مۇھەببەت ئۈستىدە يازمايمىز داستان
(ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات)
كۆز ئەمەس يىغلايدۇ مەسۈم كۆڭۈللەر،
قىيالماي ئاشۇ پاك تەلپۈنۈشلەردىن.
سەمىمى تىلەكلەر تىلىشىپ مەجبۇر،
قۇتۇلماق بولۇشتۇق زارىقىشلاردىن،
ئۆزلىكنى ئىزدىدۇق قايتا ئويلىنىپ،
تەغدىرگە يۈكلىدۇق ھەممە گۇنانى.
مۇھەببەت باپىدىن سۆزلىمەسلىككە _
قىلىشتۇق ناتىۋان دىلدىن دۇئانى .
«دىلبىرىم»دىيەلمەي بىرەر قېتىممۇ،
ئىمكانسىز چىكىندىم ئارقىمغا مەنمۇ.
«ئەركەمسەن» دىيىشكە پېتىنالمىدىڭ،
قىيالماي يىغلىدىڭ، يىغلىدىڭ سەنمۇ.
بۇ تۇيغۇ قىلمىدى بىزنى گۇناھكار،
قەلىبنى ۋەيرانە ئەيلىسىمۇ گەر.
ئىسمىمنى ئۇنۇتما تەلىۋىم شۇدۇر،
يالغۇزلۇق پەيتىدە ئۆزەڭگە دەپ بەر.
مۇھەببەت ئۈستىدە يازمايمىز داستان،
چۈنكى ئۇ بىزلەرگە خائىنلىق قىلغان.
.........................................
.........................................