MUg☆DAx
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-07
|
دوستۇمغا
دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ دوستى بولىدۇ ئەلۋەتتە ،جۈملىدىن سىزنىڭمۇ مىنىڭمۇ شۇنداق،دۇستلۇق ئۇلۇغ مۇقەددەستۇر ،ئەمما ئارىمىزدا شۇ ئۇلۇغ مۇقەددەس نامغا داغ كەلتۈرىدىغان مۇناپىقلارمۇ ئاز ئەمەس،شۇ ۋەجىدىن بىر دوستۇمغا ئاتاپ يازغان شېئىرىم ئارقلىق بارلىق تورداشلار بىلەن ئور تاقلاشماقچىمەن ........... ئەجەپ ئشەنگەن ئىكەنمەنغۇ دوستۇم ساڭا، ئاغزىڭدا كۈلكە ،قوينىڭدا گەر پالتا تۇرسا. قېلمىشىم ئۈلۈكتىن جان سوراش بوپتغۇ-ھە؟ رەنجىمەيمەن ئشەنگەن گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرسا.
قەلبىمنىڭ سۇلتان تەختىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ، ئەقىدەم يۈزىگە ئۇردۇڭغۇ رەھىمسىزلەرچە شاپىلاق. ئېيتقىنا دوستۇم ئېيتقىنا قېنى، گۇناھىم زادى نېمە ؟ بېرەر قېتىم بولسىمۇ ئادىللىق تەختىدە تۇرۇپ .
ئەپسۇس ،سەن ئۇچۇن شۇ ھىلىگەر كۈلكەڭ ، دەسمايە بوپ بېرىپتۇ نىقاپ ساڭا . ۋاپا تەختىدە تۇرۇپ بىۋاپالىق كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ، كىملەرنى قاپقىنىڭغا دەسسىتەر سەن يانا.
بولدى دوستۇم يېراق -يېراق تۇرغىن مەندىن ، ئالدانغانلىرىممۇ يېتەر بولدى بەس ،كېتىۋەرگىن . بىر كۈنلەردە سەنمۇ نادامەت يېشىڭنى تۈكۈپ ، ئەپۇ سورارسەن شۇ بىگۇناھ قەلىپلەر دىن . < ئىتنىڭ دوستى بولمىغىنىدەك ۋاپاسىز ئادەمنىڭمۇ دوستى بولمايدۇ .>
ئەركزات تەستىقى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-08 12:18 |
| |