچتىن بىر قىسىم بىماردا ھەر ئىككىلى تەرەپتە كۆرىلىدۇ.10 كۈن ئىچىدە ياخشىلىنىدۇ،ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملىرىدا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.تۇخۇمدان ياللۇغى،%5 ياش قورامىغا يەتكەن ئاياللاردا كۆرىلىدۇ،ئوڭ تەرەپ تۇخۇمدان ياللۇغى ئالامەتلىرى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئالامەتلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ،ئادەتتە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
4.ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى.%10 دىن تۆۋەن بىماردا ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى كۆرىلىدۇ،گۈرەن بەز ئىششىپ نەچچە كۈن ئىچىدىلا، بىماردا كۆڭلى ئېلىشىش،ياندۇرۇش، يۇقۇرقى قوساق قىسمى ئاغرىش، باسقاندا ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.

ئالاھىدە ئىپادىللىرى(دىئاگنۇزدىكى مۇھىم نۇقتىلار):
1.قۇلاق يۇمشىقىنى مەركەز قىلىپ گۈرەن بەز ئىشىش ھەمدە ئاغرىش.
2.ئاچچىق-چۈچۈك يىمەكلىكنى يىگەندە ئاغرىق ئېغىرلاش.
3.قان تەكشۈرگەندە كىراخمال ئېنزىمى يۇقىرلاش.

داۋالاش:
(قىسقارتىلدى)
1.ئادەتتىكىچە بىر تەرەپ قىلىش.
2.ئەگەشمە كىسەللىكلىرىگە قارىتا داۋالاش.
3.دورا ئىشلىتىش.

ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتۇرۇل قىلىش:
1.بىمارنى ۋاقتىدا بايقاش،باشقۇرۇش،3 ھەپتە ئايرىپ داۋالاش.
2.بىمار بىلەن ئۇچىراشقاندا ماسكا تاقىۋېلىش.
3.ئاسان يۇقۇملىنىدىغان سەزگۈر كىشىلەر توپىنى قوغداش،قىزىل-يەلتاشما-گۈرەن بەز ياللۇغى ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسىنى ياكى گۈرەن بەز ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش.


Nurluk elani

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 13:51 چوققىغا قايتىش
Rexisur

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 296
شۆھرەت: 297 نۇمۇر
پۇل: 2960 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


Ark-zat   رەھمەت سىزگە .                                                                                             .

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 14:25 چوققىغا قايتىش
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 903
شۆھرەت: 1121 نۇمۇر
پۇل: 9116 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:843(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قىزىم كىچىك چېغدا دەل مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ، سەل قىزىپ ئاندىن ئوڭ زاڭىقى تەرەپ ئىشىغان .بەك قوققان ئىدىم . ئۇندىن كىيىن زادى ئۇنداق بولمىدى ،ئەمما سەل قىزىسىلا   دىققەت قىلىپ تۇرىمەن . رەھمەت سىزگە ئەرك-زات .دەرسىڭىزگە ئىزچىل ئىشتىراك قىلۋاتىمىز .

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 14:33 چوققىغا قايتىش
Gul~Zapar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 38
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:17(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەركزات ئەپەندى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر نىڭ يۇقۇش يوللىرى ، ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش توغرىسىدا تىببى ساۋاتقا ئىگە بولۇشىمىز ئۈچۈن كۆپ ئەجىرلەر سىڭدۈرىۋاتىسىز شۇ سەۋەپتىن سىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت.

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 14:34 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 360
شۆھرەت: 361 نۇمۇر
پۇل: 3600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:104(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كەچۈرۈڭلار ،خەنزۇچە گەپ قىلىدىغان بولدۇم، بۇ ھىلىقى «سەيشىيەن يەن » دىگەن شۇمۇ؟

Nurluk elani

پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس.
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 14:53 چوققىغا قايتىش
intezar11
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 4771
شۆھرەت: 4793 نۇمۇر
پۇل: 48360 سوم
تۆھپە: 88 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:403(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ كىسەل توغرىسىدا خىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالدىم ،رەھمەت سىزگە!!

Nurluk elani


[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 14:57 چوققىغا قايتىش
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 3737
شۆھرەت: 3944 نۇمۇر
پۇل: 20740 سوم
تۆھپە: 247 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:390(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 4 جى قەۋەتتىكى nur-ziya نىڭ 2007-11-08 14:53 دە يوللىغان يازمىسى“”:
كەچۈرۈڭلار ،خەنزۇچە گەپ قىلىدىغان بولدۇم، بۇ ھىلىقى «سەيشىيەن يەن » دىگەن شۇمۇ؟

دەل شۇ،يەنى:
流行性腮腺炎



شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 15:12 چوققىغا قايتىش
butterfly

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 481
شۆھرەت: 502 نۇمۇر
پۇل: 4800 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:524(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇنى گال ئاغرىقى دەپ بىلەتتىم ، كىچكىمدە ھەر ئايدا بۇ كىسەلگە يولقۇپ قالاتتىم.
ئەركىزات ئەپەندىم ، يوللىغان دەرىسلىڭىزدىكى ھەممە كىسەلگە مەن يولقۇپ بىقىپتىمەن . قارغاندا تازا بىر كىسەلچانمۇ مەن . يەنى تىخى قۇلاق ئىچىقش دىگەن بىر كىسەللىك بار ئىدى .


Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 15:29 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 360
شۆھرەت: 361 نۇمۇر
پۇل: 3600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:104(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت ئەركىزات !سىڭلىم كىچىك چىغىدا مۇشۇ نەس كىسەل يۇقۇپ داۋاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋەتكەنلىكى سەۋەپلىك ئوپراتسىيە قىلىنىپ ئوڭ تەرەپ ئېڭەك ئاستى تارتوق بولۇپ ساقايدى! ھازىرمۇ بەزىدە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۋەتسە يىرىڭ ئارلاش سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ. تورداشلارنىڭ بۇ كىسەلگە سەل قارىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن !


پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس.
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 15:30 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-11 15:35, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije