ئەرلەر تامچىلىماقتا
ئەرلەر تامچىلىماقتا زاماندىن زامانغا ،
تارىختىن تارىخقا،
ئوغۇزغان ئاق ئاتنى مىنىپ نۇرانە ،
تەڭىرىتاغ كۆكسىدە قالدۇر غاندا ئىز ،
يوق ئىدى ئۇنىڭغا تەڭداش بىر ئەركەك .
يوق ئىدى رەقىپلەر يوق ئىدۇق سىز بىز ،
جاھان كۆكسى ئۇنىڭغا بولدى داستىخان ،
رەقىپلەر ئۇنىڭغا بولدى ساھىپخان .
جاھاننىڭ ئىتىگى مۇلايىم ئانا ،
يىپىنچا بولدى ھەم كەڭرى كۆك ئاسمان ،
ئاتىللا تەڭداشسىز پەھلىۋانلىقتىن .
ھوۋلىدى بۆرىدەك رەقىپلىرىگە ،
ئالتايدىن ئات مىنىڭ رىمغا بارغاندا ،
ئوت چاچرىتىپ تۇلپارنىڭ توياقلىرىىدىن،
تىتىرىدى رىم خەلقى بىشىغا ياغقان ،
تەسۋىرلەپ بولغۇسىز كۆلپەت ئەلەمدىن ،
تەڭرىىنىڭ قامچىسى كور قىلدى كۆزىنى ،
دىيشتى كۆيئوغل قىلايلى ئۇنى ،
مىھمان دەپ چىرايلىق كۆتەيلى ئۇنى ،
ئۇرۇق تۇققان بۇلۇشتىن باشقا ،
يوقتۇر رىمنىڭ بىر چىقىش يولى ،
ھوۋلىغان قۇملۇقتىن چىقىپ پەيغەمبەر ،
ئات مىنىپ جاھاننى كەزدى بىر زامان ،
دىنسىزلار ئىگىلدى قۇلدەك مۇلاھىم ،
يالتىرىغان قىلىچ ئالدىدا ،
قىلىچ ئەمەس ئىدى تۇتقىنى ،
ئىمان ئىدى ھەقىقەت ئىدى ،
ھەقىقەت ئالدىدا تۇمەنمىڭ كاپىر ،
تىترىدى ، تىترەشتە بىلدى ئىېسلامنى ،
سىپارتاك بىلەتتى ئۇلىدىغىننى ،
قىستىدى ئەركىنلىك جاننى تىكىشكە،
ياشاشمۇ ئۇلۇمدىن پەرقى بولمىغان،
ھاياتنى غەزەپتە قىلدى مىڭ پارە ،
بىر بۇيۇك پەلسەپە يارالدى دىلدا ،
ئەركىن ئادەملەر ئۆلسە ھاياتنىڭ لەززىتىدىن مەھرۇم ،
قۇللار ئۆلسە ھاياتنىڭ ئازالرىىدن مەھرۇم ،
سىپارتاك -
بۇ نىيەت ئۇندىدى ئۇنى جەڭلەرگە ،
ئەركىنلىك بايرىغى لەپىلدەپ پەس ،
ئۆچۇردى خائىننىڭ سۇيى ئوتىنى ،
ئەرلەر تامچىلىماقتا زاماندىن زامانغا ،
تارىختىن تارىخقا ،
بۇ ئالەم دەھشەتلىك توپان ئىچىدە ،
ئىڭىرغانچە بولغاندا ۋەيران ،
يوقالماق بولغاندا كەلدى ئەلچى نوھ،
كىمە ياساپ بارچە جانلىقنى ،
ساقلاپ قالدى بالا قازادىن ،
زەيتۇن چىشلەپ ئۇچتى كۆك كەپتەر ،
قۇتقۇزماق بۇلۇپ ئىنسانىيەتنى،
باشلاش ئۇچۇن ھەققانىيەتكە ،
زەڭگەر رەڭلىك كائىنات شۇ دەم ،
باش قويۇپ يىغىلىماق بولدى تاغلارغا ،
تاغلار ئېرىدى . قۇملار ئېرىدى،
يەر شارى تىترىدى . قوياش تۇتۇلدى،
ئىتىقاددىن باشقا يولنى بىلمىگەن ،
ئاجىز ئىنسان قايسى يولدا مىڭىشنى بىلمەي ،
گاڭگىراش ئىچىدە قان قان يىغلىدى ،
مەڭگۇلۇك جىنايەت ھۇكۇم سۇرگەن ،
ئاجىزلارنى ئەزگەن ئۆلتۇرگەن ،
يۇۋاشلارنى قاڭغىر قاخشىتىپ،
بىشىدىن قەدەھ ياساپ ،
تىرسىدىن كىتاپ پۇتكەنلەر،
پولتايغان كۆزلەردىن چاچىرىغان غەزەپ،
تىقتى ئۇلارنى شۇ دەم گۆرىگە ،
جاھان كىمنىڭ بۇ دۇنيا كىمنىڭ ،
مەڭگۇلۇك ھەقىقەت سىنڭىمۇ مىنىڭ ؟
شان شۆھرەت قۇللىرى قولىدا ئۆلگەن ،
جاننىڭ ئىگىسى ققىممىتى كىمنىڭ ؟
سۇئاللار قىستاپ كەلگەندە تارىخ،
جاھان كەزگەن مەردۇ مەردانلار ،
ئالتۇن تاج ئۇچۇن چىققان قىلىپتىن،
ئىنسانلىق پەسلىگە قايتىپ كەلگەندە ،
تىترىدى ئەڭ ئاجىز سۇئال ئالدىدا ،
ئەرلەر تامچىلىماقتا زاماندىن زامانغا ،
تارىختىن تارىخقا ،
تامچىلىماقتا يامغۇردەك گويا ،
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا ،
زاماننىڭ كۆكسىگە ھەمدە قۇملۇققا ،
ئارالغا داۋانغا باغۇ بوستانغا ،
تاغلىققا ئتىىزغا قوغۇنلىقلارغا ،
ياۋۇزلۇق بىر مەھەل سۇرگەندە ھۇكۇم ،
تىرىلەر بىچارە بىر ھاكىميەت ،
ئىزىلىش ئىچىدە يوقىلار مىللەت ،
مىللەتنىڭ بىشىغا دەسسەيدۇ مىللەت ،
ياۋايى چىنگىزخان ئات مىنىڭ تەنھا ،
قاچقاندا ئۇلۇمدىن باللىغىدىن ،
ئالدىغا ئۇچۇردى بىر دانە قىلىچ ،
تىكلىمەك بولدى ئۇ قەددىنى بىردىن ،
يىغىلدى ئات مىنىپ قىران يىگىتلەر ،
يايلاقتىن سەپەر قىلدى شەھەرگە ،
كالىلىدىن مۇنارلار تىكلەندى شۇ دەم ،
تاش كەبى ئىغىرلىق ئىچىدە قەدەم ،
ئۇلۇمگە يۇزلەندى يزلەندى بارچە ،
دۇنيادا مۇڭغۇل بولمىغان ئادەم ،
ئاتنىڭ توياقلىرىدا ئىزىلدى شەھەر،
قىلىچنىڭ سۈرىدىن سىلىكندى قەشقەر ،
ئىلىمنىڭ كۇچىدە ئەتىۋار بۇلۇپ،
بىر مىللەت ھۆرمەتنى تاپقاندا شۇ چاغ ،
ئۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ قىلىشنى ئويلاپ ،
ئىلىم سالدى ئۇنىڭ دىلىغا ،
ئۇيغۇردىن چىققان بۇيۇك بىر پەدەر،
دەسسەلدى ھەيۋەتلىك تاشكەنىت بازىرى ،
تۆمۇرچى . تۆمۇرلەر . ياغاچچى موزدوز ،
ئۇلۇم دىگەن دەھشەتلىك سۆزدىن ،
باشقا سۆزلەر قىلىنماس بولدى،
ئوتتا كۆيدى غەمكىن بۇخارا ،
كۆيدى ئوتتا تارىخى ئەمگەك ،
رەقىپكە كۆكسى قالقان ئاجىز بۇ مىللەت ،
ئىزىلدى شۇ قەدەر بىچارىلەرچە ،
تۇمۇر لەڭ ئىلىدىن قاچقان ئاشۇ كۇن،
تۇغلۇققا بىر چىنە زەھەر بىرلىدى ،
قىرىققا بارمىغان ئوغلان يىقلىدى ،
ھازا تۇتتى پۇتكۇل يەر جاھان ،
ھەم ئۆزىگە كولاپ قويدى گۆر ،
ئىسلام ئۇچۇن ئوت ئاچقان ئىنسان ،
ئۆلسە شۇنداق بىئىلاجلىقتا،
ئىيتە قىنى يەنە كىم چىدا ،
ئاقساقمۇ ياراتماق بولدى بىر تارىخ،
چىنگىزخان كەبى كالىدىن تىكلەپ مۇنار ،
ئادەم ئۆلتۇرۇشكە ئىدى ئۇ خۇمار ،
بويلاپ مىڭىپ چىنگىز ئىزىنى ،
ئەگدى تالاي ئىنسان بىشىنى ،
يۇكۇندى ئۇىڭغا تالاي ئەركەكلەر ،
ئاجىزلىق دەستىدىن ئايرىلدى تەندىن ،
ئەرلەرنىڭ ئارمانلىرى تامچىلىدى ،
قىنى تامچىلىدى ،
ئەرلىگى تامچىلىدى ،
قىلىچقا ئايالغا ،
دۇنياغا يەرگە ،
تارىخقا كەلگۇسىگە ،
ئۆمىت ئارزۇغا ،
كۆكلەپ چىقتى باغ بوستان بۇلۇپ ،
ئۇلارنىڭ ئارزۇدا ئالغان تىنىغى.
نازۇك چىمەن تەھرىرى